ئامېرىكا ئەلرايى: 81% ئامېرىكا خەلقى ختاي دۆلىتىنى ياقتۇرمايدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 2-ماي

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئەلرايى تەكشۈرۈش تەتقىقات مەركىزى پېۋ ئىنۇستىتۇتى ئىلان قىلغان ئەلرايى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، 81 % ئامېرىكا خەلقى-ختاي دۆلىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئ‍ۇدا 5 يىل ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقىنى ئىپادىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

43% ئامېرىكىلىقلار ختاينى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىكەن.

50% ئامېرىكىلىق ختاينى رىقابەتچى دەپ قارايدىكەن.

42% ئامېرىكىلىق ختاينى دۈشمەن دۆلەت دەپ قارايدىكەن ۋە ختاي ئامېرىكا ئېقتسادىغا زەربە بىرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

يېرىمىدىن كۆپ ئامېرىكىلىقلار «ختايغا زەربە بىرىش-ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاشقى سياسىتى بولۇشى كىرەك»دەپ قارايدىكەن.

71% ئامېرىكىلىقلار ختاي دۇنيادا بارغانسرى كۈچلىنىپ كېتىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

كونسرۋاتىپ ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسگە ئەگىشىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختايغا بولغان ياقتۇرماسلىقى-لىبرال ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا 25 % كۈچلۈك ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىسى، تېخىمۇ كۆپ خەۋەرلەر ئۈچۈن تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى قوللاڭ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تەھرىرات باش ماقالىسى: ياۋروپا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئۆز تەسر كۈچىنى كۆرسىتىشى كىرەك

دۈ ماي 6 , 2024
ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ 5 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا رەسمى زىيارەتتە بولماقتا، ئۇ فىرانسيە، ھونگىرىيە ۋە سېربىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ختاينىڭ ياۋروپادا چەكلىنىۋاتقان شركەتلىرىگە بازار ئېچىشنى، ياۋروپا بولسا ختاينى روسيە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قارشى ياردەم ئەۋەتمەسلىككە قايىل قىلىشقا تېرىشىدۇ.بۇلار تاراتقۇلاردا دىىيلىۋاتقىنى. مەيلى ختاي مەيلى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا […]
سۈرەت مەنبەسى: ختاي سوسيال مېدىياسى

You May Like