«تۆھپىكار ئۇيغۇرلار »تېمىسدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىم (6)
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
(ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدىن ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ ئالدىن خەۋىرى يوق)
بۈگۈن تېۋىتتردا ئۇچۇر كۆرۋىتىپ، تۇيۇقسز بىر چەتئەللىك كىشنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ شەخسى تور بېكىتىنڭ ئادېرسنى ئەۋەتكەنلىكىگە كۆزۈم چۈشتى.
تور بېكەتنى ئېچىپ، ۋەتەن مەنزىرىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت فوتو-سۈرەتلەر، ۋىدىئولار ، ھۆسنىخەتلەرگە بېغىشلانغان سەھىپىلەرنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ، كۆپ زوقلاندىم ۋە بۇ مۇھىم خىزمەتتىن خۇرسەن بولدۇم. ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ شەخسى سەنئەت قانىلىدىن خەۋەرسز قاپتۇق.
تور بېكەتتە، ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى ئۆزى تارتقان ۋەتەن فوتو-سۈرەتلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز، ئۇ يازغان ھۆسنخەتلەر تەپسلى يەر ئالغانىدى.
بۇ ئشنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، بىزدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللى-مەدەنى مەۋجۇتلۇقى تارىخى كىرزىسكە پاتقان، ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت ئىزدىنىشلەر يتەرسز، ھەممەيلەن سەنئەتكە ھەممىدىن بەك مۇھتاج بولۇۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئومۇمى ئۇيغۇر دىئاسفوراسدىكى شاۋقۇن-سۈرەندىن يىراقلىشۋاتقان بىر پەيتتە زۆرۈر بولغان مىڭدىن بىر بوشلۇق توشقۇزۇلۇپتۇ. نۇرغۇن قىممەتلىك رىئال نەرسلەر، جۈملىدىن، شۇ مىللى پۇراققا تويۇنغان ئۆيلەر، ئۇيغۇر مەھەللىرى، كىيم-كېچەكلەر، مۇزىكىلار ھەتتا تەبىئەت مەنزىلىرى بىز بىلىدىغان بۇ دۇنيادىن مەجبۇرى كۆچۈرۈۋىتىلگەن، ئۇلاردىن يىراقتا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئەسلىمە خاتىرلىرىمىزدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرىلىۋاتقان، دۇنياغا «بىز مۇشۇنداق ئىدۇق» دەيدىغانغا پاكىتلىرىمىزمۇ يىتەرلىك بولمايۋاتقان، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان ماددى ۋە مەنىۋى مىراسلىرىمىز قانسراۋاتقان بىر پەيتتە، بۇنداق مەۋھۇم سەنئەت سالونى ( Virtual Art Salon)بىز ئۈچۈن قىممەتلىك.
بۇ يەنە باشقىلارغىمۇ ئۈلگە بولىدىغان بىر خىزمەتتۇر.
بىز -ئۆزىمىزگە ئائىت، مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا ئائىت چۈشەنچە ۋە ئەسلىمىلەر بىلەن ياشايمىز، شۇ چۈشەنچە ۋە ئەسلىمىلەر ئۈچۈن كۆرەش قىلىمىز، ئابلىكىم ئەمەتكە ئوخشاش سەنئەتكارلار بىزگە شۇ ئەسلىمىلەرنى يوقاتمايدىغان ئەسەرلەر ۋە ھۆججەتلەشكەن ئسكىلاتلارنى يارىتىدۇ.
بىز پەقەت ئىجادىيەت، سەنئەت، يېڭىلىق بىلەنلا ئۆز قىممىتىمىزنى جۇلالاندۇرالايمىز.
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ياشلار-ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت، مۇزىكا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە خەلقىنىڭ تەقدىرىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىق قىلالايدىغانلىقىنى بىلىشى كىرەك. بۇ ساھەدە بىز باشقا ئېزىلگۈچى ۋە دۆلەتسز خەلقلەردىن كۆپ ئارقىدا قالدۇق.
بۇ يىل ئاپرىلدا، ئۇيغۇر فوتوگراف ۋە خەتتات ئابلىكىم ئەمەت ئاكا نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئانا يۇرت» تېمىسىدا مەخسۇس كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ساغلام ۋە گۈزەل تەسراتلارغا سەۋەب بولغانىدى.
«ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ياشاۋاتقان فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەسپىي فوتو سۈرەتچىلىك ۋە خەتتاتلىق بىلەن تونۇلغان سەرخىل سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھۆسنخەت ئىجادىيەتلىرى ۋە فوتو سۈرەتلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي ئىچىدىكى كەسپىي فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىدە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان-ئەركىن ئاسيا رادىئوسى خەۋىرىدىن ئىلىندى.)
تور بېكەت ئادېرسى: