تەھرىرات باش ماقالىسى: ياۋروپا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئۆز تەسر كۈچىنى كۆرسىتىشى كىرەك

ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ 5 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا رەسمى زىيارەتتە بولماقتا، ئۇ فىرانسيە، ھونگىرىيە ۋە سېربىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ختاينىڭ ياۋروپادا چەكلىنىۋاتقان شركەتلىرىگە بازار ئېچىشنى، ياۋروپا بولسا ختاينى روسيە ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قارشى ياردەم ئەۋەتمەسلىككە قايىل قىلىشقا تېرىشىدۇ.بۇلار تاراتقۇلاردا دىىيلىۋاتقىنى.

مەيلى ختاي مەيلى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا بولسۇن، بۇ قېتىملىق يېغىن كۈنتەرتىۋىدە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش سۆھبەت مەزمۇنىدا يوقلۇقى ئاشكارا.

بۇ نۇقتىدا بىز شۇنى دىيەلەيمىز، ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئ‍نسانىيەت تارىخىدا، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا سەل قارشى ياكى ئىزچىل بولماسلىقى، سەل قارىمىغان تەقدىرىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتتە بولماسلىقى- كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئەلۋەتتە كۆپ: ئۇكرائىنا ۋە گازا ئۇرۇشى سەۋەبلىك دىققەت چىچىلىشى،ئۆز دۆلىتىنىڭ سياسى مەنپەئىتى، ئۆز دۆلەت شركەتلىرىنىڭ ئېقتسادى تەلەپلىرى….بۇلار ئالدىدا ئەلۋەتتە ئاۋازسز ياكى ئاجىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ئۇنتۇلىدۇ.

ئەمما ئ‍ېچىنىشلىقى شۇكى، ئەگەر پارىژدىكى ختايغا قارشى نامايىشىچلار قوشۇنى بولمىسا، ئەگەر پارىژدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بولمىسا، بىر قسم تاراتقۇلارنىڭ نەق ئۈلگۈرۈپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تاراتقۇ دىققىتىگە ئىلىپ كەلمىسە ئىدى، مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى ئۇنتۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپمۇ قالغان بولاتتۇق.

بىز ياۋروپانىڭ ختايغا پۈتۈنلەي ئەسر بولۇشى ياكى سرتمىقىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئويغىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىلىشمىز كىرەككى، ئاز بولساقمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتى-چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرستىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ھەرىكەت ھسابلىنىدۇ، ئۇ ختايغا: بىز سنى كۆزگە ئ‍ىلمايمىز، بىز سنى جىنايەتچى، قاتىل دەپ تونۇيمىز، ساڭا ئ‍نسانى ھۈرمەت يوق، سەن قارشى ئىلىنمايسەن،ئۇيغۇرلارغا قارىتا بارلىق جىنايەتلىرىڭنى توختات دىگەندىن ئىبارەتتۇر.دۇنياغا، ئۇيغۇرلار تېخى تۈگەشمىدى، تېخى ۋاز كەچمىدى، بىز توختىمايمىز دىگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئوبزور: ئۇيغۇرلۇق مەشئ‍ىلى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بۇرچى

چا ماي 8 , 2024
دىياسپورادىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى ئىپادىلىرى ھەققىدە: ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇيغۇر مىللى كىملىك سۆيگۈسى بىلەن چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى كەلگۈسمىزنىڭ ئ‍ۈمىدلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسنىڭ چەتئەللەردە قانچىلىك جاپالاردا ياشاپ ئۆزىنى چوڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى، بوۋىلىرى، مومىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى،نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى باشقا خەلقلەر بىلەن […]
ئۇيغۇر مەدەنىيتى

You May Like