ئىستراتېگىيە ئانالىزى: خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟

ئىستراتېگىيە ئانالىزى: خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟

 ئىستراتېگىيە ئانالىزى: خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟ 

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

خىتاي چاغان ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تىزلىتىدۇ، بۇ تەرىپى ئاشكارا بولدى. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بار كۈچى بىلەن چاغان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان ئۇيغۇرلارغا زىياپەت بېرىدۇ.

چاغان ئەسلىدە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان شەرقى ئاسىيادىكى خىتاي، كورېيە، ۋىيېتنام قاتارلىق  دۆلەتلەردە تەبرىكلەيدىغان ئادەتتىكى باھار بايرىمى ۋە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە بىر ئىستراتېگىيەلىك دىپلوماتىيە قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىكى غەرىزى نېمە؟ 

خىتاي ئەلچىخانىلىرى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئورگان بولۇپ، بۇلار دۇنيادىكى ھېچقانداق ئەلچىخانىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇ نوقۇل دىپلوماتىيە ۋە ۋىزا تارقىتىش ئورنى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن چەتئەلدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بىر گەۋدە ئۇنىۋېرسال ئاپپارات، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەم مەركىزى بىرلىكسەپ باشقارمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان فۇنكسىيەگە ئىگە.

مېنىڭچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى چاغانغا چاقىرىش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان غەرەزلىرى تۆۋەندىكىدەك 8 تۈرلۈك:

1. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش غەرىزى:

غەرب دۇنياسى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاينى جىنايەت بىلەن تونۇۋاتقاندا، خىتاي دەل شۇ قىرغىن قىلىنغان خەلقنىڭ ئەركىن چەتئەلدىكى ئەزالىرىنى توپلاپ چاي بېرىپ، پۇل بېرىپ، ئۇسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ رەسىمگە چۈشۈپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ دۇنياغا : « ئەي دۇنيا، قارا سەن بىزنى ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلدى دېدىڭ، .ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سولىدىڭ دېدىڭ، دەل شۇ خەلق بۈگۈن ئەركىن دۇنيادا چەتئەلدە تۇرۇپمۇ بىز بىلەن بىللە تۇردى، ئەگەر قىرغىنچىلىق راست بولسا، بۇلار بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلەمتى؟ » دەپ تەشۋىق قىلماقچى بولىدۇ.

2. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقاتى:

خىتاي بۇ ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا: «قارا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار كۈن ئالالماي بىزگە قارايدۇ، ئۇلارنى بىز باقىمىز، دۇنيادا خىتايدىن ياخشى يەر يوق، شۇڭا ئۇ بىچارە ئۇيغۇرلار بىزنى ھىمايە قىلىدۇ، شۇڭا سىلەرمۇ بىزنى شەرتسىز ھىمايە قىلىشىڭلار كېرەك. سەن نەگىلا بار، بىزنىڭ تەسىرىمىز ۋە ھىمايىمىزدىن ئايرىلالمايسەن» دېگەننى تەشۋىق قىلىدۇ.

3. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى بۆلۈش ۋە ماجىراغا سېلىش غەرىزى:

خىتاي چاغانغا ئۇيغۇرلارنى چاقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىشەنچ كرىزىسى ۋە بۆلۈنۈشنى تاشلىيالايدۇ. خىتاي بۇ رەسىملەرنى تور بېكەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تاشلايدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دەرھال ئۇلارنى خائىن، جاسۇس دېگەن دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇيغۇرلار جېدەل بىلەن بولغاندا، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرغىلى، ئاسان قالايمىقان قىلغىلى، ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىگىلى بولىدۇ.

4. خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى ۋە سورۇنى غەرىزى:

خىتاي چاغاندا ئۇيغۇرلارنى چاقىرىش ئارقىلىق كىمنىڭ ئۆز ئەتراپىدا، كىمنىڭ ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىۋالىدۇ، كىملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى، كىملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلمەيدىغانلىقىنى ئانالىز قىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش دەرىجىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

بۇ ئارقىلىق نەچچە يىلدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەيۋىسى ئوتتۇرىدا سېلىشتۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنى باش ئەگكۈزۈش، سىياسىي ھەرىكەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىش ھەققىدە تەجرىبە يەكۈنلەيدۇ.

5. جاسۇس ۋە شايكا توپلاش غەرىزى:

خىتاي چاغانغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئاللىقاچان ئۆزىگە ئىشلەيدىغان خادىملارنى ياللىغان بولىدۇ ياكى يېڭىدىن كەلگەنلەردىن تاللاپ ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئاز بەدەل بىلەن كۆپكە ئېرىشىش ئۇسۇلىدۇر.

6. دۇنيادا ئۆزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش غەرىزى:

خىتاي نەچچە يىلدا تەشۋىقات جەھەتتە يېڭىلدى شۇڭا خىتاي كۈچەپ ئادەم يېغىپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلماقچى بولىدۇ. خىتاي چاغاندا كەڭ كۆلەملىك كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەنىلا ئالقىشلىق دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدۇ. خىتاي شۇنداق دەيدۇ:« بىز يالغۇز ئەمەس. بىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىمىز كۆپ، ھەتتا شۇ ئۇيغۇرلارمۇ بىزنىڭ يېنىمىزدا» 

7. خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازىنى ياخشىلاش غەرىزى:

خىتاي تاراتقۇلىرىدا چاغان ئارقىلىق سەدىقە تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ نامراتلارنى قوللايدىغان، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىدىغان ئوبرازى ياراتماقچى بولىدۇ.

8.دۈشمەن كۈچلەرنى ئازايتىش پىلانى ۋە يىللىق نەتىجە تاپشۇرۇش غەرىزى:

دۈشمەن كۈچلەرنى ئازايتىش خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسىدىن بىرى. خىتاي ئەلچىخانىسى بىرلىكسەپ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت سىرتى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ۋە دۈشمەن كۈچلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى چاغانغا توپلىغانلىقىنى يىللىق نەتىجە خۇلاسىسى ئۈچۈن خىزمەت دوكلاتى سۈپىتىدە سۇنىدۇ، بۇ ئەڭ چوڭ تۆھپىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خۇلاسە:ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە غەرىزىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، ئۆز نۆۋىتىدە مۇناسىپ ۋە تەڭداش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

Uyghur Reporter

Next Post

ئامېرىكىدىكى خىتاي چاغىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان

يە يانۋار 22 , 2023
ئامېرىكىدىكى خىتاي چاغىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان

You May Like