رابىيە قادىر: ب د ت قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدۇق، كۈچ توپلىدۇق

رابىيە قادىر: ب د ت قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدۇق، كۈچ توپلىدۇق

 رابىيە قادىر: ب د ت قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدۇق، كۈچ توپلىدۇق

 

( رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىتا بەرگەن باياناتى) 

 
 ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھىسى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، بۇ ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىنى، خىتاينىڭ غەلىبىسى دەپ تەنتەنە قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ، بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارشى بىر تەنتەنىدۇر. ئەمما بىز بۇ ئاۋاز پەرقىنى مەغلۇبىيەت دەپ قارىمايمىز، چۈنكى بىز بۇ 17 ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھېچبىر دۆلەتكە پۇل بەرمىدۇق، ھېچبىر دۆلەتكە بېسىم ئىشلەتمىدۇق، ھېچبىر دۆلەتكە بويۇنتۇرۇق سالمىدۇق. بىز بۇ 17 ئاۋازغا پاكىت ۋە ھەقىقەت بىلەن ئېرىشتۇق.
 
 مەزكۇر ئاۋاز پەرقى، بەلكىم دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ۋە غەربنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تەسىرى نۇقتىسىدىن مەغلۇبىيەتلىك بىر نەتىجە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن، بۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە مۇۋەپپەق بولۇش غەلىبىسىدۇر. خىتاي دەۋرلەردىن بىرى ئۇيغۇر دېگەن نامدىكى ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ ب د ت دا ئېغىزغا ئېلىنىپ قېلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسۇپ كەلدى: ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى كۆپ قېتىملاپ، ب د ت يىغىنلىرىدىن چىقىرىۋەتتى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇپ ئەكېتىلدى، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى چەكلەندى. مەقسەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت بوسۇغىسىغا يولاتماسلىق ئىدى.
 
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۈگۈن، گەرچە تەكلىپ لايىھە قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا سەھنىدە كۈنتەرتىپ ئىگىلىدى.

خۇا چۇنيىڭ يەنە بۇ ئاۋاز ئۈستۈنلۈكىنى « تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ غەرب ۋە ئامېرىكا ئۈستىدىكى غەلىبىسى» دېدى . ئۇنداق ئەمەس، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ موھتاجلىقتىن قاتىل بىر دۆلەتكە ئەگىشىشتۇر. بۇ دۇنيادىكى زوراۋان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىدۇر. خىتاينىڭ ئارقىسىدا مەنپەئەت ئۈچۈن ئەگەشكەن مىڭ كۇبا، 100 پاكىستان، 1000 ۋېنېزۇئېلا بولسىمۇ، بىزنىڭ ئارقىمىزدا ھەق ئۈچۈن تىك تۇرغان بىر لىتۋانىيە، بىر فىرانسىيە ياكى چېخىيەنىڭ بولۇشى يېتەرلىكتۇر، بۇ بىزنىڭ پەخرىمىز، كۈچىمىز ۋە ئۈمىدىمىزدۇر! ! ! ! 

بۇ ئاۋاز پەرقى خۇا چۇنيىڭ دېگەندەك، ھەقنىڭ ناھەق ئۈستىدىن غەلىبىسى ئەمەس، مەككارلىقىنىڭ راستچىللىق ئۈستىدىن غەلىبىسى، زوراۋانلىقنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدىن غەلىبىسىدۇر. بۇ ئۆتكۈنچى بىر غەلىبىدۇر. چۈنكى خىتاي قىرغىنچىلىق يولى بىلەن ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتكە ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ.

تەكلىپ لايىھىنىڭ رەت قىلىنىشى، بىزنىڭ تەخمىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئاقىۋەت ئەمەس . شۇڭا يولىمىزدىن، نىشانىمىزدىن تەۋرىنىپ قالغىنىمىز يوق. ئالتە يىل بۇرۇن خىتاي مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىدى دېگەن ۋاقتىمىزدا، دۇنيا ئىشەنمىگەن ئىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىككى مىليون ئۇيغۇرنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.2019‏-يىلى22غەرب دۆلىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ بايانات ئېلان قىلغاندا، خىتاي 65 دۆلەتنى بۇنىڭغا قارشى باياناتقا ئىمزا ئاتقۇزغان ئىدى. ئەمما، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دوكلاتىدىن كېيىن، ئۇ65 دۆلەت 21 گە تۆۋەنلىدى.

70 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىستېلاسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي تەھدىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تولۇق بىلىمىز، شۇڭا بۈگۈن خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ ئاۋازى ئۈچۈن نومۇسلا ئەمەس، پۇشايمان قىلىدىغانلىقى، تارىخنىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

1997 ‏-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبرىت خانىم تۇنجى قېتىم ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، گېپىنى «جۇڭگودا ئۇيغۇر دەپ بىر مىللەت بار » دەپ باشلىغان ئىدى. يەنى بار-يوقلىقىمىز ئىزاھات تەلەپ قىلاتتى. بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بارمۇ-يوق دېگەن تېما مۇزاكىرىگە كېلىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 30 يىلدىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش پىلانىنى قانچە تېزلىتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا كۆتۈرگەن بولسا، بىز ئۇيغۇر پائالىيەتچىرىمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بوسۇغىسىچە ئېلىپ كەلدۇق. بۇ بىزنىڭ غەلىبىمىزنىڭ باشلانغۇچى. بىز شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىزكى بۈگۈن نەتىجە 17-19 بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى 46-1 گە ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى 19 ئاۋاز دۇنيانىڭ بۈگۈنكى رەزىل رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە،  17 ئاۋاز ئىنسانلىقنىڭ ئەسلىدىكى ئېسىل تەبىئىتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.

 ئەلۋەتتە بىز بۇ نەتىجىدىن، دۇنيانى، جۈملىدىن قوشنىلىرىمىز ۋە «تۇغقانلىرىمىز» نى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشەنگەن بولدۇق، بۇ چۈشىنىش بىزنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ چىدامچان، تەدبىرلىك بولۇشقا ئۈندىدى، بىزنى چېنىقتۇردى. 
 ئاخىرىدا ئالتە يىلدىن بۇيان لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ ياتقان، ئائىلىلىرى پارچىلانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇن نامىدىن بىز ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن 17 ۋەكىلنىڭ دۆلىتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. 
 
 ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ نۇتۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبەكستان ۋە قازاقستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

دۈ ئۆكتەبىر 10 , 2022
پارتلاتقۇچ نۇتۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبەكستان ۋە قازاقستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

You May Like