«خېڭدا» ئۆي مۈلۈك گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى قولغا ئېلىنغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى30-سېنتەبىر

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي مۈلۈك ماگناتى بولغان «خېڭدا ئۆي مۈلۈك گۇرۇھى»نىڭ 28-سېنتەبىر بەرگەن بايانىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ باش لېدىرى شۈ جىيايىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن « مەجبۇرىي تەدبىر» قوللىنىلغان. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۈ جىيايىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

شۈ جىيايىڭ ۋە «خېڭدا» گۇرۇھى

شۈ جىيايىڭ 1958-يىلى خېنەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن غۇربەتچىلىك تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن شۈ جىيايىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شېنجېن شەھىرىگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىغان. دەسلىپىدە ئۇ «جۇڭدا» نامىدىكى سودا سانائەت شىركىتىدە شىركەت خىزمەتچى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن. ئۇ مەزكۇر شىركەتتە ئىشلىگەن قىسقىغىنە ئىككى يىل جەريانىدا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ شىركەتكە 200 مىليون يۈەن ئەتراپىدا ساپ پايدا ياراتقان.

1996-يىلى ئاپرېلدا شۈ جىيايىڭ «جۇڭدا»شىركىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆز نامىدا «گۇاڭجۇ كەيفېڭ شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان، بۇ كېيىنكى «خېڭدا» گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1997-يىلى 3- ئايغا كەلگەندە مەزكۇر شىركەتنىڭ نامى رەسمىي ھالدا «گۇاڭجۇ خېڭدا سانائەت چەكلىك شىركىتى»گە ئۆزگەرتىلگەن. «خېڭدا» قۇرۇلغان دەسلىپىدە(1998-يىلى) پۈتۈن ئاسىيا مىقياسىدا ئىقتىسادى بوھران يۈز بەرگەن مەزگىللىرىگە ئۇدۇل كېلىدۇ. بۇ چاغدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يولغا قويغان خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك سىياسىتى سەۋەبىدىن تاشقى سودىدا زور زىيان تارتقان خىتاي ئىقتىسادىي ئېغىر دەرىجىدە تالاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى زور دەرىجىدىكى سىناقلارغا دۇچ كەلگەن پەيتتە ئەمدىلا ۋەزىپىگە چىققان خىتاي باش مىنىستىرى جۇرۇڭجى ئىقتىسادىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆي مۈلۈك ساھەسىنى ئىسلاھات قىلىش» سىياسىتىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرىدۇ. جۇرۇڭجىنىڭ تەشەببۇسى تۈرتكىسىدە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئۆي مۈلۈك ساھەسىنىڭ باھارى يېتىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پولات تۆمۈر، خىمىيە-سانائەت، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى سانائىتى قاتارلىق بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگىمۇ قايتا جانلىنىش پۇرسىتى كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خىتايدىكى «پاراۋانلىق ئۆي تەقسىملەش» دەۋرى ئاياغلىشىپ، ئۆي مۈلۈك دەۋرى رەسمىي باشلىنىدۇ.

يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاران، سەككىز خىزمەتچىسى بولغان «خېڭدا»شىركىتى بۇ تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۆزىنىڭ ئاساسلىق كەسپىنى ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە قارىتىدۇ. 2002-يىلىغا كەلگەندە «خېڭدا پارتىيە كومىتېتى» قۇرۇلۇپ شۈ جىيايىڭ پارتىيە باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى گۇاڭجۇدىكى شەخسىي كارخانىلار ئىچىدە قۇرۇلغان تۇنجى پارتىيە كومىتېتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2010-يىللىرىدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان «خېڭدا» گۇرۇھى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي مۈلۈك ماگناتىغا ئايلىنىپ خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق چوڭ گۇرۇھقا ئايلىنىدۇ. شۈ جىيايىڭمۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

20 يىلغا يېقىن خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئۆي مۈلۈك ساھەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «خىتاي ۋىرۇسى» كىرىزىسى، خىتاي تاشقى سودا نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ. جۈملىدىن «خېڭدا» گۇرۇھىمۇ تۈرلۈك كىرىزىسلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئەنگلىيە «ب ب س» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى «خېڭدا» گۇرۇھىنىڭ قەرز سوممىسى 2تىرىللىيون 434 مىليارد دوللارغا يېتىپ قەرز نىسبىتى مىنۇس 132.6 پىرسەنت بولغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى قەرز سوممىسى ئەڭ چوڭ شىركەتكە ئايلانغان. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، «خېڭدا» گۇرۇھىنىڭ پۈتۈن خىتاي دۆلىتى مىقياسىدا سېلىشقا باشلىغان 1مىليون 620 مىڭ يۈرۈش ئۆي مۈلۈك بىنالىرىنىڭ ئاخىرى پۈتمەي تاشلىنىپ قېلىپ 6 مىليونغا يېقىن ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆيسىز قالغاندىن سىرت بانكىلارغا قەرز بولغان.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ پەخرىي مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقنىڭ نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيگەن. بۇ شارائىتتا شى جىنپىڭ شۈ جىيايىڭغا ئوخشاش سودا ساھەسىدىكى بايلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش تاكتىكىسىنى ئويناشقا ئۇرۇنغانلىقى مەلۇم ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « خىتايدا ئۆي مۈلۈك ساھەسى ئومۇمىي خەلق GDP سىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، بۇ ساھەدىكى كىرىزىسنىڭ يۈز بېرىشى دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.»

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قورقۇش پىسخىكىسى روھى قۇللۇقنىڭ ئاساسى

شە سېنتەبىر 30 , 2023
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ قورقۇش-جانلىقلارنىڭ تاشقى زەربىگە ياكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا ۋە ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىرەر ھادىسىنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلىغاندا شەكىللىنىدىغان بىر تۈرلۈك روھىي ئىنكاس بولۇپ، ئۇ ئىزچىل داۋاملاشسا شۇ جانلىقتا بىر تۈرلۈك نورمالسىز پىسخىكىلىق ھادىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جانلىقتا ئۆزلىكىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان، تۇيۇقسىز قورقىدىغان، ئۆزى تەھدىت ھېس قىلغان شەيئى ياكى ھادىسىنى […]
قورقۇش پىسخىكىسى روھى قۇللۇقنىڭ ئاساسى

You May Like