سۇنى كىم ئىچىشى كېرەك؟

تەييارلىغۇچى: دوكتۇر مەمەت ئىمىن

ئىككى ئادەم قۇملۇقتا يۆلىنىشىنى توقۇتۇپ، پەقەت بىر ئادەمدە ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن يەتكىدەك سۇ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ سۇنى ئىككى ئادەم بۆلۈشۈپ ئىچسە، ھەر ئىككىسى قۇملۇقتىن چىقالماي ئۆلۈپ كېتىشى مۇقەررەر؛ ئەمما بىر ئادەم ئىچسە، سۇ ئىچكەن ئادەم ھايات قىلىشى، يەنە بىر ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى ئېنىق. بۇ خىل ھايات ماماتلىق ئەھۋالدا، ئۇلار قانداق قىلىشى، يەنى سۇنى كىم ئىچىشى كېرەك؟

تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر راببى ئاكىۋا مۇنداق قارار چىقارغان ئىكەن، «سۇنى، چوقۇم سۇ بار ئادەم ئۆزى ئىچىشى ۋە ھايات قىلىشى كېرەك؛ ئەمما سۇ ئىچىپ ھايات قالغۇچى، قۇملۇقتا يۈز بەرگەن پاجىئەنى ۋە ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ ۋەسىيىتىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك»

بۇ، مەن يېقىندا ئۆگەنگەن بىر ھېكايە بولۇپ، ئۇ قارىماققا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك ۋە ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر قاراردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەممىمىز دۇچ كىلىدىغان ناھايىتى ئەمىلى بىر مەسىلە بولۇپ، «بىر ئادەمدىن باشقا بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىش» نى تەلەپ قىلىشقا نىسبەتەن، تىخىمۇ ئادىل بىر قارار بولسا كېرەك.

گەرچە ئىنسانلار كۆرگەن «ئەخلاق تەربىيىسى»، كۆپۈنچە ئەھۋالدا «باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش» بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىل ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەر، «باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قۇربان بېرىشنى» ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرى، ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلغان شۇ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە، ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

كوممۇنىست تۈزۈلمىسى ئاستىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىزلەر، كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئالغان تەربىيە گەرچە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» تىن ئىبارەت ناھايىتى گۈزەل بىر ئەخلاقى تەربىيىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۈزۈلمىسىدە، ھېچكىمنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىغا، ئەكسىنچە شۇ «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» نى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ خەلقنى ئەزگەنلىكىگە شاھىت بولدۇق.

ئاڭلىماققا گۈزەل سۆزلەرنى كۆپ قىلغانلارنىڭ، رېئاللىقتا نەقەدەر شەخسىيەتچى بولىدىغانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. دېمەك گۈزەل سۆزلەرنى كۆپ قىلغان ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى ئاڭلىماققا ئۇنچە «يېقىملىق» بولمىسىمۇ، ئەمما سەمىمى سۆز قىلغانلار ھەقىقى گۈزەل ئەخلاقلىق ئىنسانلار بولسا كېرەك.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئالتۇننىڭ باھاسى قانچە ئۇزۇن ئۆسەر؟

چا ئاپرېل 24 , 2024
ئالتۇننىڭ باھاسى يېقىنقى مەزگىلدە داۋاملىق ئۆسۈپ، ئۇدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان 14 سودا كۈنىدە، ئامېرىكىدا ئالتۇننىڭ قەرەللىك باھاسى 11 سودا كۈنى ئۆرلەپ، بىر مەزگىل ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 2400 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. تەھلىلچىلەر يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە […]
altun-bahasi

You May Like