پارتلاتقۇچ نۇتۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبەكستان ۋە قازاقستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

پارتلاتقۇچ نۇتۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبەكستان ۋە قازاقستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

پارتلاتقۇچ نۇتۇق: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبەكستان ۋە قازاقستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

 

نۇتۇق تېمىسى: ئۇيغۇرنىڭ ئۆزبەك ۋە قازاق ھۆكۈمەتلىرىگە ختابى

نۇتۇق سۆزلىگۈچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

سۆزلەنگەن ۋاقتى: 2022-يىلى،6-ئۆكتەبىر

سۆزلەنگەن ئ‍ورنى: ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتون شەھىرى، ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيى ئەلچىخانىسى ئالدى؛

 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تۈركى قېرىنداشلىرى بولغان ئۆزبەكستان ۋە قازاقستاننىڭ ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئ‍ىرقى قىرغىنچىلىق سياسىتىنى قوللاپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىگە شېرىك بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ،نامايىش ئىلىپ بارغان.

تۆۋەندىكى بۇ سۆزئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئاننىڭ ئۆزبەكستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن تارىخى نۇتۇقى بولۇپ، ئۇ بۇ نۇتۇقىدا ئۆزبەك ۋە قازاق خەلقى بىلەن قېرىنداشلىقنى ئاساس قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.باشقىلارغا ئوخشاش،بۇ دۆلەتلەرگە ھاقارەت ۋە نەپرەت بىلدۇرمەيدۇ،ئۇلار بىلەن دۇشمەنلىكنى ئەمەس، ئەكسچە ھۇرمەت ۋە ئ‍شەنچنى تىكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنى ھىچقانداق كۇچسز، ئاجىز دەپ قارىماسلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقات، خەلقئارا تەسر كۈچى قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ساتقان ھەر قانداق دۆلەتكە ئۈنۈملۈك زەربە بىرەلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

نۇتۇق ھەر قايسى سوسيال مىدىالاردا تارقالغان قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرۇپ، 500 دىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا،ئوتتۇرا ئاسيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قازاق ۋە ئۆزبەك قېرىنداشلار بولۇپ،ئۇلار ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىسدە تۇتقان پوزىتسيەسدىن ئۈمىتسزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

شەھۋەتپەرەس خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقتى

دۈ ئۆكتەبىر 10 , 2022
شەھۋەتپەرەس خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يېڭى كىتابى نەشردىن چىقتى

You May Like