بايدىن تىرامپ ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دۈشمىنى دېدى، بىخەتەرلىك تارماقلىرى: ئىچكى ئۇرۇش خەۋپى يوق ئەمەس!جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى

1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پېنسلۋانيە شتاتىدا نۇتۇق سۆزلەپ: «ئامېرىكىنى بۈيۈك قىلىمىز دەيدىغان رادىكاللار دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان دېموكراتىيەگە ئەڭ زور تەھدىت » دەپ جاكارلىدى. بۇ ھازىرغىچە بىر پارتىيە پرېزىدېنتىنىڭ يەنە بىر پارتىيە ۋە پارتىيە پرېزىدېنتىغا قارشى سۆزلىگەن ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلەشتۈرۈش نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقان چاغدا تۆت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ياخو خەۋەرلىرىگە خەت يېزىپ مەزكۇر نۇتۇق ئامېرىكىنى تېخىمۇ بىر نەچچىگە بۆلۈشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

 بايدىن تىرامپ ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكا دۈشمىنى دېدى، بىخەتەرلىك تارماقلىرى: ئىچكى ئۇرۇش خەۋپى يوق ئەمەس!جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى

تۇرسۇنجان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-سېنتەبىر

1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پېنسلۋانيە شتاتىدا  نۇتۇق سۆزلەپ: «ئامېرىكىنى بۈيۈك قىلىمىز دەيدىغان رادىكاللار دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان دېموكراتىيەگە ئەڭ زور تەھدىت » دەپ جاكارلىدى. بۇ ھازىرغىچە بىر پارتىيە پرېزىدېنتىنىڭ يەنە بىر پارتىيە  ۋە پارتىيە پرېزىدېنتىغا قارشى سۆزلىگەن ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلەشتۈرۈش نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقان چاغدا تۆت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ياخو خەۋەرلىرىگە خەت يېزىپ مەزكۇر نۇتۇق ئامېرىكىنى تېخىمۇ خەتەرگە ئىلىپ بىرىشى مۇمكىن دىدى.

ئامېرىكىدا ئىككى پارتىيە قارشىلىقى ۋە خەلقنىڭ ئوڭ -سول ئىككىگە بۆلۈنۈشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا.
ئوڭ قانات تور بېكەتلەردە بايدىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش ھەققىدىكى جاكارنامىلەر ئېلان قىلىنغانلىقى دىققەت قوزغىدى. ئىككى كۈندىن بىرى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەر ئامېرىكا مىديالىرىدا كۆپلەپ يەر ئالماقتا.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ماركۇ رۇبىئۇ مۇنداق دېدى: « كاللىسىدىن كەتكەن جوۋ بايدىن ئۆزى ئېتتپاقلاشتۇرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېرىمىنى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى دەپ جاكارلىدى» دېدى.

تىرامپقا قارشى كەڭرى كەتكەن ئۇرۇش سېپى:

1-ئۆتكەن ئايدا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى -سابىق پرېزىدېنت تىرامپنىڭ مارىلاگو تۇرالغۇسىنى تەكشۈرۈپ زور ساندا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى قايتۇرۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكىدا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى پارتىيەگە تۇتقان سىياسىتىنىڭ ۋاسىتە تاللىمايدىغان دەرىجىگە چىققانلىقىنى تەنقىد قىلىش ئەۋجىگە چىققان.

2-بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى دېموكراتلارنىڭ باشچىلىقىدا2021-يىلى 6-يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇش كىرىش ،توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋەقەسىنى تىرامپنىڭ پىلانلىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى داۋام قىلماقتا.

3-نيۇ-يورك باش تەپتىشى ئۆتكەن ئايدا پرېزىدېنت تىرامپنى باج تاپشۇرۇش، مالىيە ساختىلىقى بويىچە سوراق قىلغان بولۇپ، تىرامپ سوراق جەريانىدا، سۈكۈت ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى، « ھە راست» دېگەندىن باشقا ھەر قانداق سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

4-تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە شىركىتىدىكى ھازىرغىچە قەدەر تىرامپ بىلەن بىرگە ئىشلىگەن 30 دىن ئارتۇق ئەمەلدار يالغان سۆزلەش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، باج ئوغرىلاش ، پاكىتنى يوشۇرۇش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئاۋسترالىيە تەتقىقات مەركىزى: ب د ت دوكلاتى ختتاينىڭ ئىنكار قىلىشغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشغا ئىمكان قويمىدى؛

شە سېنتەبىر 3 , 2022
ئاۋسترالىيە تەتقىقات مەركىزى: ب د ت دوكلاتى ختتاينىڭ ئىنكار قىلىشغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشغا ئىمكان قويمىدى؛ ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى دۇنيادا داۋاملىىق كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا.

You May Like