ئاق پارتىيە يەرلىك سايلامدا چوڭ ئۇتتۇردى، ئەردوغان: خاتالىقىمىزنى تۈزىتىمىز

(مەزكۇر خەۋەرنى ئاينۇرە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ۋۋل سچرىت ژۇرنىلىنىڭ مەزكۇر تېمىدىكى خەۋىرىنى ئاساس قىلىپ كۆپ خىل مەنبەلەردىن تەرجىمە ئاساسدا تەييارلىدى.)

ئىستانبۇل – تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيىسى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنى كونترول قىلىپ ، يەنە باشقا شەھەرلەردە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى ھەرىكەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان يەرلىك سايلامدا تۇيۇقسىز غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، دۆلەتنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ئىقتىسادىغا بولغان نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەردوغاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەنقىدچىلىرىنىڭ بىرى ، ئىستانبۇلنىڭ ھازىرقى شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئ‍وغلۇ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە 51 % بىلەتكە ئېرىشپ، 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاق پارتىيە نامزاتى مۇرات قۇرۇمنى يېڭىپ ، قايتا ئ‍ستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان.

دۈشەنبە كۈنى سەھەرگىچە ئومۇمى سايلام ئاۋازىنىڭ 95% ى سانالغان.

ئەردوغان بۇرۇن ئ‍ستانبۇل شەھەر باشلىقى بولغان بولۇپ، ئۇ ئىزچىل «كىمكى ئ‍ستانبۇلنى ئۇتسا، تۈركىيەنى ئۇتىدۇ.»دىگەنىدى.

ئىستانبۇل ئىستراتېگىيىلىك ۋە سىمۋول خاراكتېرلىك شەھەر، 16 مىلىيون نوپۇسى بار بۇ شەھەر ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ،تۈركىيە ئومۇمى ئېقتسادىنىڭ 30%نى ئىگەللەيدۇ.مەدەنىيەت، تەنتەربىيە،سودا ساھەسدىكى بۇ مۇھىم شەھەر ھاكېمىيەت بېشىدىكى ئەردوغان ۋە ئاق پارتىيە ئ‍ۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

ئەردوغان سايلام نەتىجىسى ھەققىدە «بىز خاتا قىلغانلىرىمىزنى تۈزىتىمىز، كەم قالغان يەرلىرىمىزنى تولۇقلايمىز» دىدى.

بۇ سايلام دۇنيا سىياسىي ئىشلىرىدا كۆپرەك رول ئويناشقا ھېرسمەن ئەمما تۈركىيە ئىچىدە قارشى تۇرغۇچىلىرى كۈنسايىن كۆپىيۋاتقان شەخس ئەردوغانغا نىسبەتەن بىر ئوڭۇشسىزلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا ۋاسىتىچى بولۇپ ، تۈركىيەنى دۇنياۋى كۈچلۈك ئورۇنغا قايتۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى. ئەردوغان كونسراتىپ دىنچى بولغان سياسى پارتىيىنىڭ رەھبىرى ، ئۇ ئۆتكەن 20 يىلدا تۈركىيەدىن كۆپرەك ھالدا، ئۆزىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى.

ئەردوغان يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، پارتىيىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىنىڭ سىرتىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا مۇنداق دېدى: «بەختكە قارشى بىز بۇ يەرلىك سايلامدىن كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق. «دېموكراتىيە بۇ سايلامنىڭ غەلبىسى».

دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى ئانادولۇنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، بېلەت ساندۇقىنىڭ% 93 تىن كۆپرەكى مەملىكەت مىقياسىدا ئېچىلدى.

ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى CHP ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەملىكەت مىقياسىدىكى بېلەتنىڭ ئەڭ كۆپ ئۈلۈشىنى ئىگىلىدى ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ (AKP) 23 گە سېلىشتۇرغاندا، 36 ئۆلكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى . ئۆكتىچى پارتىيە ج ھ پ -ھەتتا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەنئەنىۋى قورغىنى بولغان كونسرۋاتىپ يېزا رايونلىرىدىمۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەلبىگە ئېرىشتى.

