ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى «ئويغان خەلقىم، يارادۇر قەلبىم…» ناملىق كىتاپتىن ئارىيە پۈتۈن ئۆمرىنى ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن ئاتاۋەتكەن سۆيۈملۈك، قەيسەر ئوغلان، مەرھۇم كۆرەش كۈسەننىڭ ئاخىرقى ئىجادىيەت ناخشا تېكىستلىرىنىڭ بىرىدە بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىكى بىزنىڭ ھالىتىمىز، نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكى شۇ قەدەر چوڭقۇر مەنا بىلەن ئوچۇق، روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. ناخشا تېكىستى: ئەرەبلەر بېرىدۇ دەپتىم، تۈركلەر بېرىدۇ دەپتىم، بىز […]

9-سېنتەبىر كۈنى «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقلىق كېڭىشى» ساھىبخانلىق قىلغان سەييرو زالىدا ياپونىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سياسەت پائالىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلھام مەھمۇتنىڭ «ئۇيغۇرۇمدا ياشلىغىم» ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پالىيەت ئوتكۇزۇلدى. پائالىيەتكە شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سياسى ساھەدىكى ياپونىيەلىك زاتلار ۋە زىيالىيلار قاتناشقان. ئىلھام مەھمۇت ئۇزۇن […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى، 1-ئاۋغۇست ئۇيغۇر شائىرى، يازغۇچى، رىژىسور تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ « «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق ئەسلىمە ئەسەر پېنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سلىندى. مەزكۇر كىتاپ-تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2017-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تۇتۇشلىرى ۋە بىر يۈرۈش جىنايى قىلمشلىرى ئىنچىگە سۈرەتلەنگەن ئەسلىمە […]

ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 12- سىنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ« شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

ختتاينىڭ قورقۇنچلۇق كەلگۈسى نازارەت دۇنياسىنى پاش قىلىش:

ئاپتور جىئوففىرى ف كاينى -بۇ نازارەت سستىمىسنىڭ بىر يالغۇز شەخس تەرىپىدىن پىلانلانمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇپەتتىشى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىم تەرىپىدىن يېزىلغان<< قىزىل قىيامەت >> تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشردىن چىقتى

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا غايىب بولغان شېھىتلەر ھەققىدە توپلانغان ئەتراپلىق دوكلاتلار ئاساسىدا نەشرگە تەييارلانغان.

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللانغان مەكتۇپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتۇپلار ئىچىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا يوللانغان مەكتۇپلاردىن تەركىپ تاپقان.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.

ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى رەسمىي پۈتۈپ، ئۇيغۇر كىتاب تورى ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلار ئامبىرى تورىدا ئېچىۋېتىلدى.

دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «سىياسىي سەھنەدىكى زاكىروفلار» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 2-تومىدۇر.