تېسلا شركىتى لىدىرى ئىلان ماسك شركەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېجىڭغا بىرىپ ياردەم سورىدى،قانداق خەتەرلەرگە يول قويغان بولۇشى مۇمكىن؟

قانداق خەتەرلەرگە يول قويغان بولۇشى مۇمكىن؟

ئەركىنجان تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئ‍اپرىل

يەكشەنبە كۈنى تېسلا شركىتى لىدىرى ئىلان ماسك ختاي پايتەختى بېجىڭغا شەخسى ئايرۇپىلانى بىلەن بىرىپ، ختاي باش منستىرى لى چىياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تىسلا شركىتى دۇچ كەلگەن بىر قاتار قىينچىلىقلارنى ھەل قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە، تسلا شركىتىنىڭ تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دىتالىنى ختايدا سېتلىۋاتقان تېسلا ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاش، تسلا شركىتىنىڭ بەيدۇ شركىتى ئ‍شلەپچىقارغان يۇقىرى ئېنقلىق خەرىتە يۇمشاق دىتالىنى ئ‍شلىتىش ھوقۇقى .قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

لى چىياڭ ئىلگىرى شاڭخەي شەھىرى شەھەر باشلىقى بولۇپ، ئىلان ماسك شاڭخەيدە تسلانىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئ‍شلەپچىقىرىش بازىسنى قۇرغان.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تسلا شركىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلغان ئۈچ ئايلىق سودا دوكلاتىدا، تسلا شركىتى 50 % زىيان تارتقان بولۇپ، ئىلان ماسك 10 % خادىملارنى يەنى 14 مىڭ كىشنى ئ‍شتىن بوشاتقان.

ئىلان ماسك بېجىڭدا ختاي بىلەن بۇ ھەمكارلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كىين، تسلا شركىتىنىڭ پاي چېكى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تسلاغا بولغان ئشەنچىسنى ئاشۇرغان.

ئىلان ماسكنىڭ تسلا زىيان تارتقاندا، ختاينىڭ ياردىمىنى سورىشى ۋە ختاينىڭ ياردىمى ئارقىلىق قىينچىلىقتىن ئۆتۈشى-ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ھازىرغىچە، ئىلان ماسكنىڭ ختايغا قايسى ساھەدە يول قويغانلىقى ئىنىق ئەمەس.

ئەمما ختاي بىلەن ئامېرىكا تېخنىكا ساھەسىدە كەسكىن ئۇرۇش قىلىۋاتقان، ئامېرىكا ختاينىڭ تىك توك شركىتىنى چەكلەشنى قانۇن قىلغان ۋە ئەمما چەكلىيەلمەيۋاتقان بىر مەزگىلدە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باينىڭ ختاي بىلەن يېقىنلىششى -تېخنىكا ۋە دۆلەت بېخەتەرلىكى ساھەسدىكى كىشلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئىلان ماسك 2022-يىلى ئېجتىمائى ئالاقە شركىتى بولغان تېۋىتتر شركىتنى ستىۋالغاندىن كىين، ئ‍ىزچىل سۆزلەش ھوقۇقى، دىنى ئەركىنلىك، ئامېرىكىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلەپ، بايدىننىڭ كۆچمەنلەر سياسىتىنى تەنقىد قىلغان.ئۇنىڭ تسلا شركىتى ئۈرۈمچىدە تارماق شركەت ئاچقاندىن كىين تەنقىدكە دۇچ كەلگەن.ئۇ يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى «ئىككى بېسلىق» ئ‍ش دىگەن.

ئىلان ماسك نۆۋەتتە پەقەت بىر كارخانىچى ئەمەس، بەلكى كىشلەرنىڭ ئوي-پىكرى، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا، ھەتتا ئامېرىكا سايلىمىغا تەسر كۆرستىدىغان بىر شەخس سۈپىتىدە قارىلىدۇ.

ئىلان ماسك يەنە ئامېرىكىنىڭ تىك-توك شركىتنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسنى «ھۆكۈمەتنىڭ ئەركىن پىكىرنى چەكلەش ئۇرۇنۇشى»دەپ تەنقىد قىلغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ختاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ھېكايىسى تەپسلى ئىلان قىلىندى

چا ماي 1 , 2024
مەرغۇبە تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-ماي ختاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئانىتروپولوگ، پىروففسىور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ تەتقىقات، ئوقۇتۇش ھاياتىغا دائىر تەپسلى خەۋەر ئەنگىلىيەدە چېقىدىغان نوپۇزلۇق تاراتقۇ -پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تەرىپىدىن ئىلان قىلىندى. مەزكۇر ئۇزۇن ماقالىدە، راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ئاپىسى ۋە قېزى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دوسلىرى ئارقىلىق راھىلە داۋۇت […]
راھىلە داۋۇت

You May Like