ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى رىياسەتچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى رىياسەتچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى رىياسەتچىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاخبارات ۋاستىسى، ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزىيەسىئۇيغۇر ھاياتى ئۈچۈن ئىكران ئارقىلىق ماياك بولىدىغان تاراتقۇ سەھنىسى.

 

رىياسەتچىلەر سياسى ۋە ئىدىيە جەھەتتە ئەڭ ئەقەللى شەرتى چوقۇمئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ساغلاملىقى،  دىنىئىتىقات ئەركىنلىكى،  مائارىپ،  مەدەنىيەت، ۋە ئېقتساد، تېخنىكا جەھەتلىرىدە كۈچلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان بولۇشى كىرەك.

كەسپى جەھەتتىكى شەرتلەر

 

1-رىياسەتچى ئۆزىگە ئ‍شنشى لازىم:

سز سەھنىگە باشقىلارغا پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بىلىم،ئۇچۇر يەتكۇزگىلى چىقىۋاتىسز.سز بىر ياخشى بىر ئ‍شنى قىلىۋاتىسز.شۇڭا سز ئۆزىڭىزگە تولۇق ئ‍شەنچ بىلەن سۆزلسڭىز تامان بولىدۇ.

 

2-ئۆز كۆرۈرمەنلىرىنى ياخشى بىلىشى كىرەك:

 

كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى بىلمىگەندە،ئۇلارغا لايىق  پىروگىرامما ئ‍شلەپچىقارغىلى بولمايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش كىرەك:

مىنىڭ كۆرۈرمەنلىرىم كىملەر؟ ئۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى قەيەردە؟ 

ئۇلار قانداق ئىدىيە ۋە پىكىردىكى كىشلەر؟ ئۇلارغا نىمە كىرەك؟ئۇلار نىمىنى ياقتۇرىدۇ،نىمىنى كۆرىدۇ؟ئۇلارنىڭ سەۋىيسى قانداق ؟

 

3-پىروگرامما مەقسدىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىش كىرەك:

 

پىروگىرامما مەلۇم نشان ۋە ئارزۇ ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ،پىروگىرامما مەقسدىنى چۈشەنگەندە، ياخشى رىياسەتچىلىك قىلغىلى بولىدۇ،

پىروگىراممىلار ئادەتتە:

1-تونۇشتۇرۇش تۈرىدىكى پىروگرامما (مەسلەن مەلۇم ئورگان ياكى شەخس )

2-تەربيلەش تۈرىدىكى پىروگىرامما (مەسلەن تارىخ ياكى مەدەنىيەت ھەققىدىكى ساۋات)

3-مۇنازىرەسۆھبەت تۈرىدىكى پىراگرامما (مەلۇم تېما ھەققىدە ئالاقىدار شەخس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت)

4-ھۈججەتلىك فىلىم (مەلۇم يەر،ۋەقە،شەخسنىڭ ھاياتى،تەرجىمھالى ھەققىدە ھۈججەتلىك فىلىم

 

4-ئۆزى سۆزلەۋاتقان تېمىنى ياخشى بىلىشى كىرەك:

 

مەزكۇر تېما ياكى ۋەقەگ ئالاقىدار  ئارقا كۆرۈنۈش سۆز، ئاتالغۇ، چسلا، ئورۇن،سەۋەب ، نەتىجە قاتارلىقلار ھەققىدە ياخشى ئىزدىنىشى كىرەك.

 

 

5-ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالماسلىق لازىم:

 

پىروگىراممىنىڭ مەقسدىكۆرۈرمەنلەرگە ئەھمىيەتلىك مەزمۇن ۋە ئۇچۇر تەمىنلەش.

شۇڭا تېما مۇھىم ، سز ئەمەس. ئەگەر رىياسەتچى ئۆزى ھەققىدە كۆپ سۆزلىسە، كىشلەرنى زىرىكتۈرىدۇ.

