جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى (1) تارىخى ۋەقەلەر

جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى (1) تارىخى ۋەقەلەر

جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى (1) تارىخى ۋەقەلەر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنى يوشۇرۇن رىقابەتچى شۇنداقلا ئىقتىسادى شېرىكى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلەر تەرىپىدىن بىردەك << 21-ئەسر دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت >>دەپ قارىلىدۇ. (1) ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادى گەۋدە، ھەر ئىككىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، يادرو دۆلىتى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ زېىمىن تىرىتورىيەسى ناھايتى چوڭ،نوپۇسى كۆپ،مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئىتى قىتئەلەر ھالقىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەردۇر. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق سىياسىي ، ئىقتىسادى، ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يادروسى ئۆز مەنپەئىتىنى مەركەز قىلىدۇ، ھەر قېتىملىق دىپلوماتىك كرىزىس  ئاساسلىقى ئىقتىسادى جەھەتتىكى يېڭى كېلىشىملەرنى ، شۇنداقلا تايىنىشچان مەنپەئەتلەرنى مەركەز قىلىپ ھەل بولماقتا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنىڭ بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىنى چۈشەنمىگەندە،  باشقا مۇناسىۋەتلەرنى توغرا ئانالىز قىلغىلى بولمايدۇ.  ئامېرىكا -جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ساھەسىدىلا ئەمەس، ئىقتىساد، مائارىپ ساھەسى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. خەلقئارادا ئىنسانى ھوقۇق، ئىقتىسادى قوللاش، ھەربىي ئۆزگىرىش ، سىياسىي ئاغدۇرمىچىلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆز دۆلىتى ھاكىمىيتىگە قارشى ئىلىپ بارماقچى بولغان تۈرلۈك ھەرىكەتلەردە   ئامېرىكادىن ئۈمىد كۈتىدىغان  خەلقلەر،سياسى پارتىيەلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەلدى، ئەلۋەتتە بۇ مەۋجۇت ھاكىمىيەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسۋىتىگە ،شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ قارار چېقىرىش ئۇسۇلى ۋە نىمە ئۈچۈن شۇنداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈنگەن بۇ ماقالىدە ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ۋە نازۇك نۇقتىلارنى  تارىخى پاكىتلار، ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتلەر، زىددىيەت ۋە توقۇنۇش  دېگەن ماۋزۇلار بويىچە بايان قىلىنىدۇ. تارىخى پاكىتلار بىزگە كەلگۈسى پەرەز قىلالايدىغان پاراسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ،  دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ باش-ئاخىرىنى، يۆنىلىشنى چۈشىنىش ئىمكانى يارىتىلىدۇ. (ئەسكەرتىش،بۇگۇنكى كۈنلۈكتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو ياكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەپ تونۇپ كەلگەن سياسى گەۋدە جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيسدىن ئىبارەت بولۇپ،بىر پارتىيەلىك ھۆكۈمرانلىق ئارقىلىق دۆلەت پۇقرالىرى شۇنداقلا خەلقئارا جەمىيەتكە <<سياسى پارتىيە>> بىلەن <<دۆلەت>>نى ئارىلاشتۇرۋىتىدىغان خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىغان ،شۇنداقلا بۇ ئۇقۇم جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن) ماقالىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدىكى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئۇنېۋېرسال باھا قىسمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن تارىخى پاكىتلار، ھەمكارلىق ۋە توقۇنۇش پاكىتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.   