ئەنقەرەدىكى مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ «ساندا يەرشارى» نىڭ مەسئۇلى سېلىم سازاك مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنقى چارەك ئەسىردىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئۆكتىچىلەرنىڭ غەلىبىسىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى پۇل پاخاللىقى ۋە پۇلنىڭ كاساتلىشىشى سەۋەبىدىن داۋالغۇش ئىچىدە بولدى ، بۇ ئاساسلىقى ئەردوغاننىڭ سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى. كرىزىس مىليونلىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى نامراتلىققا يېقىنلاشتۇردى. ئەردوغان بولسا ئىقتىسادنى كېڭەيتىش يولى بىلەن بىللە پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولسمۇ، نەتىجىسى ئەكسچە بولدى.

بۇ سايلام تۈركىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان ،20 نەچچە يىلدىن بۇيان غايەت زور كۈچ توپلىغان ئەردوغان ئۈچۈن چوڭ ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ: ئۆكتىچىلەرنىڭ نەتىجىسى -ئەردوغاننىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىش ئېىقتىدارىنى ئازايتىدۇ.

ئىستانبۇل ئۆزيەگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناسى ئەۋرېن بالتا مۇنداق دېدى: «بۇ -سايلامغا ئۆزى قاتناشمىسمۇ، ئەردوغان ئۈچۈن چوڭ زەربە.ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك چوڭ زەربە. بۇ سىياسىي جەھەتتە زور زەربە ».

53 ياشلىق ئىمامئوغلۇ سايلىغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە كۆپ ساندىكى بېلەتلەر سانالغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ سايلام نەتىجىسى -خەلقنىڭ قەلبىدە ئ‍ورنىنى يوقاتمىغان كىشلەر ئۈچۈن بىر سىگنال ».

يەكشەنبە كۈنىدىكى يەرلىك سايلام ئەردوغاننىڭ رەقىبىنىڭ ئۆتكەن 20 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم پۇرسىتى دەپ قارالدى. ئىمامئ‍وغلۇ 2019-يىلىدىكى سايلامدا ئەردوغانغا قارشى زەربە دەپ قارالغان سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. تۈركىيە دائىرىلىرى دەسلەپتە بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئىمامئوغلۇنىڭ تېخىمۇ زور غەلبە قازىشنىغا سەۋەب بولدى.

ئىمامئوغلۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغاننىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەردوغانغا ئوخشاش ، ئۇ تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى بىر ئائىلىدىن كەلگەن جەزبىدار سىياسەتچى. ئۇ ئۆزىنى سوسيال دېموكراتچى دەپ تەسۋىرلەيدۇ، ئۇنىڭ سايلام پائالىيىتى-شەھەر بېخەتەرلىكى، ئېقتساد تەرەققىيات، يەسلى ۋە يېڭى ئانىلارنىڭ تەمىناتى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتىلگەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى مەركەز قىلدى.

ئىستانبۇل سوتى 2022-يىلى ئىمامئوغلۇنىڭ بىر زىيارەتتە 2019-يىلدىكى سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى بىكار قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى «ئەخمەق»دىگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ھاقارەتلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن. شەھەر باشلىقى ئەكرەم بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ ، بۇ ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى دەپ قارشى تۇرغان.

ئەكرەمگە قارشى – ئەردوغان ھۆكۈمەت كابىنېتىنىڭ سابىق مۇھىت مىنىستىرى ، يېقىندا سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى مۇرات كۇرۇم ئىدى. ئۇنىڭ سايلام پائالىيىتىدە، شەھەردىكى قاتناشنى كېڭەيتىش ۋە شەھەر مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، يەر تەۋرەشكە تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى ، بۇ ئىمامئوغلۇنىڭمۇ بەرگەن ۋەدىسى.

ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپىدىكى Yavuztürk دەپ ئاتىلىدىغان ، كىشلەر كۆپ بىلمەيدىغان ئىشچىلار سىنىپى رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ، تەشۋىقات ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، تاللا بازىرى بىلەن تۇرالغۇ بىنالارنىڭ توساقلىرى كېسىشكەن جايدا قوللىغۇچىلار بىلەن سۆزلەشتى. يېقىن ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا ، ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياسالغان ۋە 2019-يىلى ئېچىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە ئالتە مۇنارىنى كۆرگىلى بولاتتى.

