ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ

نايت فىرەنك (Knight Frank)نىڭ 2018-يىللىق بايلىق تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلارنىڭ تۇرالغۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىگە تۆت يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي توغرا كېلىدىكەن. 2017

نايت فىرەنك (Knight Frank)نىڭ 2018-يىللىق بايلىق تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلارنىڭ تۇرالغۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىگە تۆت يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي توغرا كېلىدىكەن. 2017-يىلى خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى يۇقىرىلاپ ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت سودىگەرلىرىنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساپ كىرىمى ئالاھىدە كۆپ بايلار شۇ جايدىكى داچا رايونىدىن تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ دۇنيا بويىچە تۇرالغۇسى ئەڭ كۆپ كىشىلەرگە ئايلاندى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.5 يۈرۈش ئۆي، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.7 يۈرۈش ئۆي، ئاسىيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2.9 يۈرۈش ئۆي توغرا كېلىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە دۇبەيدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ. نايت فىرەنكنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان 2018-يىللىق بايلىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى دۇبەيدىكى بايلىقى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 189 مىليون 135 مىڭ يۈەن) ئاشىدىغان بايلارنىڭ نىسبىتى %12 كۆپەيگەن؛ نيۇيورك، سىنگاپور، شياڭگاڭلاردىكى بايلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %6 كۆپەيگەن؛ لوندوندكى بايلارنىڭ نىسبىتى %6 تۆۋەنلىگەن. دۇنيادىكى 500 خۇسۇسىي بانكا ۋە بايلىق سىتاستىكا تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلار ئۆي سېتىۋېلىشقا، بولۇپمۇ چەتئەلدىن ئۆي سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىقىدىكەن. ئەنگىلىيە ئوتتۇرا شەرقلىق بايلارنىڭ ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سالىدىغان نۇقتىلىق جايلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن قالسا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكى، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىقلار بار.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

سالاھ 33 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى

پە ئاپرېل 26 , 2018
مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى[/caption] 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 2:5 نەتىجە بىلەن رىمنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ

You May Like