ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىرلىكتە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 22-سېنتەبىر

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ 22-سېنتەبىر بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كېلەر جۈمە(29-سېنتەبىر) گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بېرلىندا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى كۈتۈۋالىدىكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

باياناتچى قىلغان سۆزىدە بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « كېلەر جۈمە كۈنى باش مىنىستىر شولز بېرلىندا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ… سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئىقتىساد ۋە شۇنداقلا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ…»

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى شىئەندە داغدۇغا بىلەن ھەشەمەتلىك كۈتۈۋېلىپ سۆھبەتتە بولغان. بۇ ھەپتە نيۇ-يوركتىكى «ب د ت» يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل ئىككى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: « موسكۋا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن بۇرۇن گېرمانىيە ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيەگە ئېغىر دەرىجىدە تايىناتتى، نۆۋەتتە بېرلىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا ئامال ئىزدىمەكتە. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسى گېرمانىيە ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم.»

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پارتىلاتقۇچ:ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى،  ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى مەنەندەز مسر ھۆكۈمىتىدىن  پارا ئالغانلىق جىنايتى بىلەن ئەيىپلەندى

جۈ سېنتەبىر 22 , 2023
تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-سىنتەبىر بۈگۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىنقى زاماندىكى «ئەڭ چوڭ چېرىكلىك ۋەقەسى» خەۋىرى بىلەن ئالدىراش بولدى،داڭلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى،يېڭى جىرسى شتاتىدىن كەلگەن ، دىموكراتلار پارتيسى ۋەكىلى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى باشلىقى بوب مەنەندەز ( Bob Menendez)-ئامېرىكا ئەدلىيە منتسرلىكى جەنۇبى رايون تەپتىش تەرىپىدىن پارا ئىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى. […]
بوب مەنەندەز، كېڭەش پالاتا ئەزاسى

You May Like