ئۇيغۇرچىنى ئەقلى ئىدراك ئاۋاز ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 7-مارت

ئارمان

ئۆز خەۋىرىمىز: فىرانسىيەدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى» نىڭ ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى (ئاۋازلىق) خەلقئارالىق ئېچىۋېتىلگەن تىل ئامبىرىغا كىرگۈزۈش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئاگېنتلىقىمىز بۇ ھەقتە تەپسىلاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر قىسىم جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەردان مەمەت ئەپەندىم بۇ تۈر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: « ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۈنئىي ئەقلى ئىدراك Artificial intelligence تېخنىكىسى تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ ھەر ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. جۈملىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇ تۈردىكى ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياج كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، مەسىلەن تېلېفونلىرىمىزغا ئاۋازلىق بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق بەزى پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلدۇرالايمىز. ئېنىقكى كەلگۈسىدىكى تور تېخنىكىسىنىڭ ھەتتا دۇنيانىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ يۈزلىنىشتە بولىدۇ، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ خىلدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە ئۇيغۇر تىلى باشقا تىللاردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا كەينىدە قالدى. گۇگىل ياكى ئالمىغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ سىستېمىلىرىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ئاۋازلىق پىروگراممىلىرى تېخى كىرگۈزۈلگىنى يوق. جەمئىيىتىمىز بۇ ھەقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 2021-يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كەسىپ ئىگىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى باشلىدۇق، ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ خەلقئارادىكى Common Voice قا ئوخشاش ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر ئامبارلىرىغا ساندان قىلىپ ئەۋەتتۇق. يىغىلغان ئاۋاز ئەۋرىشكىسى مەلۇم سانغا يەتكەندە بىز بۇ سانداننى گۇگىل، ئالمىغا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ سىستېمىلىرىدا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بولىقىنىڭ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز…»

«ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان سىندا مەزكۇر جەمئىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇر كومپيۇتېر جەمئىيىتى 2004-يىلى توردا قۇرۇلغان، 2023-يىلى 7-ئايدا فىرانسىيەدە رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ 20 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تور تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پىدائىيلىق بىلەن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدۇق. خەلقىمىز ئىشلىتىۋاتقان 115 ئۆلچەملىك ئۇيغۇر فونتى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ ياسىلىشىدا ئىشلىتىلىدىغان wordpress پىروگراممىسى، ئۇيغۇر ئېدىتقا ئوخشاش ئىملا تەكشۈرگۈچ، تەھرىرلىگۈچ، يېزىق ئايلاندۇرۇش قاتارلىق پىروگراممىلارنىڭ ياسىلىشىدا، شۇنداقلا مىكروسوفت ۋىندوۋس، ئوففىس، لىنۇكس قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ياسىلىشىدا جەمئىيەت ئەزالىرىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تۆھپىلىرى بار… »

ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىم نۆۋەتتىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەۋرىشكىسىنى يىغىش خىزمىتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرچە ئاۋاز ئامبىرىنى ياساپ چىقىپ گۇگىل، ئالما، مىكروسوفتقا ئوخشاش چوڭ شىركەتلەرگە سۇنساق خۇددى باشقا تىللار قىلغىنىدەك بىزمۇ تېلېفونىمىز ئارقىلىقلا ئۇيغۇرچە بۇيرۇق بېرىپ ھەر خىل پىروگراممىلارنى ئىجرا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، تېكىستنى ئاۋازغا ياكى ئاۋازنى تېكىستكە ئايلاندۇرالايمىز… تېخنىكا جەھەتتىن بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئەزالىرىمىز تامامەن چىقالايدۇ…». ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە دەسلەپكى قەدەمدە 1000 سائەتلىك ئاۋاز ئەۋرىشكىسىنى يىغىش پىلانلانغان بولۇپ نۆۋەتتە 243 سائەتلىك ئەۋرىشكە يىغىلغان. ئەمما ئادەم كۈچىنىڭ ئازلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن بۇ خىزمەتلەرنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

«ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ فېيىسبۇك بېتىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا يۇقىرىدا ئېيتىلغان خىزمەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي مەنبەگە ئېھتىياج بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلقىمىزگە مۇراجىئەت قىلىنغان. «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» مىز نامىدىن خەلقىمىزنى ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر خىزمەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى، قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

خىتاي يېڭىدىن ئالتە دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى

پە مارت 7 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى7-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت بايانات بېرىپ: شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا خىتايغا ۋاقىتلىق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بۇ يىل 14-مارتتىن باشلاپ 30-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 15 كۈن مۆھلىتىدە ۋىزىسىز […]

You May Like