2024-يىلى 19-ئۆكتەبىر، پارىژ مەنبەسى:ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېجتىمائى تاراتقۇ ھېساۋاتى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگە قەدەر، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە ئالتە كۈنلۈك خەلقئارا سېكۇلەر ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادى كۆرۈنۈش، ئوخشىمىغان خىزمەت ۋە ئوقۇش، ئوخشىمىغان تىلغا ئىگە 70 چە ئۇيغۇر ياش […]
مۇھاجرەت
ئىلان قىلغۇچى: ئىھسان شۈكران 21-سىنتەبىر 2024. يىلى 09.ئاينىڭ 18 كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايۇنى كانارىيا مەھەللىسىدە ئولتۇرۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۈركىيە ساقچىلىرى سەھەر سائەت 4:00 دە باستۇرۇپ كېرىپ تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ بىرى -رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك 27 ياشلىق ئايال كىشى 1. دەرجىلىك مېيىپ، بەلنىڭ ئاستى […]
مەنبەسى: ئۇيغۇر ئسلام مەركىزى 9-ئاينىڭ 7- كۈنى ۋېرگىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى» سېتىۋالغان يېڭى مەسجىد ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئۆتكۈزدى . بۇ پائالىيەتكە مەركەز ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرى (تېكساس، نىيۇيورۇك، فىلورىدا، پېنسلۋېينىيە) دىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئىسلام […]
ئىھسان شۈكران خەۋىرى9-سېنتەبىر ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدا ئولتۇرۇۋاتقان 31 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئەفىفە 2024. يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى پەيشەنبە سەھەر سائەت 4 لەر ئەتىراپىدا، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ئىشىكلىرى چېقىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.ئەفىفە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ 4 بالىسى بۇلۇپ، بۇ بالىلار ئانىسىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە قورقۇنچ ئىچىدە […]
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ختاي پۇقراسى ھەسەن نۇرنىڭ قاتىللىق گۇماندارلىرى تۇتۇلغاندا ، قېيىن ئاكىسنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىمران ساقچىلارغا مۇنداق دىگەن : «ھەسەن نۇر (تاغام) مېنى تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى ، شۇ سەۋەبتىن ئانام- ختايدا جازاغا تارتىلدى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى» 2024-يىلى 21-ئىيۇن زەيتىنبۇرنۇ سۇمېر رايونىدا […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئېيۇن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كەسپى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئالمائاتالىق 36 ياشلىق ئۇيغۇر ياش سەئىد 2022-يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئنستگرامدا «رەقەملىك يۇرت» نامىدا مەزمۇن ئشلەپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تارقاتماقچى،قوغدىماقچى بولغان. ئونلىغان ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇن ئشلەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان سەئىد ماھىموۋ ( Said Maximov […]
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ئيۇن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 3-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان. بۇ پائالىيەت تونۇلغان پەلەستىنلىك ئۆلىما ئۆمەر سۇلايماننىڭ تېكساستىكى «ۋەلىي رېنچ ئىسلام مەركىزى»دە باشلانغان. مەزكۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام […]
دىياسپورادىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى ئىپادىلىرى ھەققىدە: ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇيغۇر مىللى كىملىك سۆيگۈسى بىلەن چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى كەلگۈسمىزنىڭ ئۈمىدلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسنىڭ چەتئەللەردە قانچىلىك جاپالاردا ياشاپ ئۆزىنى چوڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى، بوۋىلىرى، مومىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى،نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى باشقا خەلقلەر بىلەن […]
ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ياشلىرى «كومپاس» نامىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇردى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 26-ئاپرىل ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قسم ياش ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ھەمكارلىشپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تارقىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسدىدىدە «كومپاس» نامىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ چىققان. بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇزەپپەر مۇنداق دىگەن: «بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانىمىز بولسا مۇزىكا […]
