Home ماقالىلارئانالىزلار ئانالىز: ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە ئامېرىكا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا، ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە قانداق ئ‍ۆزگىرىش بولىدۇ؟

ئانالىز: ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە ئامېرىكا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا، ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە قانداق ئ‍ۆزگىرىش بولىدۇ؟

by uyghurtimesuyghur
بايدىن-شى

ئەكرەم ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 15-نويابىر

15-نويابىر كۈنى ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن كالىفورنىيە سان فىرانسسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنى»دا 21 دۆلەت باشلىقنى كۈتۈۋالىدۇ.بۇ يېغىنغا ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭمۇ قاتنىشدۇ. ئۈچ كۈنلۈك يېغىن جەريانىدا جوۋ بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ بىر قېتىم رەسمى سۆھبەتلىشدۇ.

بۇ -ختاي دۆلەت باشلىقىنىڭ ئامېرىكىغا 2017-يىلىدىكى زىيارىتىدىن كىين ئىلىپ بارغان 5 يىلدىن كىيىنكى تۇنجى زىيارىتى ھسابلىنىدۇ

يېغىندىن بۇرۇن، ئامېرىكا -ختاي مۇناسۋىتى تارىختىن بىرىقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت -بايدىن يولغا قويغان «ختايغا ئۆزەك تېخنىكىسنى چەكلەش قانۇنى»، «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»، تەيۋەنگە قورال -ياراق ستىش، ختاينىڭ ئامېرىكا ئاسمىنىدا جاسوسلۇق شارچىسى ئۇچۇرۇش..قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن.

ئۇچرىششتىن بۇرۇن ختاينىڭ ئەھۋالى قانداق؟:

ئېقتساد چېكىنمەكتە، سياسى ئىشنىش ئاجىزلاشماقتا.

ختاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئىغىر ئېقتسادى ۋە سياسى كىرزىس ئىچىدە تۇرماقتا.2020-يىلى كورۇنا ۋېرسدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يولغا قويغان ختاينىڭ يېپىق سياسىتى ۋە چەتئەل كارخانىلىرىغا ئ‍شەنمەسلىك سياسىتى-ختاينىڭ ئ‍ېقتسادىنى ئىغىر چېكىندۈردى.ئۇدا ئۈچ يىل ئىلگىرلەش سۈرئىتى ئاستىلىدى.ختاي ئامېرىكىغا ئېقتسادى جەھەتتە مۇھتاج.

بايدىن-شى جىن پىڭ ئۇچرىششدىكى ئاساسلىق تېمىلار قايسلار؟

بايدىن ئامېرىكىدا ختايغا قارىتا بېخەتەرلىك ۋە ئېقتسادى سياسەتتە ئىككى ئىغىر قۇتۇپلۇق تەنقىدكە دۇچار بولماقتا، شۇڭا ئۇنىڭ شى بىلەن ئۇچرىششى ئەلۋەتتە ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرسدا مۆتىدىل بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى،

بۇ ئىككى قۇتۇپ: بىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ ختايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىشى،

يەنە بىرى لىبراللارنىڭ (دىموكراتچىلاردىن باشقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ختاي بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىق قىلىشى.

بۇنىڭ ۋەكىللىرى دۆلەت مەجلىسى،تىچلىقپەرۋەر تەتقىقات مەركەزلىرى، تاراتقۇلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

نىمە ئۈچۈن لىبراللار بايدىننى ختاي بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ؟

2022-يىلى روسيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى.ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 75 مىليارد دوللار ياردەم قىلدى، بۇنىڭ كۆپىنچسى قورالدىن ئ‍ىبارەت.بۇ ئامېرىكا ئېقتسادى ۋە قورال زاپىسنى ئىغىر خوراتتى.

ئىككىنچىدىن، ئىران ئاشكارا قوللىغان خاماسنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئامېرىكا ئ‍سرائىلىيەگە قورال ۋە ئېقتسادى ياردەم بىرىشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇنداقتا ختايچۇ؟ ختاي ئۇزۇندىن بىرى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربى مانىۋىر ئۆتكۈزۈشنى داۋام قىلماقتا.

ئەگەر ختاي رەسمى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا بىرلا ۋاقتتا ئىران، روسيە ۋە ختاي ھەمكارلىقىدىكى بۇ ئېتتپاققا تەڭ كىلەلەمدۇ؟

بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىغا پايدىلىقمۇ؟

ناتايىن، ئامېرىكا روسيە-ختاي ۋە ئىران بىرلەشكەن ۋە دۇنيادىكى ئ‍سلامى قوراللىق كۈچلەر قوشۇلغان بۇنداق كۈچلۈك دۈشمەنلىرى بىلەن كۆپ فىرونتلىق ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرالمايدۇ. بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن مىسلىسز زىيان ئىلىپ كىلىدۇ.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىششتا، «ئامېرىكا ۋە ختاينىڭ ئارمىيە ئارسدىكى دىئالوگنى ، تىلفون ئالاقسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» بىرىنچى تېما.

شۇڭا بايدىن شى جىن پىڭنى تەيۋنگە قورال كۈچى ئ‍شلەتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى.

ئىكككىنچدىن، ئامېرىكا ختاينىڭ ياردىمىگە مۇھتاج: يىلىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشنىڭ ھاياتىغا سەۋەب بولۇۋاتقان زەھەر-فەنتانلى ختايدىن كىلىدۇ،ئامېرىكا ختايدىن بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشنى سورايدۇ.

باشقا مەسللەر، جۈملىدىن سودا ھەمكارلىقى، بويىن ئايروپىلانى سودىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسلىسى قاتارلىقلار مۇزاكىرە دائىرسدىكى تېمىلار ئەمما ئەڭ جىددى تېما ئەمەس.

نەتىجىدە، ئامېرىكا-ختاي مۇناسۋىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغۇدەك ھىچنىمە قالمايدۇ. چۈنكى ختاي قىلمىشنى داۋام قىلىدۇ، ئامېرىكا داۋاملىق جازالاش ۋە باشقا دۈشمەنلىشش ھەرىكەت ۋە تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ.

ئۇيغۇر مەسلىسى-پەقەت بايدىن ۋە شى جىن پىڭنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچرىششى بىلەن كۈچيدىغان ياكى ئاجىزلايدىغان مەسلە ئەمەس، ئۇيغۇر مەسلىسى -ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسنىڭ كۈنتەرتىۋىدىكى مەسلە. ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى ئورتاق قوشۇلىدىغان مەسلە،ئۇيغۇر مەسلىسى دۆلەت مەجلىسدە 5 تىن ئارتۇق قانۇن بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىنغان دۆلەت سياسىتى مەسلىسى.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment