ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملار قوللانمىسى (1)پېرىنسپ- مەزمۇنلار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ پرىنسىپى بار بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسلىق شوئارى: «مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!!»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملار قوللانمىسى (1)

 

1-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى ۋە شوئارى قايسلار؟

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ پرىنسىپى بار بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسلىق شوئارى: «مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!!»

 

2-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى قايسلار؟

 

1-كەسىپچانلىقئىچكى قسمىدا ۋەتەنپەرۋەر، كەسىپچانلىق ۋە تىرىشچانلىق، مېھرىمۇھەببەتلىك ۋە ئ‍ئىشەنچلىك، ھەمكارلىشىش روھى كۈچلۈك بولۇشنى يولغا قويىدۇ.ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.

2-ئاخباراتچىلىققا ئادىل ۋە بىتەرەپ بولىدۇ.ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارا،ھەمكارلاشقان ۋە ماسلاشقان مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن تېرشىدۇ.ئىچكى ئىختىلاپلارغا ئارىلاشمايدۇ.

3-ئ‍ئىنسانپەرۋەرلىكختتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى پاش قىلىشتىن باشقا ھەرقانداق مىللەت،  دىن، دۆلەت،  پارتىيە،  شەخسكە قارشى مەيدان تۇتمايدۇ.

ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرقى، دىنى،  مىللى ۋە جىنسى كەمسىتىشكە ياتىدىغان مەزمۇنلارنى ئېلان قىلمايدۇ.  ھەر قانداق مىللەت،  خەلق،  مەدەنىيەت، تىل، ئ‍ئۆرپئادەتنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆچ كۆرىدىغان، ھۇجۇم قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتمايدۇ.

4-كەسپى ئەخلاقچىنلىقىغا،ئىلمىيلىققا رىئايە قىلىدۇ،  نەشر ھوقۇقىنى ھېمايە قىلىدۇ.

5-كۆپ خىللىق: خادىملار، مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىللىققا ئالاھىدە ئورۇن بىرىدۇر.

 

3-نېمە تېمىلاردا يازىمىز؟

 

تېما دائىرسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، چەكلىمە يوق. ئەمما تېمىلار چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنئىچى سىرتىدىكى سياسىي ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئائىت ئاساسى تېمىلار، ئۇنۋېرسال تېمىلار،  ئۇيغۇرلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم تېمىلار، پايدىلىق تېمىلار،  خوش خەۋەرلەر، نەتىجىلەر، مۇھاكىمىلەر بولۇشى كىرەك.

 

4-ئەسەرلەرنىڭ ژانىرلىرى:

 

1-باش ماقالە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبزور،ئاگېنتلىق دىرېكتورى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.

2-ئاپتورلارنىڭ ئوبزورلىرى، مۇھاكىمە ماقالىسى؛(ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز)

3-ئۆز خەۋەر (ئاگېنتلىق خادىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئورگىنال خەۋەر

4-ئۆزلەشتۈرمە خەۋەرباشقا مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ،تەرجىمە ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرگەن خەۋەر

5-تەرجىمە ئەسەر: تەرجىمە رۇخسىتى بولغان ياكى نەشر ھوقۇقى تەلەپ قىلىنمايدىغان باشقا مەنبەلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئۆز ئەينەن تەرجىمە قىلىش

6-ئۇنۋېرسال تەرمىلەر: ئىجتىمائىي ھاياتقا ئالاقىدار تەرمىلەر،نۇتۇقلار،ماقالىلار

 

 

5-خەۋەر مەنبەسىگە قانداق شەرتلەر بار؟

 

1-خەۋەر ۋە تەرجىمىدە ئ‍ئىشەنچلىك ۋە  نوپۇزلۇق مەنبەلىرىنى تاللاش:

2-نوپۇزى ئۆلگەن  ياكى ختتاينى ھېمايە قىلىدىغان تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئ‍شنىدىغان پاكىت سۈپىتىدە ئ‍ئىشلەتمەسلىك.

3-خەلق ئ‍ئىشەنمەيدىغان، ئىجتىمائىي سالاھىيەتسىز كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئ‍ئىشلەتمەسلىك.