ئامېرىكا ۋە جۇڭگو ھەققىدىكى بىر قىسىم پاكىتلارغا تىز نەزەر ئاساسى دۆلەت ئەھۋالى پاكىتى: 1)  دۆلەت زېمىنى :ئامېرىكا 9مىليون 525مىڭ 468 كۋادرات كىلومېتىر، جۇڭگو 9 مىليون 595مىڭ 961 كۋادرات كىلومېتىر. 2 )  نوپۇسى:ئامېرىكا 325مىليون، جۇڭگو 1مىليارد 403مىليون 3)   ئىقتىسادى :GDP(ppp) ئامېرىكا 19. 417تىرىليون، جۇڭگو 23. 194 تىرىليون، GDP (Nominal)ئامېرىكا 19 تىرىليون، جۇڭگو 11 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. (2016) ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى:ئامېرىكا :2. 31%، جۇڭگو 6. 5 % (2017) :6. 58% (2017) 4)  ھەربىي خىراجىتى (2016) :ئامېرىكا 611. 2 مىليارد دوللار، جۇڭگو 215. 2مىليارد دوللار، ئەسكەر سانى:ئامېرىكا:بىر مىليون 347مىڭ 300، جۇڭگو 2 مىليون 843مىڭ 5)  ئەمگەك كۈچى:ئامېرىكا 159مىليون، جۇڭگو 907مىليون، 6)   ھۆكۈمەت:ئامېرىكا:فېدېراتسىيە پرېزىدىنتلىق، ئاساسى قانۇن جۇمھۇرىيىتى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ، بىر پارتىيە تۈزۈمدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلەت، 7)  تارىخى:ئامېرىكا:241 يىل، كوممۇنىستىك جۇڭگو 70 يىل، خەنزۇ مىللىتى(5000يىل) 8)  ئاساسى مىللەت:ئامېرىكا :كۆپ مەنبەلىك ئاق تەنلىكلەر(77. 1%) جۇڭگو بىر مەنبەلىك خەنزۇ مىللىتى (92 پىرسەنت)،   ئامېرىكا -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى تارىخى پاكىتلار (7) : 1) 1784-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىڭ خانىدانلىقىغا كونسۇل ئەۋەتكەن، بىراق رەت قىلىنغان (رەھبەرلەر:Thomas Mifflin ۋە Richard Henry Lee-چىيەنلوڭنىڭ 49-يىلى ) 2) ئامېرىكا-چىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقە ھەم تۇنجى شەرتنامە 1845-يىلى ئاۋمېن (ماكاۋ)دا ئىمزالانغان ۋاڭشيا شەرتنامىسى (ئامېرىكا ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسى دوستلۇق ۋە سودا كېلىشىمى)دىن ئىبارەتتۇر. (3) )رەھبەرلەر: شۇەنزوڭنىڭ 25-يىلى ، (James K.  Polk 3) 1870يىلى كالىفورنىيە ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقى مەزگىلىدە، شۇنداقلا كېيىكى پويىز يولى ياساش قۇرۇلۇشىدا ئامېرىكىغا نۇرغۇن جۇڭگولۇق قارا ئىشچىلار كەلدى، ئۇلار كىيىن سان فىرانسسكو قاتارلىق شەھەرلەر ئەتراپىدا جۇڭگو مەھەللىسى قۇردى،  تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى،  1871-يىلى چىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى بولۇپ،  120 نەپەر ئوغۇللارنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى ، كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان جۇڭگولۇقلارغا قارشى يەرلىكلەر شىكايەت قىلىشتى ،بۇ نارازىلىق كالىفورنىيە شتات باشلىقى جون بىگلىر (John Bigler) ۋە ئىشچىلار  رەھبىرى دەنس كىرنى قاتارلىقلار تەرىپىدىن سىياسيلاشتۇرۇلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. 4) 1882—يىلى 6-مايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تۇنجى قېتىم كۆچمەنلەرنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن -<<جۇڭگولۇقلارنى سىقىپ چىقىرىش قانۇنى>> (Chinese Exclusion Act)نى ماقۇللىدى، بۇ قانۇن تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق جەمئىي 60 يىل ئىجرا قىلىندى. 5)  پرېزىدېنت ئۇلىيسى گرانىت  (Ulysses S.  Grant) ئىككى نۆۋەت ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىكى دۇنيا زىيارىتىنى باشلاپ  1878 -يىلى خوڭكوڭ، كانتون (گۇۋاڭدۇڭ )، شاڭخەي، بېجىڭ  قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە شۇ چاغدا يەتتە ياشلىق مانجۇ ئىمپېراتورىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەت باشلىقى شاھزادە گوڭ ۋە گېنېرال لى خوڭجاۋ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا ياپونىيە بىلەن بولغان رىيۇكۇ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، جۇڭگونى ياپونىيەنىڭ بۇ ئارالنى