ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى 1-سان:چەتئەلدە ئوقۇش تەرتىۋى

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى1-سان
تۇنجى تېما: چەتئەلدە ئوقۇش تەرتىۋى
باش پىلانلىغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى:ئۆز تۈرك شركىتى
قوللىغۇچى:تەسەۋۇر ئنگىلىز تىلى (تىزناپ مەكتىۋى)
ئېتتپاق كومېتتى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى .
سۈرەتكە ئالغۇچى:جۈمەخۇن فوتو سەنئىتى
مەزمۇنى:چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئۇسۇللىرى تەرتىۋى، تەجربىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئامېرىكا، فىرانسيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە،ياپونىيە، تۈركىيە، كانادا ، ئاۋستىرالىيەدە ئوقۇپ كەلگەن، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ، مائارىپ مۇتەخەسسلىرى ۋە ئوقۇشقا چىقىش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

قاتناشقۇچىلار سانى :100نەپەر بىلەن چەكلىنىدۇ.سۆھبەت ھەقسز
ئورۇن زاكاز قىلىش تېلفونى: 135-6516-4861
ئورنى :ئۈرۈمچى تاشقى سودا مىھمانسارىيى 3-قەۋەت ئۆز تۈرك شركىتى يېغىن زالى
ۋاقتى:4-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كىين سائەت 2:00

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى-مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان مۇنبەر بولۇپ،ئەركىن سۆھبەت،لېكسيە،مۇنازىرە ،نۇتۇق،ئىلمى مۇھەكىمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش-تەتقىقات، يېڭلىق يارىتىش، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە ، كۆڭۈل ئىچىش ساھەلىرىدىكى ئارزۇلىرىنى ئشقا ئاشۇرۇش،پىكىر ئالماشتۇرۇش،ھەر قايسى ساھە شەخسلىرى بىلەن تونۇشۇش،ئۇتۇق قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان ،ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەت شەكلىنى تاللاشقا ياردەم بىرىدىغان ئۇنېۋرسال ئىلمى سالوندۇر ! تۈرلۈك تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى ھەر زامان قارشى ئالىمىز.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتايدا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

شە ئاپرېل 14 , 2018
خىتايدا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

You May Like