ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

 ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-ئۆكتەبىر
 

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قاتارلىقلار 28-سېنتەبىر پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 28- سېنتەبىردىن باشلاپ پورتۇگالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىسلار پورتۇگالىيە  پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگەندىن باشقا يەنە، ئۇلار پورتۇگالىيەدىكى پائالىيەت جەريانىدا يەنە پورتۇگالىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىمۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

بۇ ھەقتە روشەن ئابباس خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا  ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ:

« پورتۇگالىيەدىكى نەچچە كۈنلۈك پائالىيىتىمىزنى غەلىبىلىك تۈگەتتۇق. ئاخىرقى كۈنىمىزدە، پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، 21 – ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى  ھازىرغا قەدەر ئىسپاتلانغان تۈرلۈك دەلىللەر ئارقىلىق ئەتراپلىق تونۇشتۇردۇق.  خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىر قەدىم مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھەممىدىن بەكرەك تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭمۇ شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇملارغا قارشى كەسكىن بىر سىياسەت بەلگىلىمەي، ھازىرغىچە كەسكىن تەدبىر قوللانمىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئالدىمىزدىكى ھەپتە ب د ت دا ئاۋازغا قويۇلىدىغان قاراردا، پورتۇگالىيەنىڭ خىتاي رېجىمغا قارشى ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا تەرەپسىزلىق  يوق ئىكەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا تەرەپسىز تۇرىمىز دېگەنلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق.  بەزى پارلامېنت ئەزالىرى كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ ، پارلامېنتتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە رەسمىي سورۇندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ زوراۋانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.»

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

دۈ ئۆكتەبىر 3 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا،قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات،قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت، جەسۇر لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىقلاردىن تەركىپ تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئىتى 25 - سىنتەبىر باشلاپ ياپونىيەگە يېتىپ كېلىپ ياپونىيەدە بىر ھەپتىدىن جىق پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ 2018 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

You May Like