شياڭگاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركستان ۋە ختتايلار ھەققىدىكى نۇتۇقى

مەزكۇر نۇتۇقنىڭ ئاساسى قسمىنى چىن خاۋتىيەننىڭ بىۋاستە ھاۋالىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

شياڭگاڭ مۇستەقىلچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركستان ۋە ختتايلار ھەققىدىكى نۇتۇقى

 

ۋاقتى: 2018 -يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئورنى: شياڭگاڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى كۇلۇبى

نۇتۇق سۆزلىگۇچى: چىن خاۋتىيە (شياڭگاڭ دۆلەتچىلىك پارتىيسى)نىڭ قۇرغۇچىسى

مەزكۇر نۇتۇقنىڭ ئاساسى قسمىنى چىن خاۋتىيەننىڭ بىۋاستە ھاۋالىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

 

(دۈشمەننىڭ دۈشمەنلىرىنى بىلىش-دۈشمەننى چۈشىنىش ۋە مەغلۇپ قىلىشنىڭ مۇھىم قەدىمى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشى، دۇنيا سياسيسنى تېخىمۇ سۈزۈك چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ھۈججەت،ئاخباراتلارنى ۋاقتىدا ئەينەن دىققىتىڭلارغا ھەقسز سۇنىدۇ،ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى ئۈچۈن ئشلەۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ بىرلا ئۈمىدى:ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى،ئاخباراتقا سۆزلىششڭلارنى، ھەرىكەتكە كىلىشڭلارنى كۆرۈشتۈر-ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى)

 

….ختتاينىڭ خاراكتىرى -ئېكسپالاتاتسيە قىلىشتۇر.ئۇنىڭ يۈرىكىدە 18-ئەسردە مەۋجۇت بولغان ئىمپىريە ھازىرمۇ مەۋجۇت.

ئۇنىڭ بارلىق تېخنىكىلىق ئەۋزەللىكىدىن قەتئىنەزەر،ختتاي ھەرگىزمۇ زامانىۋى دۆلەت ئەمەس،پۇقراۋى دۆلەت بولۇشتىن تېخىمۇ يىراق،ختتاي پەقەت بىر چوڭ ئىمپىرىيە،ئەسرلەردىن بىرى ،ئۇ پەقەت «ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش»پىرىنسپى بويىچە ئىدارە قىلىنىپ كەلدى.شۇڭلاشقا،ئۇنىڭ تەۋەسدىكى بارلىق كىشلەر ۋە زېمىنلار چوقۇم ئۇنىڭغا تەلتۆكۈس قوشۇلۇشى، ئاسسلماتسيە بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى كىرەك.كۆز قارشى ئوخشمىغانلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە خىرىس قىلماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەيلەن بىردەك پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا بويسۇنۇشى كىرەك. ئەگەر سز ئاسسلماتىسيە قىلماقچى بولغان گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى بولسڭىز،سزگە ھىچ ئش بولمايدۇ،بىراق ئەگەر سز ئوخشمىغان مىللى گۇرۇپپىلاردىن تۇغۇلۇپ قالغان بولسڭىز،ئۇ چاغدا سز ھەممىنى يوقتىسز.شەرقى تۈركستانغا قاراپ بېقىڭ،تېبەتكە قاراڭ،بۇ مىللەتلەر ئەگششكە مەجبۇرلىنىدۇ،ياكى ئۆلۇم جازاسغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ياكى سز ئاشۇ «قايتا تەربىيە جازا لاگىرلىرى»غا ئەۋەتىلىسز، بۇ يەرلەردە ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەۋزەل. ئەلۋەتتە، بۇ لاگىرلار شياڭگاڭدا تېخى بارلىققا كەلمىدى، بىراق ختتاينىڭ مەقسدى ئوخشاش،يەنى ئەگەر سەن ماڭا ئوخشمىساڭ،سەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى بولسەن، ختتاي بۇنى  ھازىر تەيۋەنگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.شياڭگاڭغا قارشى ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.

