تېخنىكا ۋە سودا: مىكروسوفىت ئ‍التماننى تەكلىپ قىلدى. پاي باھاسى رېكورت ياراتتى

ئەلفا تەرجىمىسى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-نويابىر

دۇنيادىكى تەسر كۈچى ئەڭ مۇھىم بولغان «ئ‍وچۇق سۈنئى ئەقىل» ( Open AI)شركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى 17-نويابىر كۈنى بۇ شركەتنىڭ ئىجرائىيە باش ئەمەلدارى سامۇئىل ئالىتماننى «ئالاقىدە سەمىمى بولمىغان»دىگەن ئەيىپلەش بىلەن ۋەزىپىسدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى.

مىكروسوفىت شركىتى مەزكۇر شركەتكە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، 13 مىليارد دوللار بىلەن 49% پاي چېكىنى كونتىرۇل قىلىدۇ.ئالتمان ۋەزىپسدىن قالدۇرۇلغاندىن كىين، مىكروسوفىت شركىتى ياراشتۇرۇش ۋە ئالتماننى ۋەزىپىسگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئاراچىلىق قىلغان بولسمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندىن كىين، يەكشەنبە كۈنى ئالتماننى مىكروسوفىتنىڭ يېڭى سۈنئى ئەقىل تۈرىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۈشەنبە كۈنى، مىكروسوفىت شركىتىنىڭ پاي چېكى بىراقلا 2 % ئۆرلەپ، شركەت ئەسلىدىكى قىممىتى 2 تېرىلىيون 750 مىلىيون دوللارغا يەنە 55 مىليارد دوللار قوشۇلدى.

بۇ سۈنئى ئەقىل تېخنىكا ۋە سودا ساھەسدىكى 2023-يىلدىكى ئەڭ چوڭ ھادىسلەرنىڭ بىرى ھسابلىنىدۇ. ئالتمان گەرچە ناھايتى ياش بولسمۇ، ئۇ ناھايتى چوڭ تېخنىكا شركەتلىرىنىڭ مەبلەغ قوبۇل قىلىش، تېخنىكىدا بۆسۈش يارىتىشغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېتەكچىلىك قىلغان.Y Combinator ۋە Chat-GPT ئۇنىڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك ئەسەرلىرىدىن ھسابلىنىدۇ.

(ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تېخنىكا ۋە سودا خەۋەرلىرىنى ئورقۇن كاپتالى تەۋسيە قىلغان)

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تارىخشۇناس پروفېسسور جەيمىس مىلۋارد ئەپەندى بىلەن بىرگە سۆزلەنگەن جۇمھۇرىيەت تارىخى

سە نويابىر 21 , 2023
نەبىجان تۇرسۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-نويابىر كۈنى ئاخشام فەيىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات قىلىپ ئامېرىكىدا «ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمە يولى: شىنجاڭ تارىخى» ۋە « قوۋۇقنىڭ سىرتىدا»ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى […]
نەبىجان تۇرسۇن-جامىس مىلۋارد

You May Like