ئەلجەزىرە: فاتاخ ۋە خاماس ۋەكىللىرى ختاي پايتەختى بېجىڭدا سۆھبەت ئىلىپ باردى

تۇرسۇن ئۇيغۇر تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

30-ئاپرىل

بۈگۈن ئەلجەزىرە ئىلان قىلغان خەۋەردە، ختاي تاشقى ئ‍شلار مىنسترلىكى باياناتچىسى لىن جىيەننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، پەلەستىننىڭ ئىككى ئاساسلىق سياسى كۈچى ھسابلانغان فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرسىدا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

لىن جىيەن مۇنداق دىگەن: ئىككى تەرەپ دىئالوگ ۋە مەسلىھەت ئارقىلىق يارىشپ قىلىش سياسى ئارزۇسنى تولۇق ئىپادىلىدى ۋە نۇرغۇن كونكرىت تېمىلاردا مۇزاكىرە ئىلىپ بىرىپ، ئىجابى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى.ختاي بىلەن پەلەستىن بىلەن ئەنئەنىۋى دوسلۇققا ئىگە، بىز پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشنى قوللايمىز.»

ختاي ئۇزۇندىن بىرى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، ئ‍سلام ۋە ئەرەب دۇنياسنى ئ‍ۆز كونتىرۇللۇقىغا ئىلىش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولغان روسيە، ئىران، خاماس، شمالى كورىيە قاتارلىق كۈچلەرنى دىپلوماتىيە، ئېقتسادى جەھەتتە كۈچلۈك قوللاپ كەلمەكتە.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى خەلقئارا سەھنىلەر ۋە ب د ت دا داۋاملىق ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈچلۈك قوللاپ، «شنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك مۇسۇلمانلاردۇر»تەشۋىقاتىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا، ختاي باشچىلىقىدىكى ختاي، روسيە، ئىران، شمالى كورىيە قاتارلىق رەزىللىك ئوق مەركىزىگە بولغان بىردەك تونۇش ھاسل بولۇپ، ئاسيا-تىچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىكى ئېتتپاقداشلار بىلەن ئورتاق تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تېسلا شركىتى لىدىرى ئىلان ماسك شركەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېجىڭغا بىرىپ ياردەم سورىدى،قانداق خەتەرلەرگە يول قويغان بولۇشى مۇمكىن؟

سە ئاپرېل 30 , 2024
قانداق خەتەرلەرگە يول قويغان بولۇشى مۇمكىن؟ ئەركىنجان تەييارلىدى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-ئ‍اپرىل يەكشەنبە كۈنى تېسلا شركىتى لىدىرى ئىلان ماسك ختاي پايتەختى بېجىڭغا شەخسى ئايرۇپىلانى بىلەن بىرىپ، ختاي باش منستىرى لى چىياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تىسلا شركىتى دۇچ كەلگەن بىر قاتار قىينچىلىقلارنى ھەل قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە، تسلا شركىتىنىڭ تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دىتالىنى […]
ئىلان ماسك

You May Like