قوشۇۋېلىشقا كۆندۈرگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ قالغان. (4) 6) 1899-يىلى جۇڭگودا  چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى سودا، دىپلوماتىيە ئىمتىيازىغا قارشى زور كۆلەمدە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بوكسيورچىلار قوزغىلىڭى قوزغالدى، ئاۋسترىيە-ھونگىرىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا رۇسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت ئەلچىخانىلىرى ، پۇقرالىرى، سودىگەرلىرىنى قوغداش يۈزىسىدىن بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇرۇشتا ئاخىرىدا جۇڭگو يېڭىلىپ تۆلەم بېرىشكە قوشۇلدى، ئامېرىكا ئۆزىگە بېرىلگەن 11مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى جۇڭگونىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى  قوللاشقا ئىشلەتتى ،  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا ياردىمىدە قۇرۇلدى. (8) 7)  ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيانىڭ زور كۈچلىرىدىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگونى پارچىلاپ تەسىرىگە كىرگۈزۈش پىلانىغا كىرىشكەندە، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون ھاي بۇ دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ ، جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، كېيىن ئۇنىڭ تەسىرىدە جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 8) 1904—يىلىغا كەلگەندە ياپونىيە بىلەن رۇسىيە جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى رايونىدىكى مانجۇرىيەنى بۆلىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى، كېيىكى يىللاردا مانجۇرىيەنى بېسىۋالدى. 9) 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان جۇڭخۇا مىنگونى ئامېرىكا قوللىدى، بۇ قوللاش ھەربىي ، سانائەت، تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى. 10)  1937 – يىلغا كەلگەندە ياپونىيە –  جۇڭگو ئۇرۇشى رەسمى پارتىلىدى، ئامېرىكا جۇڭگونى ھىمايە قىلىپ ياپونىيەگە قارشى تۇردى.(1937-1949) (10) 11)     1945-  يىلى 8-ئايدىن 1949- يىلى 9-  ئايغىچە جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى جۇڭخۇا مىنگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئارمىيىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي قوراللىق ئىچكى ئۇرۇشتا گومىنداڭ پارتىيىسى يېڭىلىپ تەيۋەنگە قاچتى. تەيۋەن دۆلەت نامىنى جۇڭخۇا مىنگو(جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى(Republic of China. 中华民国) )قىلىپ قوللاندى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى نەنجىڭدىن تەيبېيغا يۆتكەلدى. (9) 12)  1950-كوممۇنىستىك جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ  شىمالى كورىيەگە ياردەم بېرىپ، جەنۇبى كورېيە ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. (11) ئ‍امېرىكا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە تەۋە ئامېرىكادىكى مۈلكىنى توڭلاتتى، 1950-يىلى دېكابىردا جۇڭگو ئامېرىكانىڭ جۇڭگودىكى 198 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بارلىق مۈلكىنى تارتىۋالدى. ئامېرىكانىڭ ئاخىرقى كونسۇلىمۇ جۇڭگودىن كەتتى. 1951-يىلى جۇڭگو تىبەت دۆلىتىنى قوراللىق كۈچ بىلەن قوشۇۋالدى،تېبەت 1913-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تېبەت رايونى تېبەت،موڭغۇل ۋە جۇڭگو ئىمپىراتۇرلىرى تەرىپىدىن  ئىدارە قىلىنىپ كىلىنگەن ئىدى،تېبەتلەر كۆپ قېتىم قوراللىق قارشلىق كۆرسەتكەن بولسمۇ مەغلۇپ بولدى،1959-يىلى تېبەت يەرلىك ھۆكۈمىتى بىكار قىلىنىپ،ئاپتونوموىيە يولغا قويۇلدى. 13)   كورېيە ئۇرۇشىدىن كېيىن تىرۇمان ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى باشلىدى. 1954-يىلىدىن تاكى 1979-يىلىغىچە ئامېرىكا تەيۋەننى قانۇنلۇق جۇڭگو دۆلىتى (Republic of China. 