قەلەم سۆزلىسە، ئالەم تىڭشايدۇ…

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ تۈركچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 7- ماي

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ زور يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا چەكلىنىشى، ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى كىشىنى ئەندىشىگە سېلۋاتقان بولسىمۇ، ۋەتەن سىرتىدىكى ساناقلىقلا يازغۇچى شائىرلار بار ئىمكانى بىلەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا. ‌تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن «تارىخ ئۇنتۇپ‌ كەتكەن ئايال — ئامىنە بۇغرا» دېگەن كىتابى نەشىر قىلىنغان، شۋېتسىيەدە‌ ياشاۋاتقان شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «جىمجىتلىقنىڭ‌ ھىكايىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، يېتىلىۋاتقان ياش شائىر ئامىنە ۋايىت سەدەف تەرىپىدىن تۈركچىلەشتۈرۈلۈپ، تۈركىيە ئاستانە نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

 

«جىمجىتلىقنىڭ ھىكايىسى» شائىرنىڭ مۇھاجىرەتتە يازغان بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلىرى بولۇپ ، شائىر ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش، ھەسرىتىنى، ۋەتەندىكى زۇلۇملارنى، لاگېرلاردىكى ئاياللارنىڭ قىسمەتلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيەتلىرنى گۈزەل شېئىرىي ئىبارىلەر بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگەن.

 

كىتاب نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇن تەرجىمە تەھرىرلىكىنى قىلغان بۇرسا ئۇلۇ تاغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت، دوكتۇر ئەردەم ئۆز دەمىر، ئېگە ئۇنىۋېرستېتىدىن پروفېسسور، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق ئۇستازلار كىتابقا يۇقىرى باھالارنى بەردى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تونۇتۇشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

 

كىتابنىڭ ئىملا تەھرىرلىكىنى قىلغان ئەنقەرە ھاجى تەپە ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئىلياس دۇئان «مەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ شېئىرنى ئانچە ئوقۇپ كەتمەيتتىم، ئەمما بۇ كىتابنى قايتا – قايتا ئوقۇدۇم ۋە تەسىرلەندىم. بىر قانچە مىسرالارنى ئوقۇۋىتىپ، كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم. بۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىشى ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ.» دېدى.

 

كىتاب نۆۋەتتە تۆۋەندىكى تور بەتلەردە سېتىلىشقا باشلىدى:
http://‏www.astanayayinlari.com
http://‏www.patikitap.com
‏N11
‏Çiçek sepeti
‏Amazon‏Emek kitap

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ختتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشنى داۋاملاشتۇرىشغا يول قويمايدۇ.

جۈ ماي 7 , 2021
ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېلىنكىن ساھىپخان دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاپ بىلەن كۆرۈشتى. ئېلان قىلىنغان باياناتتا دىيېلىشچە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىسگە خىلاپلىق قىلىشغا يول قويمايدۇ .خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

You May Like