ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر يېزىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر يېزىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خەۋەر يېزىش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمى

 

ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ھەرىكەتلىرى بولسا-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى(ئۇيغۇر تايمىز)نىڭ ئۈچ ئاساسلىق تېمىسى بولغان ۋەتەندىكى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ختتاي سياسىتى، خەلقئارا ئىنكاس ۋە ياردەم،چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ھەرىكەتلىرى قاتارلىق ئۈچ ئاساسى  تېمىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى دۇنيادىكى ھۆكۈمەت، تەتقىقات مەركەزلىرى، گۇرۇپپىلار، تاراتقۇلار،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توغرا، بتەرەپ، ئوبېكتىپ شەكىلدە خەۋەر ئ‍شلەيدۇ.

دائىرسى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شەخسلەرنىڭ ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ختتايغا قارشى سياسى ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېجتىمائى ،مەدەنى پائالىيەتلىرى؛

 

دىققەت قىلىدىغان نۇقتا:

1-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىنغان پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەر قانداق ئورگان ۋە ياكى شەخس بولۇشدىن قەتئىينەزەر ئىلان قىلىنىسا بولىدۇ، تەرەپ تۇتۇلمايدۇ.

2-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى-پىدائىيلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز شۇ پىدائىيلارنىڭ ۋاقىتتىن-ۋاقىت چىقىرىپ ئ‍شلەۋاتقانلىقى، خالىسانە سەمىمى نېيەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەتىجىسى. بىزدە چوڭ تاراتقۇلاردەك مۇنتىزىم ئ‍شلەيدىغان مۇقىم خادىملار قوشۇنى ۋە كۈچلۈك مالىيە مەنبەيىمىز يوق. شۇ سەۋەبتىن، بىز دۇنيادىكى بارلىق تەشكىلات-شەخس، ھەرىكەتلەرنى ئىز قوغلاپ يېزىشقا، خەۋەر قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايمىز، ئەگەر تەشكىلاتلار ياكى ئ‍ش-ھەرىكەت تەشكىللىگۈچىلەر ئۆز پائالىيتىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق تارقىلىشنى خالىسا، ھەرىكەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى بىلەن ئالاقىلىشپ ئۇقتۇرۇش قىلسا،ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملىرى بار بولغان ئورۇنلاردا مۇخبىر ئەۋەتىلىدۇ،ئەگەر پائالىيەتتىن بۇرۇن ئالاقىلاشمىغان بولسا ،پائالىيەتتىن كىين ئالاقىلشىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توغرا،ئەينەن تەمىنلىگەن بولسا، شۇنداقلا مەزكۇر ئ‍ش -پائالىيەت ۋە ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاگنتلىقى خەۋەر قىلىدىغان دائىرىدە بولسا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ ساھەدە خەۋەر يازسا بولىدۇ. ئەمما بىز ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش بولمىغان ،ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئېرشەلمىگەن ئەھۋالدا پاكىتسز خەۋەر يازالمايمىز.

 

3-بىز تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ تەشۋىقات سەھنىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ختتايغا قارشى ئىلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ۋە ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى ئەينەن خەۋەر قىلغۇچى، شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتلەردە تەشكىلات ياكى شەخسنى كۆپتۈرۈپ ماختاشقا بولمايدۇ.تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان خەۋەرلەرنى يېزىش تەلەپلىرى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يازماسلىقنى تەلەپ قىلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.نىمىنى يېزىش ياكى قانداق يېزشنى-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان قارار قىلىدۇ.

