پارتىلاتقۇچ:ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى،  ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى مەنەندەز مسر ھۆكۈمىتىدىن  پارا ئالغانلىق جىنايتى بىلەن ئەيىپلەندى

تۇرسۇنجان ئۇيغۇر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 22-سىنتەبىر

بۈگۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىنقى زاماندىكى «ئەڭ چوڭ چېرىكلىك ۋەقەسى» خەۋىرى بىلەن ئالدىراش بولدى،داڭلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى،يېڭى جىرسى شتاتىدىن كەلگەن ، دىموكراتلار پارتيسى ۋەكىلى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى باشلىقى بوب مەنەندەز ( Bob Menendez)-ئامېرىكا ئەدلىيە منتسرلىكى جەنۇبى رايون تەپتىش تەرىپىدىن پارا ئىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى.

ئەيىپلەشتە مۇنداق دىيىلدى :«كېڭەش پالاتا ئەزاسى  ۋە ئايالى مسر ھۆكۈمىتىدىن ئالتۇن، نەچچە 100 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق نەق پۇل،  مىرسدىز ماشنا قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مسرغا پايدىلىق سياسەت تۈزىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.»

مەنەندەز -دىموكراتلار پارتىيسىدە، ختايغا قارشى ئەڭ كەسكىن مەيدانى بولغان قاتتىق قول سياسەتچى بولۇپ، ختاي بىلەن ھەربى،تېخنىكا جەھەتتە رىقابەتلىشش قانۇن لايىھەلىرىنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقارغان.

مەنەندەز نەچچە قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك قانۇنى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق سياسىتى قانۇنى قاتارلىقلارنى ئالدى بىلەن قوللىغان.

بۇ ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقە ئامېرىكا سياسى ساھەسنى زىلزىلىگە سالماقتا.بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كېڭەش پالاتاسنى كونتىرۇل قىلىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسز پۇرسەت ياراتماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

راھىلە داۋۇتنىڭ مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر قىلغان تاراتقۇلار:

شە سېنتەبىر 23 , 2023
دوكتۇر راھىلە داۋۇت خانىم-ئۇيغۇر مەدەنىيتى، تىلى ۋە فولكلورىنى قوغداش، تەتقىقات قىلىش ئۈچۈن ھەقىقى خىزمەت قىلغان تەتقىقاتچى ئالىمدۇر.2019-يىلى ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن ھازىرغىچە ئۇ ھەقتە چەتئەلدە ئۇيغۇرلار يتەرلىك پائالىيەتلەرنى قىلمىدى،كۈچلۈك تەشۋىقات خىزمتى قىلمىدى. قىزى يالغۇز قالدى. نۆۋەتتە راھىلە داۋۇت خانىم-مۇددەتسز قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىندى. گەرچە ئۇ سزنىڭ بىر تۇققىنىڭىز بولمىسمۇ،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن […]
راھىلە داۋۇت -Rahila Dawut

You May Like