خىتاي يېڭىدىن ئالتە دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى7-مارت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-مارت بايانات بېرىپ: شىۋېيتسارىيە، ئىرېلاندىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبۇرگ قاتارلىق ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا خىتايغا ۋاقىتلىق ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بۇ يىل 14-مارتتىن باشلاپ 30-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 15 كۈن مۆھلىتىدە ۋىزىسىز تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. ئەمما خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە «شەرتكە توشمايدىغان» كىشىلەرنىڭ خىتايغا بېرىشى ئۈچۈن يەنە ۋىزا تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ قانداق كىشىلەرنىڭ شەرتى توشمايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خىتاي ئوخشاش تۈردىكى باياناتنى بېرىپ فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈردە ۋىزا كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

شۋېىتسيە ناتوغا 32-ئەزا دۆلەت بولۇپ قوشۇلدى

پە مارت 7 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ياۋروپادىكى يەنە بىر دۆلەت شېۋىتسيە شمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) غا رەسمى ئەزا بولۇپ، ناتونىڭ 32-ئەزاسى بولۇپ قالدى. شېۋىتسيە ئىزچىل بتەرەپ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، 2022-يىلى فېۋرال ئېيىدا روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن.نەتىجىدە فىنلاندىيە ۋە شېۋىتسيە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىلتىماس قىلىش، ناتو ئەزالىرىدىن تۈركىيە ۋە […]
ناتو-شېۋىتسيە

You May Like