تايلاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا بېسم

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

دۆلەتلەر سىياسەت قارارلىرىنى بەلگىلەشتە، ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ مەنپەئەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي ياردەم، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر، دۆلەت ئوبرازى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تايلاند ھۆكۈمىتى، تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ختايدىن، ئېقتىسادىي، تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي ياردەملەرگە ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر سودا قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

ئۇيغۇر دىياسپوراسى تايلاندقا كەلتۈرەلەيدىغان پايدىلار:

ئۇيغۇر دىياسپوراسى تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قارارلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بىۋاستە ئىقتىسادىي پايدا تەمىنلىيەلمەيدۇ.

ئەمما، دۆلەتلەر زىيان پايدىدىن ئېشىپ كەتكەندە، قارارلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن.

سوئال: ئۇيغۇرلار تايلاند ھۆكۈمىتىگە قانچىلىك زىيان سالالايدۇ؟

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى، قارار چىقارغۇچى ئورگانلارغا تەسىر يەتكۈزۈشكە، ھەتتا بۇ قارارلارنى ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ قوشالايدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى پىلانلارنى نەزەرگە ئىلىش مۇمكىن:

ئۇيغۇر دىياسپوراسى تايلاندقا كەلتۈرەلەيدىغان زىيانلار:

غەربتىكى دۆلەتلەردىن ئېقتىسادىي جازالاشنى تەلەپ قىلىش:

ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تايلاندقا بولغان تېخنىكا ۋە ھەربىي بۇيۇملارنى ئەمبارگو قىلىش ئارقىلىق جازا بېرىشىقا چاقىرىش

خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئەرز قىلىش:

تايلاندنىڭ ب د ت 1951-يىلى ۋە 1967-يىلىدىكى «مۇھاجىرلار ئەھدىنامىسى»نىڭ 33-ماددسدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇھاجىرلارنى ئۆز ۋەتىدە جازالىنىدىغان جايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە توختامغا ئىغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشى قانۇنى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تايلاندنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇش:

تايلاندنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇش سۈپىتىدە ئاشكارىلاش كېرەك.

بۇ ھەرىكەتلەرنى كىملەر قولغا ئالىدۇ؟

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى چارا:

كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قانۇن ئوقۇغانلار ياكى ئادوۋكاتلار ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلار بۇ ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ.

ئۈچىنچى چارا:

بۇ ھەرىكەتلەرگە بولسا بارلىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىر قاتناشسا بولىدۇ. سوسىيال مېدىيا ھەرىكىتى، نامايىش ۋە ۋىدىئو ئارقىلىق نارازىلىقنى ئاشكارىلاش مۇھىم.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ۋە مۇھىملىقى

ئۇيغۇرلار تايلاند ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم پەيدا قىلالايدۇ. بۇ تايلاندنىڭ بۇ قارار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلارنى ئەسكەرتىشتە ئىپادىلىنىدۇ.

بىر ھەپتە ئارىلىقىدىكى ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەر بىر قسم ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەمما بۇ يەنىلا كەمچىل. كەڭرى ۋە تەشكىلى ھەرىكەتلەر غايەت زور دەرىجىدە كېڭىشى كىرەك.قانچە كۆپ بېسىم پەيدا قىلىنسا، شۇنچە كۆپ ئۇنۇمغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: سۈرىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى شەيبانى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

چا يانۋار 15 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-يانۋار سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتى تاشقى ئ‍شلار منستىرى شەيبانى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەتتە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بېخەتەرلىكى، سۈرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرى ۋە سۈرىيە ئېقتسادىنى قايتا قۇرۇشتا تۈركىيەنىڭ رولى قاتارلىق تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى. شەيبانى بۇنىڭدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبستان، قاتار، ئىئوردانىيە قاتارلىق […]

You May Like