خىتايدىكى داڭلىق تور تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە تاھىر ئىمىنغا ھۇجۇم قىلغان

2021-يىلىدا خىتاينىڭ تور بەتلىرىدىن «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاڭيى تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «تېڭشۈن تورى»، «بەيدۇ بەيجىيا» قاتارلىق 50دىن ئارتۇق تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شۇنداقلا تاھىر ئىمىن ئەپەندىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 01- دېكابىر

2021-يىلىدا خىتاينىڭ  تور بەتلىرىدىن «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاڭيى تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «تېڭشۈن تورى»، «بەيدۇ بەيجىيا» قاتارلىق 50دىن ئارتۇق تاراتقۇلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شۇنداقلا تاھىر ئىمىن ئەپەندىگە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان

 

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى ۋاشىنگتوندا پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردىكى قارشى تۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. مەيلى ئاگېنتلىقنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن بولسۇن ياكى ئاگېنتلىقنىڭ 10 خىل تىل يېزىقتا توربەت، تۋىتتېر، فەيسبۇك، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خەۋەر، ماقالە، ئوبزورلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھۇجۇملىرىغا، بەتناملىرىغا ئۇچراپ كەلدى. 

2021-يىلى كىرىشى بىلەن خەلقئارادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان جىددىي پوزىتسىيەسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، تەشكىلات، ئورگانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇمىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ يۇقىرى رەۋىشتە كۈچەيتتى. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ يىلمۇ خىتاينىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى بولدى.

2021-يىلى 9-ئاپرېل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاھىر ئىمىن شەرقى تۈركىستانچى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر دەپ جاكارلىدى. بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» تور بېتىدە «شەرقى تۈركىستانچى بۆلگۈنچى كۈچلەر چاندۇرۇپ قويدى…» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا قارشى خىتاي ئىچىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى. يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ماقالىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خىتايدىكى ئاساسلىق تور بەتلەردىن: «ۋاڭيى تورى»، «شىنلاڭ تورى»، «تېڭشۈن تورى»، «بەيدۇ بەيجىيا» قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق تور بەتلەرگە چاپلىنىپ تارقىتىلدى. ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنى خىتايغا قارشى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ  ئوتتۇرىغا چىقارغان بۆلگۈنچىلىك ئورگىنى دەپ قارىلاپ ئاگېنتلىقنىڭ ئىنگلىزچە قانىلىدا ھەمبەھىرلىگەن ئىسرائىلىيەلىك ئايال ئەسكەرلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى مۇبارەكلەپ چىقارغان تىۋىتتېرنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارشى تۇرغان ئىسرائىلىيەنى قوللىغان دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلدى. ھەمدە ئاگېنتلىق قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىننى ئىسرائىلىيەدە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئامېرىكىغا بارغان دېگەن بەتنام بىلەن ئۇنى ئىسرائىلىيەنى قوللاپ مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرغۇچى دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

 

 مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغان تور بېكەتلەردىكى خەۋەرنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلار 1200 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىك خىتايلار  «مۇستەققىلچى، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر» تاھىر ئىمىننى ئۆلتۈرۈش كېرەك ، يىلتىزدىن قۇرۇتىۋىتىش كېرەك دەپ ئىنكاسلارنى يازغان.

 

 

 

2021-يىلى 6-ئايدا «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» تاھىر ئىمىن ئەپەندى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ مۇنداق يازغان: «خىتاي دائىرىلىرى تاھىر ئىمىن توي قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىزىغا ئاتا-ئانىسى ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ تاھىر ئىمىننىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان، كېيىن قىز قورقۇپ كېتىپ تاھىر ئىمىن بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن…»، بۇ خەۋەردە خىتاينىڭ نەقەدەر رەھىمسىزلىكى ۋە ئۆچ ئېلىشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان ئەخلاقسىز قىلمىشلىرى تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلىپ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

 

تاھىر ئىمىن ئەپەندى خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئاگېنتلىققا ۋە ئۆزىگە ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:«خىتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى ئەزەلدىن توختىغىنى يوق. خىتاينىڭ مەقسىتى بىزنىڭ نوپۇزىمىزنى سۇندۇرۇش ۋە ئىشەنچىمىزنى يوقىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما يولى ساغلام بولغان  ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى -ئۇيغۇرلار بىلەن ئەمەس، خىتاي بىلەن تۇتۇشقانسرى، كۈرەش ئىرادىسى چىڭىيدۇ ۋە ئالغا ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ.»

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە

پە دېكابىر 2 , 2021
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىدە

You May Like