ئۇيغۇرئاگېنتلىقى مەخسۇس تىل قانىلى دىرىكتورلارھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى

2-دىرىكتورلار -ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئىغىر كۈنلەردە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار ، يتەكچىلىك رولىغا ئىگە زىيالىيلار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى بىلەن بىر سەپتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدىغان شەرەپ ئىگىلىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇلار ئ‍نسان، ئۇيغۇر، پەرزەنت،ئانا ياكى بالا، قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان كىشلەردۇر.

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى مەخسۇس تىل قانىلى دىرىكتورلارھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى

 

1-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەخسۇس تىل قانىلى دىرىكتورلىرى كىملەر؟

ھەر قايسى تىل بۆلۈم مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئاگېېنتلىقىدا 17 تىل قانىلى تەسس قىلىنغان بولۇپ،ئۇلار تۆۋەندىدىكىچە:

ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، ختتايچە، تۈركچە، ئەرەبچە، روسچە، ياپونچە،  ئ‍سپانچە، فىرانسۇزچە،  گىرمانچە، ھندىچە، ھىندونوزچە، گوللاندچە، ئىتالىيەنچە، پارسچە، ئىبرايچە، قازاقچە قاتارلىق تىللاردىن ئىبارەت.

دىرىكتورلارنىڭ قىممىتى ۋە ئورنى

1-ھەر بىر تىل قانىلىشۇ تىلدىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر مۇستەقىل ۋە چوڭ بولغان ئاخبارات ۋاستىسى ھسابلىنىدۇ. تىل بۆلۈم دىرىكتورى شۇ تىل ياكى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىل ۋە مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بىرىنچى قول دىرىكتورىدىن قالسا، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىدىكى كىشى ھسابلىنىدۇ.

2-دىرىكتورلار ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئىغىر كۈنلەردە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان  دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار ، يتەكچىلىك رولىغا ئىگە زىيالىيلار  بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى بىلەن بىر سەپتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدىغان شەرەپ ئىگىلىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇلار ئ‍نسان، ئۇيغۇر، پەرزەنت،ئانا ياكى بالا، قېرىنداش  بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان كىشلەردۇر.

3-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا، مەزكۇر تۈزۈم قايتا تۈزىتىلگەن 2021-يىلى 25-دىكابىرغىچە تېخى مۇئاش ۋە ئ‍ش ھەققى تۈزۈمى يولغا قويۇلغىنى يوق، شۇڭادىرىكتورلار   پىدائىيلار ئوخشاش ھەقسز ئ‍شلەيدۇ. 

 

 

دىرىكتورلارنىڭ سايلىنىش باسقۇچى

نامزات كۆرستىش ئۇسۇلى:

1-ئۆزىنى كۆرستىش 2-ئاگېنىتلىق رەھبەرلىرى ياكى ئەزالىرى كۆرستىش 3-جەمئىيەت كۆرستىش 

.قارار قىلىنىش جەريانى: 1-ئاگېنىتلىق ئەزالىرى بىلەت تاشلايدۇ. 2-ئاگېنىتلىق مۇدىريىتى قارار قىلىدۇ

سايلانغۇچىلار چوقۇم ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى پىدائىيلىق كىلىشمنامىسگە قول قويغان بولۇشى كىرەك 

 

2-تىل قانال دىرىكتورىنىڭ شەرتلىرى:

1-ئۇيغۇر خەلقى ۋە ۋەتىنىنى سۆيگەن،ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ھېمايە قىلىشنى بۇرچى دەپ قارايدىغان سياسى ئاڭغا ئىگە بولۇشى كىرەك.

2-تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى كىرەك.

3-ئاخباراتچىلىق قائىدىلىرىنى چۈشنىدىغان بولۇشى،ئاخباراتچىلىق قائىدىسگە ئۇيغۇن يازغان ئۈچ پارچىدىن ئارتۇق ئاخباراتچىلىق ژانىرىدىكى ئەسىرى ئىلان قىلىنغان بولۇشى كىرەك.

4-مەسئۇلىيەتچانلىق روھىئىنترامغا،سۈپەتكە، ۋاقىتقا، كىشلىك مۇناسۋەتكە رىئايە قىلىدىغان بولۇشى كىرەك.