中华民国) دەپ ئېتىراپ قىلىپ كەلدى. 14) 1958-1962ماۋزىدۇڭ قوزغىغان ئاپەت خاراكتېرلىك <<چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى >>نەچچە مىليون جۇڭگولۇقنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ  ئىچىدە ئاچارچىلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە چوڭ قۇرۇقلۇق  ئېلان قىلغان دوكلاتتا، غەيرىي تەبىئىي سەۋەبتىن ئۆلگەنلەر سانى 21 مىليون 580 مىڭ دەپ، شەرق ۋە غەربتە يېقىن كەلگەن قاراش ئۆلگۈچىلەرنى جەمئىي 20 مىليوندىن ئاشىدۇ ، ئەڭ ئاز دېگۈچىلەر 18 مىليون، كۆپ دېگۈچىلەر 55 مىليوندىن ئىبارەت بولۇپ، ئ‍ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور ئاچارچىلىق ئاپىتى دەپ قارالدى،ماۋزىدۇڭ غەرپ دۇنياسدا ئەڭ قاتتىق تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى.(5) 15 )   1962- يىلى ئامېرىكا ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا، جۇڭگو ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ ۋىيېتنام كوممۇنىستلىرىغا ياردەم بەردى، ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ 58مىڭ 220 ئەسكىرى ئۆلدى. (12) 16)  كوممۇنىستىك جۇڭگو 1964-يىلى يادرو قورالى ئىشلەپچىقاردى. پرېزىدېنت جونسون ئالدىن قول سېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى ئەمما خەتىرىنى دەڭسەپ ۋاز كەچتى.   17 )  1949-يىلدىن 1971-يىلغىچە بولغان 22 يىلدا ، جۇڭگو ئامېرىكا باشتىن ئاخىر دۈشمەنلىشىپ كەلدى، ئامېرىكا ئىزچىل كوممۇنىست جۇڭگونى ب د ت دا ئورۇن ئېگەللەشتىن چەكلىدى، ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش، يېقىنلىشىشتىن توستى. جۇڭگوغا قارشى ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ماۋزىدۇڭ ئامېرىكانى :<<دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئېمپيرىيالست كۈچ >>دەپ تەشۋىق قىلدى. ئامېرىكىغا توختىماي تەشۋىقات ھۇجۇمى قىلدى. (13) 18)   ئىككى دۆلەت رەسمىي ئېتىراپ قىلىشمىسىمۇ، ئەمما 1954-يىلىدىن 1970-يىلغىچە جەنۋە ، ۋارشاۋا قاتارلىق شەھەرلەردە جەمئىي 136 قېتىم تۈرلۈك تېمىلاردىكى باش ئەلچى دەرىجىلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇردى. 19)   1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە ماۋزىدۇڭنىڭ سولچىل خاتالىقى بىلەن ئىلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ، كوممۇنىستىك جۇڭگو يەرشارى بويىچە يېتىم قالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلاشتى. 20)  1969جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ئەتراپى ۋە جىنباۋ ئارىلى چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبلىك جۇڭگو ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشتى، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەملىشىپ ئۇيغۇر رايوننى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىشنى خالىمىدى ، سوۋېت ئىتتېپاقىنىڭ چىخسلوۋاكىيەگە مۇداخىلە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر رايونى چېگراسىغا ئەسكەر توپلاپ ، ھۇجۇمغا تەييارلىنىشى نەتىجىسىدە جۇڭگو سوۋېت ئىتتىپاقىغا ‍ئىشەنمىدى،  ئىچكى نامراتلىق ۋە خەلقئارا يېتىملىقتا ئاخىرى  جۇڭگو ئاخىرى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى تاللىدى. (7) 21)  1971-يىلى ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پۇرسىتىنى كۆردى، ھىنرى كسنگىر جوئىنلەي بىلەن كۆرۈشۈپ <<تىك تاك توپ دىپلوماتىيىسى>>نى باشلىدى، رىچارد نىكسوننىڭ جۇڭگو زىيارىتى ئۈچۈن يول ئاچتى. 22) 1972—يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسون تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا دۆلەت ئ‍ئىشلىرى زىيارىتى ئىلىپ بارغان ۋەزىپىدىكى پىرىزدىنت بولۇپ قالدى. نىكسوننىڭ زىيارىتى دەسلەپتە دۆلەت ئىچىدە قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلدى، كوممۇنىستلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلار تەنقىد قىلدى. نىكسون ئۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ سوۋېت تەھدىتىگە قارشى دىپلوماتىيە قانىلىنى قۇردى. 