ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى قسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى -ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەرىپىدىن 2018-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشنگىتوندا تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تىللىق مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-پايدا ئالمايدىغان تەشكىلى ئورگان بولۇپ، ئاممىۋى قوللاش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ

 

1-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قانداق ئورگان؟

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى (ئۇيغۇر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،(Romanized:  Uyghur Aginitliqi ,уйғур агенитлиқи ،维吾尔时报) 

 

2018-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشنگىتوندا تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ تىللىق مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى.

نۆۋەتتە نورمال مېڭىۋاتقان ياكى يېڭىدىن خىزمەتكە كېرشتۈرۈلگەن ھەر قايسى قانال تور بېكەت ئادېرسلىرى:

 

ئۇيغۇرچە تور بەت ئادېرسى:www.iuyghur.com 

ئىنگىلىزچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurtimes.com

گىرمانچە تور بەت ئادېرسى:www.uiguren.com

ختتايچە تور بەت ئادېرسى:www.weiwuer.com

تۈركچە تور بەت ئ‍ادېرسى:www.haberuygur.com

فىرانسۇزچە تور بەت ئادېرسى:www.ouighour.com

روسچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurru.com

ئەرەبچە تور بەت ئادېرسى:ar.uyghurtimes.com

ياپونچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghurjp.com

گوللاندچە تور بەت ئادېرسى:www.oeigoeren.com

ئ‍سپانچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.es

ئىبرايچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.co.il

ھىندونوزىيەچە تور بەت ئادېرسى:www.uyghur.id

 

 

قۇرغۇچى: ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان.

خاراكتىرى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىپايدا ئالمايدىغان تەشكىلى ئورگان بولۇپ، ئاممىۋى قوللاش ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدۇ.

خادىملار: 100 دىن ئارتۇق ئەزارلار ئىچىدە، بىر قسم  مۇقىم خىزمەتچىلىرىدىن باشقا كۆپ قسم خادىملار پىدائىيلىق ۋەزپىسنى ئۆتەيدۇ.

ئورنى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى نۆۋەتتە ۋاشنگىتوندا، تۈركىيەنىڭ ئ‍ستانبۇل شەھىرىدە ئ‍شخانا تەسس قىلغان، ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرى، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە قازاقستاندا مۇخبىرلار پونكىتى قوشۇنى قۇرغان.

رولى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سياسى ۋە ئىجتىمائى رىئاللىقىنى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنياغا ئەينەن يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ۋەزىپسنى ئۈستىگە ئالغان ئورگان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا يەتكۇزۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە تەشەببۇسلىرىنى خەلقكە بىلدۇرۇش،دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسيەسنى ئ‍اممىغا بىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرىنەرلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مىللى كىملىكى، مەدەنىيتى، ئەدەبىياتى ھەققىدە تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىلان قىلىپ،مۇھاجىرەت خەلقىمىزنىڭ مىللى روھىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيلەشتە خىزمەت ئ‍شلىدى.شۇنداقلا،مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئارسدا،ۋەتەن-مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشەببۇسلىرى،گۇۋاھلىق بىرىش ھەرىكىتى،ئ‍ۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى ساھەسىدە ھەرىكەت چاقىرىقلىرىنى ئىلان قىلىپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشقا ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئاۋاز قوشتى.

تەسرى:

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەر بېكىتىمەزمۇن رەڭدارلىقى، چىنلىقى، ئاممىبابلىقى، بىتەرەپ ھالدا ئىچكى ماجرالارغا ئارىلاشماسلىقى بىلەن مۇھاجىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۇيغۇر خەلقىگە قىززىقۇچى مۇتەخەسسلەر، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەر، ھۆكۈمەت ئاخبارات تارماقلىرىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ  ئىنگىلىزچە قانىلى ئۇيغۇر تايمىيزئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ قالدى. ئەرەبچە، تۈركچە، ياپونچە، ختتايچە، گىرمانچە قاناللىرىئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان ئېرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان مەخسۇس ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ كەلدى. ۋاشنگىتون پوچتىسى، ئەلجەزىرە،خەتەر ئىچىدىكى ئالىملار قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋەرلىرىنى نەقلى قىلىپ ئ‍شلەتتى.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۈچ پىرىنسپى بار بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت.

شۇئارى:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئاساسلىق شۇئارى: «مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!!»

 

Uyghur Reporter

Next Post

ختتاي ۋە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىلى:شى جىن پىڭ بىلەن ئەردوغان تەبرىك يوللاشتى:

جۈ ئاۋغۇست 6 , 2021
6-ئاۋغۇست، 2021-يىلى  8-ئاينىڭ 4-كۈنى ختتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

You May Like