5-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىدىغان بولۇشى كىرەك، ئالاقىدار تۈزۈملەر ئاگىنتلىق تور بېكىتى تۈزۈم ۋە ساۋات سەھىپىسىدە ئىلان قىلىندى،

 

 

 

3-كىملەرگە دوكلات بىرىدۇ؟ كىملەر بىلەن باراۋەر ئ‍شلەيدۇ؟ كىملەرگە مەسئۇل بولىدۇ؟

تىل قانال مەسئۇللىرىئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى باش مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى باش مۇھەرىرى ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى باش نازارەتچىسى قاتارلىقلارغا دوكلات بىرىدۇ.

تىل قانال مەسئۇللىرىئۆز ئارا باراۋەر بولىدۇ، ئ‍ۆزئارا ھەمكارلىشپ، ماسلشپ ئ‍شلەيدۇ. شۇنداقلا تېخنىكا دىرىكتورى، مالىيە دىرىكتورى، ئادەم كۈچى بايلىقى دىرىكتورى، ئاممىۋى مۇناسۋەت دىرىكتورى قاتارلىقلار بىلەن باراۋەر ئ‍شلەيدۇ.

ئوقۇرمەنلەرگە، شۇ تىل بۆلۈمىدىكى خىزمەتداش پىدائىيلارغا، تور ئاپتورلىرىغا، قوللىغۇچىلارغا، كەڭ ئاممىغا مەسئۇل بولىدۇ.

 

 

دىرىكتورلا رھوقۇقى: 

1-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نامىدا سياسى، دىپلوماتىك، ئىجتىمائى ئالاقە پائالىيتى ئىلىپ بارالايدۇ.

2-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدا پىدائى قوبۇل قىلالايدۇ ۋە بىكار قىلالايدۇ.

3-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدا تۈرلۈك ئىجتىمائى ۋە ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. كىتاب ،ژۇرنال نەشر قىلىش، ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئاگېنتلىق مۇدىريتى ياردەملىشدۇ.

4-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نامىدا، تۈرلۇك ماقالە ئوبزور ،زىيارەت، ماقالە، يېزىش، ھۇججەت ۋە دوكلات ئۇيۇشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ.ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشقىلىنماسلىقنى دىرىكتور ۋە باش مۇھەرىر قارار قىلىدۇ. 

5-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى نامىدا،ئېقتسادى ياردەم ئۇيۇشتۇرۇش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى بولىدۇ.

6-ئەزالارنى كەسپى  تەربىيلەش، يتەكلەش، كەسپىى يېغىن ئ‍ېچىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئەزالارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ، چۈشنىش، باردىكەلدى قىلىش، ئۆزئارا مۇناسۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قىينچىلىقى بولسا ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابى رول ئوينسا بولىدۇ،.ئەمما كىينىكىسى مەسئۇلىيەت دائىرسگە كىرمەيدۇ.

7-ئۆزى مەسئۇل بولغان بۆلۇمنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۇچۇن كىرەكلىك بولغان ئەسلىھەماتېرىيال،مۇناسۋەت ۋە ياردەملەرنى سوراش ھوقۇقى بولىدۇ. 

مەسئۇلىيتى:

1-يىللىق ۋە پەسللىك پىلان:

پىلان مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئاگېنىتلىقنىڭ شۇ قانالغا دائىر ئاممىۋى مۇناسۋەت ۋە ئوبرازى ، مەزمۇن سۈپىتى، مەزمۇن دائىرىسى، مەزمۇن مىقدارى، ئادەم كۈچىنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەرلىرىنىڭ  كۆرۈلۈش ۋە تارقىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى ئەمەلىيەتچىل سانلىق مەلۇمات نشانىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2-باشقۇرۇش دائىرسى: پىدائىيلار قوشۇنى، تور بېكەت، سوتسيال مدىيا، ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى، ئاممىۋى ئوبرازى، ئاممىنىڭ قوللاش  ۋە كۆرۈلۈش نسبىتى قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

2-ئادەم كۈچى تەشكىللەش: مۇناسۋەتلىك خادىملارنى جۈملىدىن مۇخبىر، تەرجىمان، ئوبزورچى، تەھرىر،  سوسيال مىديا باشقۇرغۇچى، لايىھەلىگۈچى، ۋىدىئو ئ‍شلىگۈچى، رىياسەتچى ، ئالاقە ياردەمچى قاتارلىقلارنى  تاللايدۇ، پىدائى قوبۇل قىلىدۇ، پىدائىيلىق كىلىشمنامىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىمزاسنى خاتىرە قىلىپ ساقلايدۇ.بۇ خىزمەتلەرگە ئاگېنتلىق مۇدىرى ۋە باشقىلار ياردەملىشدۇ.