23) 1979-يىلى 1-ئايدا مۇئاۋىن رەئىس دىڭ شياۋپىڭ ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدىنت كارتىر بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش پەردىسىنى ئاچتى، يۇقىرى قاتلام ئالاقە باشلاندى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دىپلوماتىك ئالاقىدە تەيبيدىن  كۆرە بېيجىڭنى تاللىدى،  كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنى <<جۇڭگو>>(China) ، تەيۋەن ئۇنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلدى. جۇڭگو قۇرۇلۇپ 30 يىلغىچە ئامېرىكا بۇ جۇڭگونى ئېتىراپ قىلماي، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى، ئامېرىكا ئاخىرى تەيۋەندىن ۋاز كەچتى،  بىراق تەيۋەنگە ھەربىي ياردەمنى داۋاملاشتۇردى. (14) 24) 1984-پىرىزدىنت رونالد رىگان بىلەن باش مىنىستىر جاۋزىياڭ ئىككى دۆلەت ئارا ئالماشتۇرۇپ زىيارەت قىلىشتى، 1985-يىلى دۆلەت رەئىسى ئىلى شىيەننەن ئامېرىكانى زىيارەت قىلدى.   25 )   1989-يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسى ، 1989-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئېتتىپاق تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى، ۋەقە ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشى بىلەن خۇلاسىلەندى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2000دىن ئاشىدىغانلىقى قېزىل كىرىست جەمئىيىتى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى (ئەلجەزىرە تىيەنئەنمىن ۋەقەسى ھۆججەتلىك فىلىمى) ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر جۇڭگونى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە جۇڭگوغا قارشى جازالاش تەدبىرى يۈرگۈزدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلەرنى توختاتتى، قورال-ياراق ئىمبارگوسى يولغا قويدى، بىر يۈرۈش ئىقتىسادى جازا ئېلان قىلدى، 1990-يىلىدىكى ھيۇستون G7يېغىنىدا غەرب جۇڭگونى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھاتقا جۈملىدىن ئىنسانى ھوقۇق ئىسلاھاتىغا چاقىردى. 26)  1992-يىلى كىلىنتون ۋە جېياڭزىمىن دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تىز تەرەققىي قىلدى، يۇقىرى قاتلام ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادى شىرىكدارچىلىق كۈچەيدى، 27) 1996-يىلى جۇڭگو تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ تەيۋەنگە تەھدىت سالدى، ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئەۋەتتى، ئارقىدىن مۇناسىۋەت يۇمشاشقا باشلىدى، 28)  1999-يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سېربىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىلگىرادتىكى جۇڭگو ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى ئۆلتۈردى. جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئىلىپ بېرىلدى. كېيىن ئامېرىكا ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بەردى، بۇ چاغدىكى رەھبەرلەر:جىياڭزىمىن ۋە كىلىنتون 29 )   2001-يىلى بىر ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانى جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى ئۈستىدە ئىككى جۇڭگو ئۇرۇشچى ئايروپىلانى بىلەن سوقۇشۇپ، جۇڭگونىڭ بىر ئۇچقۇچىسى (ۋاڭ ۋى)قازا قىلدى، خەينەن ئارىلىغا چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكا ئايروپىلانى ۋە خادىملىرى ئەسرگە ئىلىندى، خادىملار 11 كۈندىن كېيىن، ئايروپىلان پۇچۇقلىرى ئۇچ ئايدىن كېيىن قايتۇرۇلدى . رەھبەرلەر:جياڭزىمىن ۋە بوز 30)     2001 –  يىلى 11-سنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، تىرورىزىمنىڭ زىيىنىغا ئ‍ۇچرىغان ئامېرىكا خەلقئارادا قوللاشقا موھتاج بىر چاغدا ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، كارخانىلىرى ئامېرىكىغا بولغان ھېسداشلىقنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاشلا <<شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرى>>تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان تىرورىزىمنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ مەيدانىنى قوللاپ بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ ئۆزىنى بۇ جەھەتتە قوللىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى بىلدۈردى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى تېررورلۇققا قارشى قارارنامىنى ماقۇللاشتا ئامېرىكانى قوللاپ ئاۋاز بەردى. <<ئامېرىكا بۇنىڭ بەدىلىگە شەرقى تۈركىستان ئ‍ئىسلام ھەرىكىتى>>نى <<تېررورچى تەشكىلات>> دەپ ئېتىراپ قىلدى. جۇڭگو بىر تەرەپتىن ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارنى ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاش، ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىيىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، جۇڭگو چىگىراسغا يېقىن كەلتۈرمەسلىك، ئۇرۇش ئالدىنقى سىپىگە ئەۋەتىپ تىز سۈرئەتتە يوقىتىش مەسلىسدە ئېتتپاق تۈزگەن بولسا (جۇڭگو تالىبان بىلەن بولغان ئالىي دەرىجىلىك ئالاقسنى كېيىن ئاشكارا ئىلىپ باردى ۋە ئۈرۈمچىدە، قاتاردا تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى  ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ۋاسىتىچى بولدى )، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشنى دىپلوماتىيە  جەھەتتە قوللىدى ، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىر يۈرۈشلۈك <<تىرورولۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق دىئالوگى>>باشلىدى.  3-نۆۋەتلىك دىئالوگ 2003-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . قىرغىزىستان،   پاكىستان،   ئافغانىستان،  ئامېرىكا <<شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى>>نى تۇنجى بولۇپ تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرى جۇڭگونى بىئارام قىلغان بولسىمۇ، ئارقىدىن كەلگەن ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ دىققىتى چېچىلدى. 31)  -پرېزىدېنت بوش دەرۋىدە ئامېرىكا جۇڭگو ئىستراتېگىيە -ئىقتىسادى ھەمكارلىق دىئالوگى ‍ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكى ھازىرلاندى، بۇ دىئالوگ ئوباما دەۋرىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىدى. 32)  2008-يىلى جۇڭگو يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا ساھىپخان بولدى. رەھبەرلەر:خۇجىنتاۋ ۋە كىچىك بوز 33)  2010-ئوباما سايلانغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن تېخىمۇ زور  ئۈمىدلەرنى كۈتتى، لېكىن 2010-يىلى ئوباما تەيۋەنگە 6. 4مىليارد دوللارلىق قورال ياراق سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى ، جۇڭگو بۇنىڭدىن قىساس ئىلىش ئۈچۈن قورال ساتقۇچى شىركەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما يەنە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ جۇڭگونى غەزەپلەندۈردى، جۇڭگو ئامېرىكانى تبىەتتە بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قۇترىتىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ تەنبىھ بەردى. 34)  2012-يىلى ئوبامانىڭ ئامېرىكانىڭ شەرقى ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ئۇلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش، ھەربىي بازا تۇرغۇزۇش پىلانى جۇڭگونى بىئارام قىلدى، ئامېرىكانىڭ دوستانە دۆلەتلەردە ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى جۇڭگودا ئامېرىكىغا بولغان ئ‍ئىشەنچنى يوقاتتى. 