ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھەققىدە

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھەققىدە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلغۇڭىز بارمۇ؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاخبارات ۋە يېزىقچىلىق سەھنىسى!

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنياغا ئائىت خەۋەر، ئوبزور، ئەدەبىي ئەسەرلەر، شەخسى ئەسلىمە، تەرجىمە، پىكىر -تەكلىپ، ھەرىكەت ۋە چاقىرىقلار ئۈچۈن بىتەرەپ سەھنە ۋە كۆۋرۈك.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -سېسىتمىلىشىش ۋە  تۈزۈملىششكە قاراپ ماڭغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ،ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاۋازى. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا نۆۋەتتە 15 تىلدا 15 مۇستەقىل تور بېكەت ۋە 45 سوسىيال مىديا ئاككونتىدا دۇنيادىكى مىليونلىغان ئىنسانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئىلمى، توغرا ۋە سۈپەتلىك ئەسەر، ماقالە ئارقىلىق دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ مەيدانى، مەنپەئەتى ۋە ھەرىكەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇيغۇرچە قانىلىمىز تور بېكىتى-مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرسگە ئايلاندى، مەزمۇنلارنىڭ تۈرى ۋە سۈپىتى ئىلغارلىققا قاراپ يۈزلەندى.ئوقۇرمەنلىرىمىز -پەقەت ئۇيغۇر بولۇشتىن ھالقىپ،ئۇيغۇرلارغا قىزىزىقىدىغان ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار تاراتقۇلار، ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ دائىم زىيارەت قىلىدىغان، نەقلى قىلىدىغان، ئاساسلىنىدىغان مەنبەلىرىدىن بىرى بولدى. سىزنىڭ سۈپەتلىك ئەسەرلىرىڭىزنى تاللاپ كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىدۇ، ئەسەرلىرىڭىز بۈگۈنكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەھنىدە كېرەكلىك ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىغا ئېرشىدۇ ۋە تارىخى يازما ماتېرىياللار قاتارىغا كىرىدۇ.

بىردىنبىر شوئارىمىز -بىز مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!

شۇڭا ئاگېنىتلىقىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار، ئاپتورلار، تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا پۈتۈنلەي تەۋە بولغان مۇستەقىل خەۋەر، رۇخسەتلىك تەرجىمە خەۋەر ۋە ئەسەرلەر، ئاگېنتلىق بۇيرۇتقان مەخسۇس ئەسەرلەر (ئوبزور، ئەدەبىي ئەسەر ۋە تەرجىمىلەر)  ۋە ئاگېنتلىق مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان باش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ.

باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى:

ئاگېنىتلىقىمىز -ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي  ھەرىكەتلىرى، ئاپتورلارنىڭ مۇستەقىل كۆز قاراشلىرىنى خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

ئەسەر ئېلان قىلىش شەرتى: ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتىنى چېقىش قىلغان بولۇشى، ئىجابىي بولۇشى، ئەسەر مەزمۇنى ئىلمى ۋە توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئىززەت -ئابرۇينى قوغدىشى، زوراۋانلىق، ئىرقچىلىق، ئاياللار ۋە بالىلارنى كەمسىتىش، باشقا دىن ۋە مىللىي، مەدەنىيەت، دۆلەتلەرنى كەمسىتىشكە ياتىدىغان مەزمۇنلار ۋە باشقا قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەشەببۇس قىلمىغان بولۇشى، تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئارا ھۆرمەت -ئىناقلىقنى قوغدىغان بولۇشى، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ غۇرۇرى،ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى توردىن يىغىدىغان ئەسەرلەر:

سىياسىي تەشكىلاتى، ۋە كۆز قارشى ئوخشاش بولمىغان توردىكى باشقا شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئېلان قىلىدۇ. تورلاردا مەۋجۇت ئاپتور ۋە يازارمەنلەرنىڭ سۈپەتلىك، قىسمەن سۈپەتلىك ئەسەرلىرىنى ئورتاقلىشىمىز! 

تور ئاپتورلىرى ھېچقانداق تەرتىپ بويىچە بىز بىلەن توختام تۈزىمەيدۇ، بىزگە رەسمىي پىدائىي ئەزا بولۇپ قوشۇلۇشمۇ ھاجەت ئەمەس. بۇ تەرەپتىن ئالغاندا، ئاگېنىتلىقىمىز توردىن تاللاپ ئېلان قىلغان يازمىلارنىڭ ئاپتورى بىز بىلەن ھېچقانداق سىياسىي، ئىقتىسادى ئالاقىلەردە ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانى، كۆز -قارشى، شەخسىيىتىگە  باھا بېرىش، ھۆكۈم قىلىش ئورنىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە فۇنكسيەمىز يوق. بىز ئېلان قىلغان باش ماقالە ۋە خەۋەرلەردىن باشقا ھەر قانداق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتى، ئىدىيەسى، ئاپتورلارنىڭ سىياسىي مەيدانى، كۆز -قارشى بىز بىلەن ئالاقىسىز.بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

شەخسلەر ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالاقىلاشسمۇ بولىدۇ، ئاگېنىتلىقىمىز خادىملىرى ئالاقىلاشسمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئاپتورلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاگېنىتلىقىمىزدا ئېلان قىلىنىشنى خالىمىسا، ئاگېنىتلىقىمىزغا بىلدۈرسە، ئاگېنىتلىقىمىز 24 سائەت ئىچىدە قارار چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
2020-يىلى 10-ئىيۇن

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى مەخسۇس تىل قانىلى دىرىكتورلارھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى

پە دېكابىر 23 , 2021
2-دىرىكتورلار -ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئىغىر كۈنلەردە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار ، يتەكچىلىك رولىغا ئىگە زىيالىيلار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى بىلەن بىر سەپتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدىغان شەرەپ ئىگىلىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇلار ئ‍نسان، ئۇيغۇر، پەرزەنت،ئانا ياكى بالا، قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان كىشلەردۇر.

You May Like