4-ئەسلى مەنبە نەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،تىرناق ئىچىگە ئىلىنىشى ۋە  ئەسكەرتىش كېرەك.

5-تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئاستىغا ئەسلى مەنبە ئادىرېس ئۇلىنىشى بىرىلگەن بولۇشى كېرەك.

 

6-خەۋەرنى نەدىن تاپىمىز، مەنبەسى نېمە ؟

 

تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

 

1-ئاگېنتلىق مەسئۇللىرى بېكىتكەن ياكى خىزمەت توپىدا مۇزاكىرەتەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار؛

2-ئاپتورلار ئ‍ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ياكى ئىزدەپ تاپقان تېمىلار ؛

3-مەخسۇس خەۋەر، ئۇچۇر يىغقۇچى خادىملىرىمىز توپلىغان مەنبەلەر؛

4-ئوقۇرمەنلەر، تەشكىلاتلار ،شەخسلەر ئىزدەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار؛

5-داڭلىق تاراتقۇلار ئېلان قىلغان مۇھىم مەزمۇنلار؛

(ئاگېنتلىقىمىز ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرى بىلەن خەۋەر تەمىنلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدە ھەمكارلاشقان بولۇپ،ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تىزىملىكى ئايرىم ھۆججەتتە تىلغا ئىلىنغان)؛

6-سوسيال مىديالاردا بايقالغان مۇھىم ئۇچۇرلار (فايس بۇك،تېۋىتتر ،ۋاتس ئاپ قاتارلىق سويسال مدىيالاردا بار،ئەمما دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ دەللىللەپ ئېلان قىلىش)؛

7-توردىكى ياخشىسۈپەتلىك ئەسەرلەرنى تور بېتىمىزدە ئېلان قىلىش ؛

8-سۈپەتلىك ئاپتورلارنى ماقالە يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇش؛

9-ۋەتەندىكى تور بېكەتلەرنىڭ سۈپەتلىك ۋە سياسىي جەھەتتە ساغلام ئەسەرلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىش؛

 

 

7-ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە قانداق شەرتلەر قويۇلىدۇ؟

 

1-سىياسى ئەسەرلەرئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچ پرىنسىپىغا ئ‍ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.(ئۇيغۇر ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇش)

2-ئەسەر مەزمۇنى توغرا ۋە ئەينەن بولۇشى (يالغان ۋە خاتا بولماسلىقى)،

3- پايدىلىق بولۇشى (زىيانلىق،ئەھمىيەتسىز بولماسلىقى)

4-سۈپەتلىك (ئىلمىيلىكى  بولۇشى كېرەك)

 

8-تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلۇق ئۆلچەملىرى قانداق؟

 

1-تەھرىرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ،قانال مەسئۇلى، پېشقەدەم ئاپتورلار ۋە كەسپى مۇتەخەسسىسلەر تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

2-يېڭى كىرگەن خادىملارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇچ پارچە ئەسەر ئېلان قىلغۇچە چوقۇم تەھرىرلىكتن ئۆتۈشى كېرەك.

3-بۇ جەرياندىكى تەھرىرلىكئەسەر چوقۇم ئۆزىدىن باشقا مەلۇم خىزمەتداش ياكى تەھرىر ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇشى كىرەك.

4-ئىملا چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك.يۇلغۇن تور بېكىتى ياكى ئۇيغۇر تەھرىر دېتالى ئارقىلىق تۈزىتىلگەن بولۇشى كېرەك.ئىملا خاتالىقى بايقالغان ھامان تۈزىتىش كېرەك.

 

9-ماقالە يوللاش:

 

1-ھەر بىر ئاپتور سەھىپىلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ چېقىشى ۋە ئەسەرگە مۇۋاپىق تۈرنى تاللىشى كېرەك.

2-ماقالە يوللىغۇچىلار ماقالە ياكى تەرجىمە ئەسەرنى تور بېكەتنىڭ توغرا سەھىپىنى تاللاپ يوللىشى كېرەك.

3-ئەگەر ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى سەھىپە بايقىسا، ھەر ئىككىسىنى تەڭ تاللاپ يوللاشقا بولىدۇ.

