ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 7-مارت ئارمان ئۆز خەۋىرىمىز: فىرانسىيەدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى (ئاۋازلىق) خەلقئارالىق ئېچىۋېتىلگەن تىل ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئاگېنتلىقىمىز بۇ ھەقتە تەپسىلاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر […]

تەييارلىغۇچى: ئابدۇرەھىم پاراچ «شاپتۇل داموللا» نامى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇناپىق» دەپ تونۇلغان ئابدۇغوپۇر داموللا _ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسى، شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە مەشھۇر بىر ئۆلىما ۋە دىنچى سۈپتىدە تونۇلغان بىر كىشىدۇ. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇ شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىپ، خوجىنىياز ھاجىم ۋە […]

تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان ختاي ھۆكۈمىتى-بىر پارتىيىلىك دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈش كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەر قانداق تۇيۇقسىز ۋەقە، ئاپەتنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئوبرازى ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارايدۇ ۋە بار كۈچى بىلەن يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يوشۇرىدۇ ياكى ساختا تەشۋىقات ئىلىپ بارىدۇ. ختاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر يۈرۈش ئاپەتكە […]

نەبىجان تۇرسۇن مىلادىيە 2023-يىلى 8-دېكابىر ئىستانبۇل ماتەمگە چۆمدى! ئەلۋەتتە، ماتەمگە چۆمگەنلەر تۈركىيەدە مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر سەر خىل پەرزەنتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىغا يېڭى بىر قۇر قوشۇلدى. تارىخنىڭ مانا بۇ قۇرلىرىغا يېزىلغان ئوغلان دوكتور پەرھات قۇربان ئىدى. […]

ئەزىز قىرىنداشلار، نۆۋەتتە ھەممە يەردە كىشلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە بەك سوغۇق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك، ئۆز-ئارا مۇھەببەت قالمىغاندا، مىللەتتىن يىراقلىشمىز، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، ۋەتەندىكىلەرنى تېخىمۇ بەك ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.مىنڭ ئاددى تەكلىۋىم، چوڭلىرىمىز،ئ‍ۇستازلىرىمىز، جامائەت ئەربابلىرىمىز-خەلقىمىزنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى، مىھىرى-مۇھەببىتى،ھۈرمىتى،ئ‍ۆز-ئارا رىشتىسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان چارىلەرنى ئويلانسا دىگەن […]

ئۇيغۇرىئان سۆزلەۋاتقان، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەممىمىزدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق چوڭ، بۈيۈك ۋە كاتتا ئارزۇ ۋە غايىلەر بار. مەسلەن: بىز ھازىر ھەممىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كۈچلۈك ھسابلانغان، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ رەزىل بولغان ختاي كومپارتىيسى ھاكېمىيتىنى مەغلۇب قىلىپ ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم -ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى […]

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە 2024-يىللىق يېڭى رىقابەتلەرگە، پۇرسەتلەرگە ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. رىقابەتلىك رېئاللىق بەزىلەرنى تېخىمۇ غەيرەتلىك قىلىدۇ. خىرىسلىق ئەمەلىيەت بەزى يېڭى كۈچلەرنى زۇلۇمغا قارشى سەپكە قوشىدۇ. بەزى يېڭى پۇرسەتلەر مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ، تونۇتىدۇ، خىتاينى تېخىمۇ ھالسىرىتىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئويلىمىغان ئىھتىماللىقلارغا دۇچ كېلىشىمۇ مۇمكىن. گەپنى رىقابەتلەردىن باشلايلى. خىتاي بۇ […]

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىر ئاي بۇرۇن بىر سىرلىق ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئېلخەتتە «ئەركىن بۈركۈت» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان بىرىنىڭ مەلۇم بىر تەتقىقاتىمغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. سىندا، تېلىفوندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم، رەت قىلدى. كەچمىشىنى يېزىپ ئەۋەتىشنى سوراپ باقتىم قوشۇلمىدى. قايسى دۆلەتتە تۇرۇدىغانلىقىمۇ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى، پەقەتلا مېنىڭ ھېلىقى تەتقىقاتىمغا ياردەم بەرگۈسى […]

شۆھرەت ھوشۇر خىتاينى چۈشىنىش تەس ئەمەس، ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاپ باققانلار ئۈچۈن، ئەمما چشەندۈرۈش قېيىن دەردىنى تارتىپ باقمىغانلارغا. يېقىندا تۈركىيەدىكى سەپدىشىمىز دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىر تېلىۋىزىيە سۆھبىتىدە خىتاينى ناھايىتى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق تەسۋىرلىدى: » شۇنداق، مەيلى ئۆتمۈش مەيلى بۈگۈن بولسۇن، دۇنيادىكى بارلىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شۇئارى ۋە تەبىئىتى ئوخشاش، ›سېنى بېقىۋاتىمەن‹ دەپ […]

