ختاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ھەيۋە كۆرستىش مەشق تۈرلىرى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ماي

 يېقىندا ختاي خەلق تورى ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ختاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى «يىلپىز» زەربىدارلار چوڭ ئەترىتى يېڭى ئەترەت ئەزالىرىغا يەڭ بەلگىسى بېرىپ، ئېلىشىش، ئارغامچىغا يامىشىپ چۈشۈش، ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى بۇلاشقا قارشى تۇرۇش، تاغدا يوقىتىش، سۇ ئاستىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك كۆپ تۈرلۈك مەشىق كۆرۈنۈشىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان.

بۇ ئاتالمىش «دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدارلار ئەترىتى» بولۇش سۈپىتى بىلەن 2002-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ ئەترەت تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، نوكاڭ جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى قاتارلىق نەچچە ئون قېتىملىق ئالاھىدە، مەخپىي ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلغانمىش.

ختاي كۆزدە تۇتۇپ كىلىۋاتقان تېرورچىلار ئەزەلدىن ختاي مۇستەملىكىسى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنى كۆرستىدىغان بولۇپ، ختاينىڭ بۇنى ئاشكارا ئىلان قىلىشى -بۇ ختاينىڭ ھەيۋسنى كۆرستىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ج خ تارماقلىرىنىڭ ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ زور ئالقىشغا ئىرششنى مەقسەت قىلغان باشلىقلىرىغا خىزمەت قىلىدۇ.

ختاي خەلق تورى يەنە مۇنداق دىگەن: «بۇ يەردە لاياقەتلىك زەربىدار ئەترەت ئەزاسى بەدەن ساپاسى، قورال ئىشلىتىش، تاكتىكا، ئۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك قاتتىق كۆرسەتكۈچكە يەتكەندىن سىرت، يەنە بەدەنگە قاراپ كىيىم پىچىپ ئالاھىدە ھەيدەش، پاقىسىمان سۇغا چۆكۈش، مەرگەن مىلتىقى بىلەن قارىغا ئېتىش قاتارلىق ئالاھىدە مەشىقلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. ھەر كۈنى سەككىز سائەت يۇقىرى سىجىللىقتا مەشىق قىلىپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئۈزۈلدۈرمەي مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن بىر پىشقان يىلپىز زەربىدارلار ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مېديۇم شركىتى ئۇيغۇر تايمىز ھېساۋاتىنى خاتا چەكلەپ قويغانلىقىنى ئ‍ېتىراپ قىلدى

چا ماي 15 , 2024
ئۇيغۇر تايمىز ئۆز خەۋىرى،15-ماي ئامېرىكا تور نەشر شركىتى مېديۇم (medium )ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ھېساۋاتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىشى بىلەنلا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا چەكلەپ قويغان ئىدى.ئۇيغۇر تايمىز تېخنىك بۆلۈم بىر نەچچە قېتىم ئالاقىلەشكەن بولسمۇ ئۇلار ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.ئۆتكن ھەپتە ئۇيغۇر تايمىز ئادوۋكات مەزكۇر شركەت بىلەن ئالاقىلىشپ، […]
مېديۇم شركىتى ئۇيغۇر تايمىز ھېساۋاتىنى خاتا چەكلەپ قويغانلىقىنى ئ‍ېتىراپ قىلدى

You May Like