ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر خانىم ئائىشە ياسىن ئ‍ستانبۇلدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

ئائ‍ىشە ياسىن  ۋەتەنپەرۋەرانە ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى، جامائەتكە پايدلىق خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

ئائىش ياسىن 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ، 2024-يىلى 15-ئاپرىلدا ئ‍ستانبۇلدا 53 يېشىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى.

ئائىشە ياسىن 1971 – يىلى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى 20 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ كېيىن ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى يول ئاممىۋى ئاپتوبوسىدا بىر مەزگىل كوچا ئاپتۇبۇسى ھەيدىگەن ئىكەن. مەرھۇمە 2014 – يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ ئىستانبۇلغا ئولتۇراقلاشقان، ئىككى قېزى بار، ئۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى ئاڭلىتىش، خانىم-قىزلارنى تەشكىللەش، ياشلارغا تۇرمۇش ھەققىدە مەسلىھەت بىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلىپ بارغان.

ئائىشە خانىم كېسەللىكنىڭ ئىغىر مەزگىللىرىدە، سوسيال مېدىيادا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادىمىڭ بۇرھان سىيت ئۇلۇغيول تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن  ياردەم چاقىرىقى ئېلان قىلىنىش بىلەن بىر ھەپتە ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  جامائەت ياردەم قولىنى سۇنغان. بۇرھان ئۇلۇغيول مۇنداق دىگەن: ئۈچ -تۆت كۈن ئىچىدىلا  بىر مىليون لىرادىن ئارتۇق پۇل يىغىلدى، كېيىن ئۇ خانىم ئۆزى تېلېفون قىلىپ ياردەم چاقىرىقىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانىدى، دېمەك دىن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن كۆيۈنۈپ خىزمەت قىلغان ھەر قانداق كىشىنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تېۋىتتردا بىلدۈرىشچە، ئائىشە خانىم تۈركىيەدە ياشىغىلى 10 يىلدىن ئاشقان بولسمۇ، تېخىچە تۈركىيە پۇقراسى بولالمىغان.

ختاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ پېينسيە ۋە ياشانغاندا داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى بەرمىگەن

سوسيال مېدىيادا ئۇيغۇر جامائىتى ئائىشە خانىمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن قايغۇسنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە ئۇنىڭغا ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلاندى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى ئ‍شلىگەن ئۇيغۇر ھەققىدىكى ھۈججەتلىك فىلىم ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرشتى

دۈ ئاپرېل 22 , 2024
ئۇيغۇر تايمىز خەلقئارا بۆلۈم قانىلى خەۋىرى:22-ئاپرىل ئامېرىكا ئاۋازى ئ‍شلىگەن، ئىلگىرى مائارىپ ۋە كارخانىچىلىق بىلەن تونۇلغان، كىين ئامېرىكىغا كىلىپ سياسى پاناھلانغان ۋە ئامېرىكا ئاۋازى ئىنگىلىزچە خەۋەرلەر بۆلۈمدە مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر قاسم ئابدۇرىھىم كاشغەرنىڭ ھايات ھېكايىسى ئاساسى تېما قىلىنغان ھۈججەتلىك فىلىم« قورقۇنچىتىن -ئەركىنلىككىچە-بىر ئۇيغۇرنىڭ سەپىرى»ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم-نيۇيورك فېستۋالى-كىنو تېلۋىزىيە ھۈججەتلىك […]
kasim kashgar-doc-

You May Like