باشقا تور بېكەتلەردىن مەزمۇن تەييارلاشتا پايدىلىنىش ئۇسۇلى توغىرسدا
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى–ئۆز ئاپتورلىرىمىز، خادىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشقا كەڭ جەمئىيەتتىكى ئاپتورلار، يازارمەنلەر، سوسيال مىديا ۋە تور بېكەتلەردىنمۇ مەزمۇن قوبۇل قىلىدۇ.
مەزمۇن دائىرىسى:
ناھايتى كەڭ بولۇپ،خەلقئارا، تارىخ، تىل–ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سياسەت، ئېقتساد، تېخنىكا، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، مائارىپ ، دىن، پسخولوگىيە،جۇغراپىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئائىت خەۋەر ۋە ئۇچۇر،بىلىم مەزمۇنلىرى قويۇلسا،توپلانسا بولىدۇ،تور بېكىتىمىزدە بۇلارغا ئورۇن بىرىلگەن.سەھىپلەر تولۇق ئايرىلغان.
باشقا تور بېكەتلەردىن تولۇق كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى ئەسلى تور بېكەتكە تەۋە.ئۇلارنى ئەسكەرتىش لازىم.نەشر ھوقۇقى سەۋەبلىك،رۇخسەتسز كۆچۈرۈشكە بولمايدىغان تور بېكەت ئەسكەرتىشلىرى بولغاندا، چوقۇم شۇ تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشش كىرەك، بولۇپمۇ ۋەتەن سرتىدىكى تور بېكەتلەر ئۈچۈن.
تور بېكەتلەر:
1-ختتاي تور بېكەتلىرى–
ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار، خەلقئارا ،ختتاي ۋە ۋەتنىمىزگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلار ساقلانغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلاردىن بىز ئىجابى ئۇسۇلدا پايدىلىنالايمىز. ئۇ ئۇچۇرلار–بىزگە ختتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە نىمە قىلىۋاتقانلىقى، دۇنيانى قانداق چۇشەندۇرۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بىرىدۇ،ختتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىدۇ.بۇلاردىن مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىز بىلىشى كىرەك.دۇنيا بىلىشى كىرەك.
نەقلى قىلىش ئۇسۇلى:
ختتتاي خەۋەرلىرىنى ئشلىتىشتە،ئاخباراتچىلىق قائىدىسى بويىچە، تولۇق ئشلەتكەن چاغدا، تولۇق مەنبەسنىڭ شۇ ختتاي ئاخباراتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى باشتىلا ئەسكەرتىپ،ختتاي ئاخباراتى نامىدا باشلاش كىرەك ۋە بۇنىڭ بىزگە تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۇرۇش كىرەك.
ئەگەر قسمەن بۆلىكىنى نەقلى قىلغاندا، نەقلى قىلغان قسمىنى تىرناق ئىچىگە ئىلىپ، ئۇ خەۋەرلەردىن نەقلى قىلىمىز ياكى ياندىن بايان قىلىمىز، مەسلەن:« ختتاي ۋەتىنىمىزدە مۇنداق قىلغان، ختتاينىڭ خەلق تورىدا خەۋەر قىلىشچە، ختتاي ۋەتىنىمىزدە يېڭىدىن يادرو سناق بازىسى قۇرماقچى بولغان. »
ئەگەر شۇ مەزمۇندا ،ختتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان مەزمۇن بولمىغاندا، ئۆزلەشتۈرۈپ ئشلەتسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان نۇقتا، ختتاينىڭ تىلىدىن بايان قىلماسلىقىمىز كىرەك.مەسلەن: «شنجاڭ–مەملىكىتىمىزنىڭ نۇقتىلىق پاختا ئشلەپچىقىرىش بازىسغا ئايلاندى»-بۇ ختتاينىڭ خەۋىرى بولۇپ، بۇنى ئەينەن ئشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ،بۇنى ختتاي ۋەتىنىمىزنى نۇقتىلىق پاختا ئشلەپچىقىرىش بازىسغا ئايلاندۇردى»دىگەندەك قىلىشقا بولىدۇ.
ختتايچە خەۋەر مەنبەلىرى:
ختتاي خەلق تورى:
شنجاڭ ھۆكۈمەت تورى:
ختتاي مەركىزى ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە
شنجاڭ گېزىتى تور بېكىتى
قەشقەر تورى
كۇئىنلۇن تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/?lang=uy
ۋەتەندىكى شەخسى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى:
نۇر تورى https://nur.cn/، ئەلكۈيى تورى، https://www.alkuyi.com/
http://www.0997.cn/ئاقسۇ تورى،
ئۈندىدار سالونلىرى:
، ئادىل قانون سالونى، مسرانىم سالونى
mayirlar-media،
جۈمەبەگ سالونى
تاقالغان تور بېكەتلەر:
تاقالغان تور بېكەتلەردىكى مۇھىم، تارىخى ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك مەزمۇنلارنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ئۇلارنى تاللاپ تور بېكىتىمىزدە ئىلان قىلىشمىز، خەلقىمىزگە سۇنۇشمىز كىرەك.
https://www.uyghur-archive.com/
سەلكىن تورى،دىيارىم تورى،ئىزدىنىش تورى، مسرانىم تورى،باغداش تورى،شەبنەم تورى قاتارلىقلاردىن مۇھىم مەزمۇنلارنى ساقلاش مۇھىم.
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەييارلىدى.
9-سىنتەبىر، 2021-يىلى