ئابدۇرۇسۇل: تۈركىيەدىكى ئامېركا كونسۇلخانىسى ئالدىدا سۆزلەنگەن سۆز

نوتۇقنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

ئالدى بىلەن جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقوق يىغىنىدا ئادالەت ياقىلاپ، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن گەپ قىلغان، بىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، تەشكىلاتلارغا ۋە يەككە شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمەن.

تەھرىر: مەنزىل

 نوتۇقنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

ئالدى بىلەن جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقوق يىغىنىدا ئادالەت ياقىلاپ، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن گەپ قىلغان، بىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە، تەشكىلاتلارغا ۋە يەككە شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمەن.

بۈگۈندەك جاھان تەرەققىي قىلىپ كىشىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي،  مەنىۋىي ساپاسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۋاتقان بىر شارائىتتا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق تۇتۇش بۇيرۇقى يوق، قانۇنىي دەۋا تەرتىپى يوق، ئادۋۇكات يوق بىر شارائىتتا تۇتۇلۇپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن مۇستەسنا ھالەتتە خالىغانچە قاماققا ئېلىنىپ، «تەربىيلەش لاگىرلىرى»غا سولاندى، بۇنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ئاتامنى زەھەر بىلەن قەستلىگەن بولسا، ئاپامنى قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئەڭ ئاز بولغاندا چوڭ كىچىك بولۇپ 100دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى سولىدى · ،خىتاي ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ۋە خەلقئ‍ارالىق قانۇنلارغا قەتئ‍ىي بويسۇنماي، ئۇلارنى پەقەت قەغەز يۈزىدىلا ئىجرا قىلىپ، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانلىق قىرغىن قىلىۋاتقان بولسا پۈتۈن دۆلەتلەرنى ۋە دۇنيا خەلقىنى ئالداۋاتىدۇ ۋە كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ ·

ھازىر بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان دەھشەتلىك ۋە قورقۇنۇشلۇق چوڭ بىر تۈرمىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئالۋاستى قولى غەرپنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنىڭ ۋە شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ياردىمىدە ھەتتا چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان بىزلەرگە قەدەر ئۇزۇراپ شۇنچە كەڭ دۇنيانى بىزلەرگە قاراڭغۇ ھەم تار قىلىۋاتىدۇ ·

ھۆرمەتلىك ئامېركا دۆلەت رەھبەرلىرى ، ھۆرمەتلىك ھەرقايسى ئامېركا پارلامىت ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئامېركا دۆلىتى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە دۇنيا كىشلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى: جەنۋەدىكى يىغىن نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى، خىتايلارغا ھازىرقى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش، مۇلايىملىقچە نەسىھەت قىلىشلار ھەرگىز ئاقمايدۇ ھەم خىتايلار ھازىرقى سىياسىتىنى ھەرگىز ئۆزگەرتىپ دۇنيانىڭ تەلەپ قىلغان يېرىدىن چىقمايدۇ، ئەگەر ۋەزىيەت ھازىرقىدەك داۋام قىلسا، دۇنيانىڭ خىتايلاردىن ئېرىشىدىغىنى خىتايلارغا گوللۇنۇپ، ئەڭ ياخشى پەيىتنى قولدىن بېرىش؛ گۈزەل سۆزلىرىگە ئالدىنىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسۇز زىيانغا ئۇچراش خالاس!  ·

شۇڭلاشقا، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار سىزلەرنى بۇ خىل ئىنسانلىققا زىت زۇلۇملارنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، جازا لاگىرلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تاقىتىۋېتىشىڭلارنى، خەلقئ‍ارالىق ئىختىيارىي مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىن كىرىپ چىقىشىغا كاپالەتلەك قىلىپ، خىتاينىڭ ھەرخىل جىنايەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ۋە بۇنۇڭغا قارىتا خەلقئ‍ارالىق قانۇنلار بىلەن ئۈزۈل-كىسىل جازالاش ئېلىپ بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز ·

  مەنبە: https://youtu.be/TAd_Ju_7bZU

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ

چا نويابىر 14 , 2018
خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭ دەرىجىلىك مىنىستىرلىقلارى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق قارار ئىمزالاندى. تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى (ئادالەت باكانى) ئابدۇلھەمىد گۈل ۋە خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرى فۇ جىڭخۇا كۆرۈشتى.

You May Like