ئامېرىكا ئ‍ستىخباراتى: تىك توك ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشماقتا

دۆلەت مەجلىسى: تىك توكنى چەكلەيمىز. تىرامپ: تىك توكنى چەكلەش خاتا

ئەركىنجان، 12-مارت، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئامېرىكا ھۆكۈمەت قاتلىمىدا، تىك-توكنى ئەيىپلەش ۋە چەكلەش قىزغىنلىقى تىرامپ دەۋرىگە سوزۇلىدۇ. ئەمما تېخىچە چەكلەپ بولالىغىنى يوق. تىك توكنىڭ پۇقرالار ئارسىدىكى ئ‍شلىتىشچانلىقى يۇقىرى.ئامېرىكىدا 170 مىلىيوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقلار تىك-توكنى ئاكتىپ ئ‍شلىتىدۇ. مىلىيونلىغان ئامېرىكىلىقلار ئاساسلىق ئېقتسادى كېرىم يارىتىش ياكى ئۆز تېجارىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىك-توكقا تايىنىدۇ.ختاي بولسا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغا زىيانلىق پىروپاگاندالارنى كۆپلەپ بازارغا سالماقتا.

11-مارت ئىلان قىلىنغان دۆلەت تەھدىتى دوكلاتىدا، ئامېرىكىدىكى 18 ئ‍ستخبارات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىدارسى بولغان ئامېرىكا دۆلەتلىك ئ‍ستىخبارات دېرىكتور ئ‍شخانىسى ( The Office of the Director of National Intelligence)مۇنداق دىدى: ختاي شركىتى بايت دەنس (Bytedance )كونتىرۇللۇقىدىكى تىك تىك شركىتى ئامېرىكا سايلىمىغا تەسر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالگورىزىمدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى باھالاپ چىققان. بۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە تىك-توكنى چەكلەش ياكى ستىېشقا مەجبۇرلاش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسنىڭ ئاۋازغا سۇنۇلۇشتىن بۇرۇنقى دوكلات دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى قوللىشغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنرگىيە ۋە سودا كومېتىتى تىك توكنى ئ‍امېرىكىدا چەكلەش قارار لايىھەسنى بىردەك ماقۇللىغاندىن كېين، تىرامپ سى ئەن بى سىغا مۇنداق دىگەن:تىك توكنى چەكلەش-خەلقنىڭ دۈشمىنى بولغان فايىس بۇك شركىتنى كۈچلەندۈرىدۇ.تىك توك بولمىسا بالىلار ساراڭغا ئايلىنىدۇ.»

بىر قسم جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى تىرامپنىڭ ختايغا تۇتقان يۇمشاق قول سياستىنى تەنقىد قىلماقتا.

بايدىن ئۆتكەن ئايدا تىك توكتىن ھساب ئ‍اچقان بولۇپ، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ مۇنداق دىدى: «ئەگەر دۆلەت مەجلىسى تىك توكنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىسا، مەن دەرھال ئىمزا قويىمەن.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يەنە 300 مىليون دوللار ياردەم بىرىدۇ

سە مارت 12 , 2024
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ روسيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى 300 مىلىيون دوللارلىق ياردەم بىرىدۇ. بۇ قارار لايىھەسىگە بىر قسم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئەزالىرى قارشى چىقىپ كەلمەكتە. ئۇكرائىنا 2 يىلدىن بىرى روسيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە،ئۇكرائىنا ئارمىيسنىڭ ئىرادىسى، غەرپنىڭ ھەربى ياردىمى بىلەن، پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى بىر ھەپتىدە ئ‍شغال […]
ئۇكرائنا

You May Like