خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

 خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى14-مارت

ئامېرىكا NBC خەۋەر تورى 17-مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى گوللاندىيەنىڭ دەن خاگ (Den Haag) شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (International Criminal court) جۈمە كۈنى (17-مارت) بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن « ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن خەلقئارادا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان خەۋەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « پۇتىننىڭ ئەسكەرلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى ئالدىدا پۇقرالار تۇرىدىغان بىنالارغا راكېتا بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، بىگۇناھ خەلقنى قىيناپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى، شۇنداقلا سىستېمىلىق ھالدا قىز ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى…»

دوكلاتتا دېيىلىشىچە،  رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە 7000دىن ئارتۇق  بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان،كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا سۈرگۈندە بولۇشقا مەجبۇر بولغان. سوتنىڭ دوكلاتىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بارلىق جىنايەتلەرنىڭ بولۇپمۇ نارەسىدە بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇشى، ئۆلۈشى قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ باش جاۋابكارلىقىنى پۇتىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنت مەھكىمىسى بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئالاھىدە خادىمى مارىيە ئالېكساندىريېۋاغىمۇ ئوخشاش شىكايەت بىلەن خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا خىتايدا ياسالغان ئوق دورىلار بارلىقى دەلىللەندى

يە مارت 19 , 2023
ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا خىتايدا ياسالغان ئوق دورىلار بارلىقى دەلىللەندى

You May Like