35)  جۇڭگو ئامېرىكانىڭ تەلىپى بويىچە ئىراندىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتتى، ئامېرىكانىڭ سۈرىيە، شىمالى كورىيەنى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 36)  2013-يىلى 6-ئىيۇندىن 8-ئىيۇنغىچە كالىفورنىيەدە پىرىزدىنت ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ ئىككى كۈن سۆھبەتلەشتى، بۇ سۆھبەت نىكسون بىلەن ماۋزىدۇڭ ئۇچرىششدىن  40 يىلدىن كېيىكى ئەڭ مۇھىم سۆھبەت دەپ قارالدى(خارۋارد سىياسەت پىروففىسورى جوزىف نىي ) يادرو قورالى، تور بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد ھەمكارلىق، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ، خەلق پۇلى پىرىۋودنسبىتى مەسىلىسى ، جۇڭگولۇقلارنىڭ 10 يىللىق ۋىزىسى، تەيۋەنگە قورال سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر تىلغا ئىلىندى. 37)   2015-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مسنىتىرى ئاشتون كارتىر جۇڭگونىڭ جەنۇبى دېڭىز بويلىرىدا تىز سۈرئەتتە سۈنئىي ئارال سىلىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، جۇڭگو داۋاملاشتۇرۇۋەردى. 38)   2017   – يىلى تىرامپ دەۋرى باشلاندى، تىرامپ ئىپادە قىلغان دىپلوماتىيە ئۇسۇلى جۇڭگو بىلەن مۇناسۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتنى يادرو قىلىش،  ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق،  خەلقئارالىق<<رادىكال ‍ئىسلام تىرورلىقى >>غا قارشى تۇرۇش يۆنىلىشنى بويلاپ داۋام قىلماقتا. ئۇ يەنە سايلام جەريانىدا ۋەدە قىلغان ساغلاملىق سۇغۇرتا قانۇنى، باج قانۇنى، مۇسۇلمانلارنى چىگىرىدىن چەكلەش قانۇنى، مىكسكىغا تام سېلىش پىلانى، ئامېرىكا شركەتلىرىنى كۈچەيتىش دېگەندەك ئامېرىكا مەنپەئىتى مەركەزچىلىكى سىياسەتلىرى بىلەن زور قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتە. پايدىلانغان مەنبەلەر: (1) ”Clinton seeks stronger Asia ties“BBC News. February 16, 2009. Retrieved April 7, 2010. (2)  ”World Economic Outlook“International Monetary Fund. International Monetary Fund. Retrieved October 12, 2014. (3)  http://www.historycentral.com/Ant/wanghia.html (4)  Smith, pp. 612n–613n. (5)  http://history.sohu.com/20160406/n443463272.shtml https://baike.baidu.com/item/大跃进/228533?fr=aladdin http://www.liberation.fr/planete/2011/06/17/la-chine-creuse-ses-trous-de-memoire_743211    (6) ”The President’s Daily Brief“ (PDF). Central Intelligence Agency. 13- August 1969. p. 3. Retrieved 29 August 2016. https://www.thoughtco.com/timeline-of-us-chinese-relations-33102687- 8- -Michael H. Hunt, ”The American Remission of the Boxer Indemnity: A Reappraisal,“ Journal of Asian Studies 31 (Spring 1972): 539–59. 9- https://baike.baidu.com/item/国共内战?fromtitle=中国内战&fromid=17502748 (10)   (ouli Sun and You-Li Sun, China and the Origins of the Pacific War, 1931–1941 (New York: St. Martin’s Press, 1993.) (11)  Malkasian, Carter (2001). The Korean War: Essential Histories. Osprey Publishing. p. 16. (12) https://www.archives.gov/research/military/vietnam-war/casualty-statistics.html#category (13)  Pamela G. Hollie ”Thaw in China-U.S. Ties May Unfreeze ’49 Assets.“ New York Times. 1/10/1979. p. D1 (14) ”US-China Institute :: news & features :: china in u.s. campaign politics: part 6 of election ’08 and the challenge of china“China.usc.edu. 1964-10-16. Retrieved 2010-12-02. (ئەسكەرتىش:مەنبەلەر تىزىملىكى ماقالىنىڭ داۋامى بىلەن بىرگە يەنە قوشۇلىدۇ )

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

دەۋر بۆلگۈچ ئاستىرونومىيە ئالىمى سېتىۋىن خاۋكىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىردىن ئۈزۈندە

يە ئاپرېل 22 , 2018
دەۋر بۆلگۈچ ئاستىرونومىيە ئالىمى سېتىۋىن خاۋكىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىردىن ئۈزۈندە

You May Like