پارتلاتقۇچ: ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئەۋەتىلگەن خىتاي ھۆكۈمرانى ئالماشتى.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى سابىق مەركىزىي بىرلىكسەپ ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئەمەلدارىنى ئەۋەتتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 1-ئېيۇل

خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن چېن شياڭجياڭ ئىسىملىك يېڭى خىتاي ئەمەلدارىنى ما شىڭرۇينىڭ ئورنىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

chen xiao jiang

چېن شياڭجياڭ، مىللىتى خىتاي، جىنسى ئەر، 63 ياش (1962-يىلى تۇغۇلغان)، ئىلگىرى سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مەركىزىي بىرلىكسەپ مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.

خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئۆتكەن 8 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، ئارقىمۇ-ئارقا چېن چۋەنگو، ما شىڭرۇي، چېن شياڭجياڭ قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئەمەلدارنى نېمىشقا ئالماشتۇرغانلىقىنىڭ كونكرېت سەۋەبلىرى تېخى ئىنىقلانمىدى. ئەمما چىن شىياۋ جىياڭنىڭ بىرلىكسەپ تەجربىسى ئۇنىڭ خەلقئارا جاسوسلۇق تورى ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى، ختاينىڭ دىپلوماتىك مەنبەلىرىگە ماھىر ۋە تەسىرى بارلىقىدىن ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن، ئەمما تېخىمۇ تاكتىكىلىق ھالدا، تەشۋىقات سالمىقىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، ختاينىڭ خەلقئارادىكى دىپلوماتىك ، تەشۋىقات تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىدىن دەرەك بېرىدۇ.

خىتاي خەلق تورى مۇنداق دېدى:« يېقىندا، خ.خ.پ مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارار قىلدى: يولداش ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سەكرېتارى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدۇ، باشقا ۋەزىپىگە يۆتكىلىدۇ؛ يولداش چېن شياڭجياڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، سەكرېتارلىققا تەيىنلەندى.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دالاي لاما ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىز باسار بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

چا ئىيۇل 2 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2-ئىيۇل تۇرسۇنجان تەييارلىدى 14-نۆۋەتلىك دالاي لاما تەنزىن گىياتسو (Tenzin Gyatso) 21-ئىيۇل بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يېڭىدىن دالاي لاما ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دالاي لامالىق ئورنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەكسىچە، تىبەت بۇددىزىم ئۇستازلىرى، دىنىي قائىدىلەر، دۇنيا بويلاپ بۇددىزىم مۇخلىسلىرىنىڭ تەلىپ-تەۋسىيەلىرى […]
دالاي لاما

You May Like