ئامېرىكا ئادمىرالى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسى ختايغا يېتىشۋىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇرۇش كىمىسى ئ‍شلەپچىقىرىشى لازىم

29-يانۋار

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسنىڭ سابىق ئادمىرالى، ناتو دىڭىز ئارمىيسى قوماندانى US Navy Adm. James Stavridis ئامېرىكىنىڭ سودا خەۋەردارى ناملىق خەۋەر ئ‍ورنىغا مۇنداق دىگەن: ئامېرىكا ختاي بىلەن دىڭىزدا ئۇرۇش قىلىشقا ھازىرلىنىش ئۈچۈن كۆپرەك ئۇرۇش كېمىسى ستىۋىلىشى كىرەك.

بىزنىڭ سۈپىتىمىز ياخشى، ئەمما ختايدا 355 دانە دىڭىز ئۇرۇشى كېمىسى بار، بۇ بىزنىڭكىدىن كۆپ.»

ئامېرىكا ستىراتىگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى ( Center for Strategic and International Studies)نىڭ 2021-يىلى ئاشكارىلىشچە، ئامېرىكىنىڭ 295 دانە ئۇرۇش كېمىسى بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئ‍ستىخباراتى قولغا چۈشۈرگەن مەخپى دوكلاتتا ئىلان قىلىنىشچە، ختاي جەنۇبى ختاي دېڭىزى ئەتراپىدا مەخپى ھالدا ئۇرۇش رايونى قۇرغان ۋە دېڭىز ئارمىيسنى كۈچلەندۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇرۇش كېمىسى ئ‍شلەپچىقىرىش ئېقتىدارى ئامېرىكىنىڭكىدىن 232 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن.

مەنبەسى:( ئامېرىكا سودا خەۋەرلىرى)

خەۋەرنى ئەسلى ئۇلىنىشتىن ئوقۇش ئ‍ۈچۈن ئۇلانمىسى:

https://www.businessinsider.com/us-needs-bigger-navy…

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇرلار ئ‍شلىگەن فىلىم ۋاشنگىتوندا تۇنجى قېتىم قويۇلىدۇ

دۈ يانۋار 29 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 29-يانۋار ئۇيغۇر رىژىسور مەمەتجان سەمەت تەرىپىدىن رىژىسورلۇق قىلىنغان، ئۇيغۇرلار رول ئالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن «Waiting for the End»ناملىق فىلىم 10-فېۋرال ۋاشنگىتوندا قويۇلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەزكۇر فىلىم چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دادىسى لاگىرغا تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كىيىنكى تۇرمۇش، سالاھىيەت، خىزمەت، مۇھەببەت ۋە دادىسىنىڭ خەۋرىنى ئېلىش ۋە شۇنداقلا دادىسى ئۈچۈن […]
ئۇيغۇرلار ئ‍شلىگەن فىلىم ۋاشنگىتوندا تۇنجى قېتىم قويۇلىدۇ

You May Like