بايدىن-شى جىنپىڭ كۆرۈشىشىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 16-نويابىر

15-نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن سان فرانسىسكودا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۆت سائەتكە يېقىن يېپىق سۆھبەت ئېلىپ باردى. نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىش ۋەھالەنكى دۇنيا مېدىئالىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىدا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە قانداق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ نېمىلەر ھەل قىلىندى؟ بۇ ھەقتە نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرى مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان.

ئىككى دۆلەت ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرىدىكى دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرىدىكى ئۈزۈلۈپ قالغان دىئالوگنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولدى. مەلۇم بولۇشىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى ھەربىي دىئالوگ خىتاينىڭ سۈكۈت تۇرۇۋېلىشى بىلەن بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان. ئاق ساراي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.

فېنتانىيل Fentanyl مەسىلىسى

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئىشلەنگەن ئاغرىق توختىتىش دورىسى فېنتانىيل (ئاساسلىق تەركىبى ئەپيۈن) ئامېرىكىغا ئېقىپ كىرىپ نۇرغۇن ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ خۇمار بولۇپ قېلىشى شۇنداقلا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى تەھلىلچىلەر بۇ ھالەتنى خىتاينىڭ ئەينى يىللىرىدىكى غەربنىڭ خىتايغا ئەپيۈن يۆتكەپ خەلقنى زەھەرلىشىگە قارشى ئۆچ ئېلىش قىلمىشى دەپ تەرىپلىگەن. مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ فېنتانىيلنىڭ ئامېرىكىغا قانۇنسىز ئېقىپ كىرىشىنى چەكلەش جەھەتتە يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بايدىننىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە ئامېرىكىدا يىلىدا فېنتانىيل سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ سان قوراللىق ئېتىشىشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

تەيۋەن مەسىلىسى

كۆرۈشۈشتە بايدىن خىتاينىڭ پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەمما تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق تاق تەرەپلىك ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي تەرەپنى تەيۋەن سايلام سېستىمىسغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. شى جىنپىڭ سۆھبەت جەريانىدا تىنچ يول بىلەن تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش سىياسىتىدە مەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ زىددىيىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.

سۆھبەت نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدا ھېچقانداق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنمىغان. ئەمما پرېزىدېنت بايدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىغان. بايدىن مۇخبىرنىڭ: «سىز شى جىنپڭنى داۋاملىق تۈردە دىكتاتور دەپ تەرىپلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋابى خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. بايدىن مۇنداق دېگەن: « شى جىنپىڭ بىر دىكتاتور، چۈنكى ئۇ باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت كوممۇنىست دۆلىتى…». پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بايانات بېرىپ بۇنىڭغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مەيلى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئاشكارىلانغان مەزمۇنلىرىدىن بولسۇن ياكى خەلقئارا خەۋەر قاناللىرى تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئانالىز: ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە ئامېرىكا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا، ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە قانداق ئ‍ۆزگىرىش بولىدۇ؟

شە نويابىر 18 , 2023
ئەكرەم ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-نويابىر 15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن كالىفورنىيە سان فىرانسسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى»دا 21 دۆلەت باشلىقنى كۈتۈۋالىدۇ.بۇ يېغىنغا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭمۇ قاتنىشدۇ. ئۈچ كۈنلۈك يېغىن جەريانىدا جوۋ بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ بىر قېتىم رەسمى سۆھبەتلىشدۇ. بۇ -ختاي […]
بايدىن-شى

You May Like