ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ياشلىرى «كومپاس» نامىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇردى

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ياشلىرى «كومپاس» نامىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇردى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 26-ئاپرىل

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قسم ياش ئۇيغۇر مۇزىكانت ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ھەمكارلىشپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە تارقىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسدىدىدە «كومپاس» نامىدا مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ چىققان.

بۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇزەپپەر مۇنداق دىگەن:

«بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى پىلانىمىز بولسا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، ئىجادىي ئۇيغۇر ناخشىىلىرىنى چىقىرىش، مۇزىكىلىق ۋىدىيو ئىشلەش، شۇنداقلام بار كۈچىمىز بىلەن مۇھاجىرەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان شۇنداقلام تويغا قەدەم قويغان ياش بىر جۈپلەرنىڭ توي مۇراسىمىنى بار كۈچىمىز ھەم سەۋىيەرىمىز بىلەن نەق مەيدان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىمىز بىلەن قىززىتىپ ئوت چىقىرىۋېتىش!

بۇندىن ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بۇ بوشلۇقنى توشقۇزۇش بىزنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان بىر ئىش. »

مەزكۇر مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تور بېكىتى: www.kompasband.com

بۇ مۇزىكا ئەترەتنىڭ ئەزالىرىدىن مۇزەپپەر ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكىدا رىژىسورلۇق، ئوپىراتۇرلۇق كەسپلىرىدە تونۇلۇپ تەرەققى قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن قسقا فىلىملەرنى ئ‍شلىگەن ۋە بازارلاشتۇرغان.مۇزىكا ساھەسىدە، ئاكادردىئون ۋە چاتما دۇمباق چالىدۇ.

مەزكۇر مۇزىكا ئەترىتىدىكى نۇرشات ئاسىم بولسا-ۋەتەندە مۇزىكا كەسپى بويىچە مەخسۇس مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن بولۇپ، مىللىيچە ساز ۋە ناخشا ئورۇنلاشتا ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇسلۇب جەھەتتە ئاممىبابلىققا مايىل.نۇرشات خەلق ناخشلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش بىلەن تونۇلغان.

مەزكۇر ئەترەتنىڭ ناخشىچىسى دانىيار بولۇپ، ئۇ گىتتار ماھىرى بولۇپ، گتتاردا ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىلىرىنى ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىلەن ئورۇنلاشقا ماھىر.

ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈك ۋە توم.ئاۋازنى كۆپ خىل ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر.

مەزكۇر ئەترەتنىڭ يەنە بىر گىتتارچىسى مىرزات بولۇپ، ۋەتەندىن بىرى تونۇلغان مۇزىكا ئ‍ەترەتلىرىدە مەخسۇس گىتتارچى بولغان.

مەزكۇر مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىچىسى دانىيار ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا مۇنداق دىدى: مۇزىكا ئەترىتىمىزنى «كومپاس»دەپ قۇردۇق، شۇئارىمىز «مەڭگۈ بىر نشان» دىدۇق، چۈنكى بىز مەڭگۈ بىر نشاندىن ئاداشماسلىقىمىز لازىم، بىز ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ جۇش ئۇرۇش راۋاجلىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز.»

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سستىملاشقان، كۆلەملەشكەن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بولماسلىقى بىر چوڭ بوشلۇق، بۇ ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇپ، بۇ بوشلۇقنى توشقۇزۇشى ئىلھام بىرىشقا تىگىشلىك بىر خىزمەت.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەلجەزىرە: فاتاخ ۋە خاماس ۋەكىللىرى ختاي پايتەختى بېجىڭدا سۆھبەت ئىلىپ باردى

سە ئاپرېل 30 , 2024
تۇرسۇن ئۇيغۇر تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 30-ئاپرىل بۈگۈن ئەلجەزىرە ئىلان قىلغان خەۋەردە، ختاي تاشقى ئ‍شلار مىنسترلىكى باياناتچىسى لىن جىيەننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، پەلەستىننىڭ ئىككى ئاساسلىق سياسى كۈچى ھسابلانغان فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرسىدا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. لىن جىيەن مۇنداق دىگەن: ئىككى تەرەپ دىئالوگ ۋە مەسلىھەت ئارقىلىق يارىشپ قىلىش سياسى ئارزۇسنى […]
فاتاخ-خاماس-بېجىڭ

You May Like