 

4-مەيلى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئورگان نامىدىن بولسۇن ياكى مۇخبىرلىرىمىز بولسۇن، ھىچقانداق تەشكىلات ياكى شەخسكە خوشامەت قىلىش، ياخشىچاق بولۇش، شۇ ئورگان ياكى شەخستىن مەنپەئەت، ئورۇن، مەدھىيەگە ئىرشش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتلەرنىڭ مىللەت تەقدىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن خەۋەر قىلىدۇ. شۇڭا خەۋەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن ھىچقانداق ئورگانغا يالۋۇرۇپ-يېلىنىمايدۇ.شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىزگە يالۋۇرۇشى ياكى يېلىنىشنى خالىمايدۇ.بۇ پەقەت مىللەتنىڭ خىزمىتى،پىرىنسپقا ئۇيغۇرنق كەلسە، بىزنىڭ كۈچىمىز يەتسە يازىمىز،بولمىسا ئامالىمىز يوق. تەشكىلاتلار ھەققىدە خەۋەر يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ھىچقانداق بىر نەرسە كۈتمەيدۇ.

 

زىيارەت قىلىش: شۇ سياسى ھەرىكەت ۋە پائالىيەتنى ئىلىپ بارغۇچىلارنى شۇ پائالىيەت ۋە ھەرىكەت ھەققىدە ،ئەھمىيتى،جەريانى،خەلقنىڭ ئىنكاسى، باشقا پائالىيەتلەردىن پەرقى،كۈتكەن ئۈمىدى ھەققىدە سۇئال-سوراش؛

خەۋەرنى ئورتاقلىشش: مەزكۇر خەۋەر تەييارلانغاندىن كىين، تور بېكەت ۋە سوسيال مېدىيالىرىمىزدا تارقىتىش،شۇ ئورگان،شەخسگە ئەت ۋە تەگ قىلىش، ئ‍ۇلارنىڭ مەزكۇر خەۋەرنى تارقتىشغا تەۋسيە قىلىش لازىم؛

 

ئۇزۇن-قسقىلىقى: ئەڭ قسقا بولغاندا، بەش قۇردىن ئۇزۇن بولغاندا بىر بەتكىچە بولسا بولىدۇ.

فورماتى: 1-ماۋزۇسى 2-يازغۇچى ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، ۋاقتى، ئورۇن 3-خەۋەر مەزمۇنى 

 

خەۋەر مەزمۇنى : ئ‍ش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەت ئىلىپ بارغۇچىلار (تەشكىلات ياكى شەخس ئ‍سمى، سانى)، ئورۇن (دۆلەت، شەھەر ئ‍سمى)، ۋاقتى (يىل، ئاي، كۈن) پائالىيەت مەقستى (ختتاينىڭ ئ‍ۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بارغان ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسان ھەق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش. ۋە ياكى… دىگەندەك)مەزكۇر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيتى (نىمە ئۈنۈم ۋە تەسر) ،ئارقا كۆرۈنۈش (بۇنداق سياسى ھەرىكەتنىڭ نىمە ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكى ، تارىخى سەۋەبى ياكى نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئىنكاس )قاتارلىقلار قسقىچە قستۇرۇلىدۇ.خەۋەر مەنبەسى: ئەگەر خەۋەر يازغۇچى بولغان ئۆزىمىز نەق مەيداندا بولساق ياكى شۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىنى زىيارەت قىلغان بولساق، خەۋەر مەنبەسى ئۆزىمىز بولىمىز،ئەگەر بىز نەق مەيداندا بولمىساق ياكى خەۋەرنى بىز يازمىغان بولساق،شۇ خەۋەر ئىلان قىلىنغان مەنبەنى مەسلەن سوسيال مدىيا ياكى مەزكۇر ئورگان ياكى شەخسنىڭ تور بېكىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشمىز لازىم.

 

تۈزۈپ چىققۇچى: تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان؛

ئىلان قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيتى

2022-يىلى،2-ئۆكتەبىر

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ۋىدىئو ئانالىز خەۋىرى يېزىش ئۇسۇل ۋە چارىلىرى ھەققىدە

يە ئۆكتەبىر 2 , 2022
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدىكى ئوچۇق مەنبەلىك ئۇچۇرلار ھەققىدىمۇ خەۋەر، ئانالىز ماقالىسى ئىلان قىلىدۇ.

You May Like