ئۇيغۇر تايمىز خەلقئارا بۆلۈم قانىلى خەۋىرى:22-ئاپرىل ئامېرىكا ئاۋازى ئشلىگەن، ئىلگىرى مائارىپ ۋە كارخانىچىلىق بىلەن تونۇلغان، كىين ئامېرىكىغا كىلىپ سياسى پاناھلانغان ۋە ئامېرىكا ئاۋازى ئىنگىلىزچە خەۋەرلەر بۆلۈمدە مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر قاسم ئابدۇرىھىم كاشغەرنىڭ ھايات ھېكايىسى ئاساسى تېما قىلىنغان ھۈججەتلىك فىلىم« قورقۇنچىتىن -ئەركىنلىككىچە-بىر ئۇيغۇرنىڭ سەپىرى»ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم-نيۇيورك فېستۋالى-كىنو تېلۋىزىيە ھۈججەتلىك […]
ئائىشە ياسىن ۋەتەنپەرۋەرانە ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى، جامائەتكە پايدلىق خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئائىش ياسىن 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ، 2024-يىلى 15-ئاپرىلدا ئستانبۇلدا 53 يېشىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. ئائىشە ياسىن 1971 – يىلى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى 20 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ كېيىن ئۈرۈمچىدە […]
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-مارت ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-مارت ئىلان قىلغان Liam Scott ئىمزاسدىكى «شنجاڭدىن يىراق جايدا، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيتىنى تېرىك ساقلىماقتا»ناملىق ماقالىسدە، گىرمانىيەنىڭ مۇنىخ (بەزىلەر ميۇنىخ دەپ ئشلىتىدۇ)شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سالامەت ھاشىم (Salamet Hashim) […]
ئىسماىلجان ئىمىنوۋ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پېشقەدەم جەڭچىسى 100 ياشقا كىردى 2024-يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى ، باھار يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى بۈيۈك ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پېشقەدەم جەڭچىسى ئالىم كېبىروفنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە پاراڭلاشتىم ، ئۇ ئانام رىزۋانام مەھمۇتكىزى بىلەن بىر يېزىدا چوڭ بولغان ، شۇڭا […]
مەرھابا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 20-فېۋرال رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيىنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى خەۋىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 6 نەپەر شەخسنى تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئۇلارنىڭ ئش-ھەرىكەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ختاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىغا تەمىنلىگەنلىكى بىلەن قولغا ئالغان. يەنە بىر شەخس قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلماقتا ئىكەن.تۈركىيە […]
ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئشلىرىدا ئادوۋكاتلىق خىزمىتى قىلىپ كەلگەن ئىككى داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئشلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان. […]
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-نويابىر فاير فاكس يەرلىك خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئارلېڭتوندا ئېچىلغان بوستان رېستورانى كېڭىيىپ، ھېروندون (Herndon )غا تارماق دۇكان ئاچقان. مەزكۇر ئاشخانا ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئش باشلىغان بولۇپ، تاراتقۇلار ئۇنى ئەمدى بايقىغان. ھازىرقى ئادرېسى 1141 Elden Street دا بولۇپ، ئەتتىگەن سائەت 11 دىن كەچ سائەت 10غىچە خىزمەت […]
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلار فەيىسبوكتا ئۇچۇر قىلىپ ئۈزىنىڭ گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە تۇلۇق جاۋاب بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنى ئاساس قىلىپ رەتلەپ ئېلان قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭلار. بولسا باشقا […]
رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تالانت: بايقاش، بايقىلىش، ئۈگۈنۈش ۋە قوللۇنۇش ئارقىلىقلا تەرەققى قىلىدۇ. يانا بىر گۈزەل دۇنيانى چۈشۈنۈشنى ھالىسىڭىز، تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە دىققەت قىلغايسىز. مەن يىللاردىن بەرى ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا رەسىم كەسپىدىن دەرس ئۆتۈش ئىشلىرىمنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، گەرمانىيەدىمۇ مەندىن دەرس ئالغان گەرمان ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سەنەت ئاكادەمىلىرىدە ئوقۇپ […]
كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتەنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 3-4 ئارىسىدا توختاۋسىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيپلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى مەيلى قار، يامغۇر، […]
9-دىكابىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بۈگۈن 9ـ دىكابىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى رەسمى يۇسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ لوندون ئۇيغۇر سوتى تەرپىدىن دۇنياغا ئىلان قىلىنغان خاتىرە كۈن. بۇ كۈن ۋە 10 ـ دىكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى. نامايىشچىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى: «بىز بۈگۈن […]