ئاپتورى:  نۇرمەمەت مۇساباي 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كەيىن، دۇنيا سىياسىي  جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپلاشتى.  غەرىبنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دېموكىراتىك تۇزۇمدىكى دەۋلەتلەر بلوكى ۋە سۆۋېتلەر ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك تۇزۇمدىكى دىكتاتور دەۋلەتلەر بلوگى بولۇپ ئىككىگە ئايرىلدى.   ھەربىي جەھەتتىن ناتو بلوگى ۋە ۋارشاۋا بلوگىغا بۆلۇندى.شۇندىن ئەتىبارەن بۇ ئىككى بلوگ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن، دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە […]

«تۆھپىكار ئۇيغۇرلار »تېمىسدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىم (6) تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدىن ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ ئالدىن خەۋىرى يوق) بۈگۈن تېۋىتتردا ئۇچۇر كۆرۋىتىپ، تۇيۇقسز بىر چەتئەللىك كىشنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ شەخسى تور بېكىتىنڭ ئادېرسنى ئەۋەتكەنلىكىگە كۆزۈم چۈشتى. تور بېكەتنى ئېچىپ، ۋەتەن مەنزىرىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت فوتو-سۈرەتلەر، ۋىدىئولار ، […]

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 2022-يىلى 24-نويابىرغىچە، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە، ختاي ھاكېمىيتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش سياسىتى ئۈستىگە ، ختايدىن تارقالغان كوۋىد-19 ۋېرۇسى سەۋەبلىك شەھەر ۋە ئاھالىلارنى قامال قىلش، نورمال تېجارەت ۋە ئ‍اممىۋى-ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، خەلقنى ئاچلىققا مەجبۇرلاش سياسىتى داۋام قىلىۋاتاتتى. بۇ كۈنى ئۇيغۇرلار زىچ ئ‍ولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى […]

نەبىجان تۇرسۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-نويابىر كۈنى ئاخشام فەيىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات قىلىپ ئامېرىكىدا «ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمە يولى: شىنجاڭ تارىخى» ۋە « قوۋۇقنىڭ سىرتىدا»ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى […]

ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 16-نويابىر 15-نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن سان فرانسىسكودا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۆت سائەتكە يېقىن يېپىق سۆھبەت ئېلىپ باردى. نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىش ۋەھالەنكى دۇنيا مېدىئالىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىدا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە قانداق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ نېمىلەر ھەل قىلىندى؟ بۇ […]

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-نويابىر 8-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ ھۈججەتلىك فىلىم فېستىۋالى ( DOC NYC)دا، ئۇيغۇر يازغۇچى ئ‍ابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ھايات ھېكايىسى ئاساسىدا ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يورۇتۇپ بىرىلگەن «نېقاپ ئارقىسدا »  (Behind the Mask)ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلغان. مەزكۇر ھۈججەتلىك فىلىم – رىژىسور خاۋدرد باستنىس (haavardbustnes )تەرىپىدىن […]

بىز تۇنجى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغاندا مۇسۇلمان دۇنياسى تېخى جۇمھۇرىيەت دېگەن سۆزنىڭ قۇرئاندا بار يوقلۇقى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقان ۋە تالىشىۋاتقان ئىدى. بۇ تالاش تارتىش تېخىچە ئۇلاردا بىرەر نوپۇزلۇق جاۋاپقا ساھىپ بولالمىدى. ئەمما ئەجداتلىرىمىز دۇنيادا تۇنجى ئىسلام بىلەن ئاتالغان جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقتى. بىز تۇنجى ئاساسى قانۇننى ئېلان قىلغاندا تېخى ئىسلام دۇنياسىدا دۆلەتنى، پۇقرانى ۋە […]

ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-نويابىر خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۈئەل ماكرون بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا زىيارەتتە بولغان. «فىرانسىيە ئاگېنتلىقى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، 1-نويابىر ماكرون قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە پىرېزىدېنت توقايېف بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ […]

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ‎مەن «ئەتىرگۈللەر» ناملىق بۇ شېئىرنى ئۇچ يىل بۇرۇن 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ يازغان ئىدىم. بۇ شېئىر 2023-يىلى 21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىلىق پۇقرالارنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپتۇ. بۇنى بىلىپ ھاياجاندىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم ….. دۇنيادا بىز كۈتمەيدىغان ئاجايىب ئىشلار […]

ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات «دۇنيا گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى « تېررورلۇق كەيپىياتى سۇسلاشتى، ئەمما باستۇرۇش ۋە قورقۇنچ يەنىلا مەۋجۇت» تېمىسىدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.. مەزكۇر ماقالىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان «دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرى فخېدېغىك لۆمەتخ Frédéric Lemaître ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: « مەلۇم […]