دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى باشلاندى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-ماي

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېندا چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى باشلاندى.

سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ۋەكىللىرى، تۈركىيەنى مەركەز قىلغان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە دايانىشما دەرنىگى، ياۋروپا، كانادا، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. 

يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە بۇندىن كېيىنكى يول خەرىتىسى، ۋە كېلەچەكتىكى بەزى پىلانلار، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرىيەت يولىدا ماڭىدىغان مۇساپىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ بىرلىككە كەلگەن بىر يول خەرىتىسى چىقىرىلىدۇ. 

بۈگۈنكى يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مىشەل باچېلېت توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

سە ماي 31 , 2022
مىشەل باچېلېت توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

You May Like