 

6-باشقۇرۇش سەنئىتى مۇھىم:

 

تېمىغا قانداق كىرىش، قانداق چوڭقۇرلاش، سۆھبەتنى قانداق ئىلىپ مېڭىش ھەممىسى رىياسەتچنىڭ سەزگۈرلۈكىگە باغلىق بولۇپ، رىياسەتچى ئۈچ نەرسنى ياخشى چۇشەنسە، ئۇتۇق قازىنىدۇ،بۇلار: تېما، سۆزلىگۈچى ۋە ئوقۇرمەندىن ئىبارەت.

قانداق چاغدا سۆھبەتنى توختىتىش،  تېمىنى يۆتكەش ياكى چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئ‍ش

زىددىيەتلىك تېمىلاردىن ساقلىنىش، ئەگەر مىھمان سۆزلىگۈچى زىددىيەتتىن  ساقلانماستىن چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەندە،ئۇنىڭغا ئىلمى ئەسكەرتىش بىرش كىرەك.

 

سۆزلىگۈچىنىڭ باشقىلارغا قىلغان تەنقىدلىرىگە ئورۇن بىرىشكە بولىدۇ ئەمما شەخسى ھۇجۇمغا يول قويماسلىق كىرەك.

ئورگان ياكى شەخسلەرگە قاراتقان تەنقىدى ئىلمى ۋە ئاساسلىق بولۇشى كىرەك.

ئەگەر سۆزلىگۈچىئىلمى ياكى قانۇنى ياكى كەسپى جەھەتتە  خاتا سۆز قىلغاندا،سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇش ياكى سۇئالنى كۆپچىلىككە قالدۇرۇش لازىم،ھەرگىزمۇ ئۇنى قوللىماسلىق كىرەك،ھىچبولمىغاندا ئۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇش كىرەك

 

7-كىشلەر ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرش:

پىروگىرامما مەزمۇنى 

باشقا پىروگىراممىلار بىلەن پەرقى بولۇشى كىرەك.

پەرق: پىروگىرامما ياكى تېما ئ‍سىمى، رىياسەتچى، مەزمۇن، تېما قاتارلىقلاردا بولىدۇ.

ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەزمۇنلارنى چىقىرىشپىروگىرامما سۈپىتنى تۆۋەنلىتىدۇ.

تېما مەزمۇنىدا چوڭقۇرلۇق،يېڭىلىق بولۇشىپىروگىراممىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم.

 

8-قانداق شەكىلدە چېقىش مۇھىم:

 

تاللاش تۈرلىرى

1-يالغۇز كىشلىك تونۇشتۇرۇش 2-سۆھبەت شەكلىدە ئىلىپ چىقىش 3-نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش 4-مەلۇم تېمىنى چۆرىدەپ ئوخشمىغان پىكىردىكىلەر مۇنازىرە قىلىش.

 

 

9-رىياسەتچىنىڭ سۆزلەش جەھەتتىكى شەرتلەر:

 

1-سۆز جۈملىلەر ئىنىق بولۇشى كىرەك.

2-سۆزجۈملىلەر راۋان بولۇشى كىرەك،بەك تىز ياكى بەك ئ‍استا بولماسلىقى كىرەك.

3-چىرايى تەمكىن،ئوچۇق بولۇشى كىرەك.

 

10-ئ‍ارقا كۆرۇنۇش، مۇھىت، ئاۋاز ، مەنزىرە قاتارلىقلار مۇۋاپىق تاللىنىشى كىرەك.

 

ۋاراڭچۇرۇڭ،پاكىز بولمىغان،قالايمىقان، ئەسلى تېما بىلەن مۇناسۋەتسز ئارقا كۆرۇنۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

 

ئۇيغۇرىيە تېلىۋىزيەسى، 5-مارت

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇكرائىنادىن كەلگەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ

يە مارت 6 , 2022
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇكرائىنادىن كەلگەن ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىدۇ

You May Like