4-تېما بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، تېما ئورنى ئىچىگە پاتقان بولۇشى كېرەك.

5-تېما ئاستىغا توغرا مەنبە چېسلا يېزىلىشى كېرەك.

ئەسلى مەنبەنىڭ ئ‍سمى،  ئەسلى ئاپتورنىڭ ئ‍سمى بېرىلىشى كېرەك.

ئۇلىنىش بېرىلىشكە تېگىشلىك بولسا،ماقالە ئاستىغا قويۇلسا بولىدۇ.

ئەگەر ئاگېنتلىق خەۋىرى بولسا، ئاگېنتلىق ئ‍سمى ۋە ئاگېنتلىق خادىمنىڭ ئ‍سمى بېرىلىشى كېرەك.

6-ئوبزور بولسا،«ئاپتورنىڭ كۆزقارشى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەننى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.

بۇ ھەقتە مەخسۇس ئايرىم ماقالە كۆرۈلسۇن

 

10-رەسىملەر:

1-ھەر بىر تېما چوقۇم رەسىم بىلەن يوللىنىش كېرەك.

2-رەسىم يوللىغاندا نەشر ھوقۇقى بولمىغان رەسىملەرنى ئ‍شلتىش كېرەك. 

3-چوڭ رەسىملەرنى كىچىكلىتىش كېرەك 500-400 پىكسەلدىن كىچىك بولۇشى كېرەك،رەسىملەرنىڭ شەكلىنى webp قا ئۆزگەرتىش كېرەك.

رەسىم كىرىشتۈرگەندە ،ئەسلى ئەسەردىكى رەسىملەرنىڭ نەشر ھوقۇقى بىزدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىرىشتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

 

ئوبزورلار ھەققىدە ئۆلچەملەردە قانداق؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شەخس،تەشكىلاتلارنىڭ ئوبزورلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

1-ئىجتىمائىي تېمىلار، قېززىق تېمىلار، مىللى مەنپەئەت، تەرەققىيات، سىياسەت تېمىلاردا خەلق خەلق پىكىر يېتەكچىلىك قىلىشقا مۇھتاج بولىدىغان تېمىلاردا كۆزقاراش ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.بۇلارئاپتورنىڭ ئۆز كۆزقارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.ئوبزورچىلار ئاگېنتلىق ئىچى ياكى جەمئىيەتتىن بولسىمۇ بولىدۇ ياكى ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقىمۇ بولىدۇ. تېمىسى چەكلەنمەيدۇ.

شەرتى: 1-ساغلام ئىدىيەئىنسانلىق ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى 2-مىللى مەنپەئەتكە زىيانلىق بولماسلىقى 3- شەخسلەرنىڭ ئىززىتىگە چېقىلمايدىغان بولۇشى 4-،ئىلمى ئۆلچەم ۋە ئەمەلىي پاكىتلارغا رىئايە قىلىدىغان بولۇشى 5-زىيادە ھسيات ۋە ھاياجان بولماسلىقى 6-سۆزلەر ئەدەبى ئۆلچەملىك تىل قوللانغان بولۇشى،گرامماتىكا قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلغان بولۇشى لازىم.

ئوبزورلارۋورد بېتىدە ئىككى بەتتىن بەش بەتكىچە ئەتراپتا بولسا بولىدۇ.

 

باش ماقالە:

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىزۆرۈر دەپ قارىغان تېمىلاردا باش ماقالە ئوبزور ئېلان قىلىدۇ.باش ماقالىلارئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاگېنتلىق بىرىنچى قول مەسئۇلى تەرىپىدىن تېما ۋە مەزمۇنى بېكىتىلىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملار قوللانمىسى (2): ئادەم كۈچى

جۈ ئاۋغۇست 6 , 2021
قۇرغۇچى ۋە باش دىرېكتور: ئىستراتېگىيە ۋە نازارەت، قانۇنىي ئ‍شلار، مالىيە ئ‍شلىرى، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى، تاشقى ئاممىۋى مۇناسۋەتكە مەسئۇل؛

You May Like