دالاي لاما ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىز باسار بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2-ئىيۇل تۇرسۇنجان تەييارلىدى

14-نۆۋەتلىك دالاي لاما تەنزىن گىياتسو (Tenzin Gyatso) 21-ئىيۇل بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن دالاي لاما ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دالاي لامالىق ئورنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەكسىچە، تىبەت بۇددىزىم ئۇستازلىرى، دىنىي قائىدىلەر، دۇنيا بويلاپ بۇددىزىم مۇخلىسلىرىنىڭ تەلىپ-تەۋسىيەلىرى بويىچە دالاي لامالىق ئورنىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا يېڭى دالاي لامانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەس، دالاي لاما ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما تەنزىن گىياتسو 1935-يىلى 6-ئىيۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 90 ياشقا كىرىدۇ.

دۇنيا بويلاپ دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان پائالىيەتلەر داۋام قىلماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى»ئۆتكۈزۈلىدۇ

يە ئىيۇل 6 , 2025
ختاي ئۇزۇندىن بىرى- ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەشۋىقات قورالى، دىپلوماتىيە ۋاستىسى، ئېقتسادى تەدبىر سۈپىتىدە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئ‍شلىتىپ، كەلمەكتە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئاتالمىش 7-نۆۋەتلىك «ختاي شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى» 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 17 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت كۆپ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ختاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت-تەشۋىقاتتىن پايدىلىنىپ، […]
ختاي شنجاڭ مىللەتلەر ئۇسۇلى

You May Like