«ئۇلار ئىستانبۇلنى قايتۇرۇۋالماقچى ، كىمدىن؟ خەلقتىن! »دەپ سورىدى. – دېدى ئۇ كىشىلەر توپىدىن ئۈنلۈك سۆزلەپ. ئۇ ئەردوغاننىڭ ئسمىنى ئاتىماستىن، رەقىبى ئۈچۈن سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان پرېزىدېنت ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەققىدە توختىلىپ ، «ئۇلارنى ئەنقەرەگە يولغا سەپ قويايلى!» دېدى.

تۈركىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ، ئىمامومئوغلۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ سايلامنى تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتسدىن كۆزەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەندىشىسى ئىچىدە ئاساسلىق بولغىنى يېقىنقى يىللاردا كرىزىسقا پېتىپ قالغان تۈركىيە ئىقتىسادى.

سوغۇقتا تۇرۇپ ئىمامئوغلۇنى ساقلاۋاتقان 46 ياشلىق ئالاقە مەسلىھەتچىسى ئونۇر يۇكسەل مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئىقتىساد ھەقىقەتەن ناچار بولۇۋاتىدۇ ، مېنىڭچە ئەكرەم ئۇنى ئوڭشىيالايدۇ ، چۈنكى ئۇ شەھەر باشلىقىلىقىدن بىر كۈنى پرېزىدېنت بولالايدۇ».«مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.».

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئۈچۈن سىمۋول خاراكتېرلىك بىر مەغلۇبىيەتتە ، ئۇنىڭ پارتىيىسى ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى ئەردوغان ئۆسۈپ يېتىلىپ ، سىياسەتنى باشلىغان بەيئوغلۇنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتتى. ئۇ يەردە ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كاندىداتى AKP نامزاتىنى كۈچلۈك ئۇستۈنلۈك بىلەن يەڭدى.

«بىز يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارشىلىقىىمىزنى كۆرسىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ يەنىلا بېلەت تاشلاش پۇرسىتىمىز بار »دېدى 24 ياشلىق ئوقۇغۇچى مۇبېررا يىلماز ،ئۇ ئەردوغان ياش ۋاقىتلىرىدا ئىشلىگەن قاسمپاشادا ئۆكتىچىلەرگە بېلەت تاشلىغان.

ئوخشاش بېلەت تاشلاش پونكىتىدا يەنە ئەردوغاننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغان جامائەت مەكتىپىدە، ھۆكۈمەت ۋە ئەردوغاننىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى.

«مەن 18 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ كاندىداتلىرىدىن باشقا ھېچكىمگە بېلەت تاشلىمىدىم. بۇ ئۇنىڭ مەكتىپى ۋە ئەردوغان بىز ئۈچۈن پەخىرلىنىش مەنبەسى »، دېدى تۈركىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ قىزىل رەڭلىك كىيىمىنى كىيىپ مەكتەپ سىرتىدا تۇرغان 38 ياشلىق ئىشسىز ئايال جەرەن گۈڭگۆر.

سايلىغۇچىلارنىڭ تەسر كۆرستىدىغىنى يەنە ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە تۈركىيەنىڭ جەنۇبى ۋە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قىسمەن رايونلارنى تۈزلىۋەتكەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن ، يەنە يېڭىدىن يەر تەۋرەش خەۋىپىدۇر. ئاھالىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەر تەۋرەشنىڭ خەتەر سىزىقىنىڭ يېنىدا بولغان ئىستانبۇلنى قاتتىق تەۋرىتىشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ھەر ئىككى كاندىدات 1999-يىلى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ، 17 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان شەھەرنى يەر تەۋرەشكە تەييارلاشقا ۋەدە بەرگەن.

«ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى يەر تەۋرەش. بۇ بىنالارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇرات كۇرۇم »دېدى 78 ياشلىق ھامىد بۇيۇكباخچى ، AKP كاندىداتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى -دۆلەت تۇرالغۇ ئۆي باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر خانىم ئائىشە ياسىن ئ‍ستانبۇلدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

دۈ ئاپرېل 22 , 2024
ئائ‍ىشە ياسىن  ۋەتەنپەرۋەرانە ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى، جامائەتكە پايدلىق خىزمەتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئائىش ياسىن 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ، 2024-يىلى 15-ئاپرىلدا ئ‍ستانبۇلدا 53 يېشىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى. ئائىشە ياسىن 1971 – يىلى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى 20 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇپ كېيىن ئۈرۈمچىدە […]
ئائىشە ياسىن خانىم

You May Like