ئوبزور: ئۇيغۇرلۇق مەشئ‍ىلى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك بۇرچى

دىياسپورادىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى ئىپادىلىرى ھەققىدە:

ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئۇيغۇر مىللى كىملىك سۆيگۈسى بىلەن چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى كەلگۈسمىزنىڭ ئ‍ۈمىدلىرىدۇر.

ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسنىڭ چەتئەللەردە قانچىلىك جاپالاردا ياشاپ ئۆزىنى چوڭ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتى، بوۋىلىرى، مومىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى،نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى باشقا خەلقلەر بىلەن تىلى، مەدەنىيتى، چىرايى ئوخشمايدىغانلىقىنى بىلىشى بەك مۇھىمدۇر.

ئۇلارنى شۇنداق تەربىيلەش-ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بۇرچى،شۇنداقلا ئومۇمى ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ بۇرچىدۇر.

بۇنىڭ بىر مسىالى سۈپىتىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى پائالىيەتلىرىنى مسال قىلىش مۇمكىن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىللاردىن بىرى بىر قولىدا سياسى ھەرىكەتلەرنى يەنە بىر قولىدا ياشلارنى ، كىينكى ئەۋلاتلارنى مەدەنىيەت ۋە كىملىك، سياسەت ۋە ئاكتىۋىزىم ساھەسىدە تەربىيلەپ كەلدى.

ھازىر ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئومۇميۈزلۈك قىرىلىشش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ، ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر كۆرەش سپىگە قوشۇلغانلار-چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان يېڭى ئەۋلاتنىڭ ئۆز مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج.

چوڭلارنىڭ قويۇق ئالاقە قىلىشى، ئۆز-ئارا ئىززەت-ھۈرمىتى ۋە مۇھەببىتى-مىللەتنىڭ كىلەچىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئەگەر چوڭلار، جامائەت ئەربابلىرى ئۆز-ئارا ئىناق، مۇھەببەتلىك ئۆتمىگەندە، ياشلارنىڭ ئ‍ۆز-ئارا مۇناسۋىتى،مىللەتكە مۇھەببىتى كۈچلۈك بولمايدۇ،ھەتتا جەمىيەتتىن قاچىدۇ.

كەلگۈسمىز ئۈچۈن كۆپ نەرسلەر مۇھىم، ئەمما ئادەم كۈچىمىز ئەڭ مۇھىم،بىزگە كىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئادەم كۈچى-ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر.ئۇلارنى ئۇيغۇرنى سۆيىدىغان،ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەش بۇرچىمىزدۇر.

سۈرەتلەر مەنبەسى: ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپ بىرلىكى

سۈرەتلەر-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي 20 يىللىق قۇرۇلۇشنى خاتىرىلەش مۇراسمىغا ئائىت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچىلىرى جىنسى پاراكەندىچىلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن خەۋەر ئىلان قىلىندى

شە ماي 11 , 2024
11-ماي ئامېرىكىدا چېقىدىغان خەۋەر تور بېكتى نوتوس 10-ماي كۈنى «كىشلىك ھوقۇق دۇنياسنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىك مەسلىسى بار»ناملىق تەكشۈرۈش ماقالىسى ئىلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئ‍سا ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇدىرىيەت رەئىسى نۇرى تۈركەل ھەققىدە ئىككى ئايال ئوتتۇرىغا قويغان جىنسى پاراكەندىچىلىك ئەيىپلەشلىرىنى خەۋەر قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە دىيلىشچە، ختايغا قارشى […]
ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئەيىپلەندى

You May Like