ئ‍نسان ھەقلىرىنى  كۆزىتىش تەشكىلاتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ھوقۇق دىئالوگى  يەنىلا ئۈنۈمسىز.

ئەمەلى  ئىلگىرىلەش بولمىسا  يىللىق يىغىننى بىكار قىلىش كېرەك؛

ئاپتورلىرى:

ھېلېن دې رېنژېرۋې ( Hélène de Rengervé)

 ئالىي ھىمايىچى، كارخانا مەسئۇلىيەتچانلىقى

يالقۇن ئۇلۇغيول (Yalkun Uluyol )

 خىتاي تەتقىقاتچىسى

بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر چوڭ رەقەملەردىن دېرەك بېرىدۇ: يەنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 13-ئىيۇن بىرۈكسېلدە پىلانلانغان يىللىق ئ‍نسان ھەقلىرى  دىئالوگىنىڭ 40-قېتىملىقى. بىراق، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق  ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى باھالىغاندا، بۇ رەقەم نۆلگە يېقىن.

ئ‍نسان ھەقلىرىنى  كۆزىتىش تەشكىلاتى 15-مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنغان دوكلاتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن ئ‍نسان ھەقلىرى  دىئالوگىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى  قايتا تەكىتلىدى. باشقا ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىللە، ئ‍نسان ھەقلىرىنى  كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ  «جەدىۋەل تولدۇرۇش» ، يەنى يېپىق ئىشىك ئارقىسىدا قىلىنغان، ئەمەلىي نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغان تەنقىد مەشىقىنى قايتا-قايتا ئەيىپلىدى. 

مەسىلەن، يىللاردىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، بېيجىڭ تەرىپىدىن ئاساسسىز قولغا ئېلىنغان  ۋە 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان شۋېتسىيەلىك كىتاب ساتقۇچى گۈي مىنخەينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى؛ تىنچ پائالىيەتچانلىقى تۈپەيلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2017-يىلدىن بۇيان ئائىلىسىنىڭ زىيارەت قىلىشى رەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئالىمى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىسى ئىلھام توختىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلمىدى. .

يوقۇرىقى ئىككى مەسىلە،ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ  شىنجاڭ، تىبەت ۋە شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى يېڭىدىن يوقۇرى پەللىگە چىققان باستۇرۇش سىياسىتىگە  مەنىلىك  تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنىڭ سىمۋولىدۇر.

دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق  ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىللىق شىنجاڭ توغرىسىدىكى تارىخىي دوكلاتى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن زىيانكەشلىك سىياسىتىنىڭ «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسان ھەقلىرى  ئىشخانىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق دەخلىسىز زىيارىتى ئۈچۈن  رۇخسەت بېرىشكە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئ‍نسان ھەقلىرىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىش قىيىن. بىراق ئ‍نسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى  تۆۋەن دەرىجىلىك مەخپىي سۆھبەت سەۋىيىسىگە  چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى  چەتكە قېقىش ۋە مەشئۇرىيەتسىزلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا شېرىك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

ئۇنىڭ ئورنىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئادالەتسىز سودا قىلمىشلىرى، بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى، چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇق  قاتارلىق مەسىلىلەردە ئايرىم-ئايرىم توختىلىش  سەۋەپلىك يارىتىلغان سۈنئىي توسالغۇنى بۇزۇشى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ساھەلەردىكى ئىشتىراكلارغا، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلارغا كىرگۈزۈشى كېرەك. 

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يېقىن كەلگۈسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت جەريانىدا ئ‍نسان ھەقلىرىنى ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەگەر بېيجىڭنىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى توختانمىغىنىدا دۇچ كېلىدىغان كونكرېت ئاقىۋەتلەرنى ئېنىق كۆرسىتىشى  كېرەك. 

بۇنداق قىلماسلىق خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈرمىدىكى ئىنىم ئادىل ۋە باشقا ئاتىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن.

يە ئىيۇن 15 , 2025
ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەر قايسى بايراملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىسى باشقىچە. ھەر قېتىملىق يېڭى يىل، ئاياللار بايرىمى، ئاتىلار بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى، بالىلار بايرىمى… بولغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندە قالغان تۇققانلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ياد ئېتىدۇ. يېنىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتكە چۆمىدۇ. مەرھۇم دادامنىڭ، ئۈچ پەرزەنتنىڭ دادىسى تۈرمىدىكى ئىنىم ئادىلنىڭ، سانسىزلىغان […]
ئاتىلار بايرىمى

You May Like