3-ئەسەرلەرنى تەشكىللەش:  ماقالەئەسەرلەرنىڭ دائىرسنى بېكىتىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە ئائىت مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ. ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقى ۋە ئ‍شەنچىلىكى، بىتەرەپلىكى، قانۇنىيلىقى، شەخسلەرنىڭ  ئ‍ابرويىغا دەخلى تەرۇز قىلماسلىقى،نەشر ھوقۇقىغا دەخلىتەرۇز قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

4-دىپلوماتىيە: تەشكىلات ۋە ئەل ئىچىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، جامائەت پىكرى توپلايدۇ، تەكلىپپىكىر ئالىدۇ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشدۇ.

4-سۈرۈشتۈرۈش: خادىملارنىڭ ئايلىق ۋە ھەپتىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە سۈرۈشتۈرىدۇ.مۇكاپاتلاش ۋە تەنقىدلەش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى بولىدۇ.

5-ئايدا چوقۇم بىر قېتىم خىزمەت يېغىنى ئاچىدۇ، خاىملارنىڭ تەكلىپپىكىرلىرىنى ئاڭلايدۇ، بۇيرۇقۋازلىق بىلەن ئەمەس، دوستانىلىق ۋە ئ‍ۆزئارا چۈشىنىش، قوللاش ، ھەمكارلىق ئاساسدا ئ‍شلەيدۇ.

 6-خادىملارغا ئىلھام بىرش، ئۇلارنى خىزمەتكە قېزىزىقتۇرۇش،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۇرۇش، جامائەتنىڭ ئىجابى پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈش، ياخشى ئ‍شلىگەن خادىملارغا ئىلھام بىرىش قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلىدۇ.شۇنداقلا  ئۆزئارا مۇناسۋەتنى ياخشلاش، ئەزالارنىڭ ھۈرمىتى ۋە غورۇرىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلايدۇ.

7-ئاگېنىتلىقنىڭ خىزمەتلىرىنى شۇ تىل ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئايلىق دوكلات چېقىرىپ جەدۋەللەشتۇرۇپ باش دىرىكتورغا سۇنىدۇ.

خادىملارغا ئايدا بىرقېتىم يېغىن ئېچىپ، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكەن ئايدا ساقلانغان مەسللەرنى ئورتاق ھەل قىلىش، ئىجابى ئ‍شلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇيغۇر سياسى ئەھۋالى، ختاي ۋەزىيتى،  خەلقئارادا ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.  

 

5-چالا قالمايدىغان مۇھىم  بەش مەزمۇن:

مەزمۇن دائىرسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، چەكلىمە قويۇلمايدۇ ئەمما تۆۋەندىكى بەش ساھە چوقۇم چالا قالماسلىقى كىرەك.

   1-ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ۋە ختتاينىڭ سياسىتى 

2-خەلقئارانىڭ، جۈملىدىن غەرپ، ئ‍سلام ۋە تۈرك دۇنياسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى،  ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ختتايغا تۇتقان ھەرىكەت،  پوزىتسيە، بايانات، دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرى خەۋەرلىرى

3-ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ھەرىكەتلىرى، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۆزگىچە، كۆلىمى زور، يېڭى بولغان ھەرىكەتلىرى

4-ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت باياناتلىرى، ساختا تەشۋىقاتلىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر.. 

5-ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل ھاياتىدىكى مەدەنىي، ئېقتسادى، مائارىپ، تەنتەربىيە، ئىجتىمائى ساھەدىكى ئىجابى ئەھمىيەتكە ئىگە ئ‍شلار، ئۇتۇق قازانغان شەخسلەر،ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ھاياتى، تونۇلغان پشقەدەملەرنىڭ ھاياتى قاتارلىق مەزمۇنلار..

يۇقىرىدىكى خەۋەرلەر ئىجابى خەۋەرلەر، ئۆزلەشتۈرمە خەۋەر،تەرجىمە خەۋەر، ماقالە ياكى ئ‍وبزور شەكلىدە بىرىلسە بولىدۇ،  

 

Uyghur Reporter

Next Post

ياپونىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

جۈ دېكابىر 24 , 2021
ياپونىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

You May Like