ئۆتكەن 21 يىلدا شياڭگاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسدە پەقەت بىرلا يۆنىلىش بولدى ،ئۇ بولسمۇ ئارقىغا چېكىنىش! بۇ جەرياندا بىز ھەقىقى دىموكراتىك سايلامغا ئېرشەلمەيلا قالماستىن،بىز يەنە ختتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىكتاتۇرلۇققا يېقىنلاپ قالدۇق،پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان شياڭگاڭ -ختتاينىڭ ئېقتسادى جەھەتتىكى ئاسسلماتسيەسگە دۇچ كەلدۇق،ختتاينىڭ كاپىتالى شياڭگاڭ بازىرىغا سەلدەك ئېقىپ كىردى،بولۇپمۇ شياڭگاڭلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى مۇھتاج بولىدىغان ئالاھىدە ساھەلەرگە مەبلەغ سالدى،شياڭگاڭنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرۇلۇشنى ئويلاپ بېقىڭلار،

يېمەك-ئىچمەك ساھەسنى ئويلاپ بېقىڭلار،ئاخبارات ساھەسنى ئويلاپ بېقىڭلار..

ختتاي ھۆكۈمىتى شياڭگاڭنى پەقەت پۇل ۋە ئىدىئولوگىيە ئارقىلىق ئاستىن-ئۈستن قىلىش بىلەن بولدى قىلماي،ختتاي يەنە بۇ يەرگە ئۆزىنىڭ سادىق ئادەملىرىنى ئەۋەتمەكتە،ھەر كۈنى 150 نەپەر كومپارتىيەلىك شياڭگاڭغا بىر تال بىلەت بىلەنلا كىلىۋاتىدۇ،ئادەتتە،كۆچمەنلەر سياسىتى پۈتۈن جەمىيەت ئۈچۈن زور پايدا يارىتىدۇ،بىراق ختتاي كونتىرۇللۇقى ئاستىدىكى شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى سياسى ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس،يەنى بىز قىممەتلىك بىلىدىغان بارلىق نەرسلەرنى ۋەيران قىلىش!يەرلىك جەمىيەتلەر ۋەيران بولماقتا،چۈنكى بىز بىلەن قەتئى سڭىشمايدىغان مەدەنىيەت بۆسۈپ كىرمەكتە.بىزنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىمىز ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۋىتىلدى،دوختۇرخانىلاردا ئۆزلىرىمىزنىڭ ئانىلىرى تۇغۇۋىلىش ئۈچۈن بىر تال كارۋات ئىزلەش ئۈچۈن قىينىلىۋاتىدۇ،ئەمگەك كۈچى بازىرى بولسا ئەڭ تۆۋەن مۇئاش چېكىدىنمۇ كۆپ تۆۋەن مۇئاشقا رازى بولىدىغان كىشلەر بىلەن تولدى،بىزنىڭ ياشاش بوشلۇقىمىز ئوغۇرلاندى،ھەتتا بىزنىڭ تىلىمىزمۇ تارتىۋىلىندى،بىزنىڭ ئەركىن تەپەككۇرىمىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلەندى،ختتاينىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن،شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى يەرلىك كانتون تىلىدىن ۋاز كەچتۈرۈلۇپ،پۈتۈنلەي ختتاي ئورتاق تىلىنى ئشلىتىشكە مەجبۇرلاندى،گەرچە مائارىپ ساھەسدە بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان زاتلار بولسمۇ،بىراق بيېجىڭنىڭ سوزۇلغان قولى ھەممىگە يېتىپ باردى،ھازىرقى مەسلە «ئەگەر » مەسلىسى ئەمەس،پەقەت «ۋاقىت » مەسلىسى بولۇپ قالدى، بىر كۈنى بىز ئويغىنىپ ئۆزىمىزدىن سورايمىز: نىمىشقا مىنىڭ بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىم ھۆكۈمەتنىڭ گىپىنى باشقا ھەر قانداق نەرسدىن مۇھىم كۆرىدىغان بولۇپ قالدى ؟دىموكراتىيە نەدە قالدى ؟ ئەركىنلىك قەيەرگە كەتتى ؟كەڭ قورساقلىق نەگە كەتتى ؟بىز بىلىدىغان شياڭگاڭ نەگە كەتتى ؟

بۈگۈن شياڭگاڭ ختتايدىن كىلىۋاتقان «ئىرقى قىرغىنچىلىق»قا دۇچ كىلىۋاتىدۇ، ئارىمىزدا ھىلىھەم ختتايغا باش ئىگىشنى خالىمايدىغان كىشلەر بار، ئۇلار تارىخنىڭ ئۇنتۇلغان ئەسلىمسگە ئايلىنىشنى خالىمايدىغان كىشلەردۇر.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە: گېرمانىيە پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتتى!

جۈ ئاۋغۇست 24 , 2018
ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

You May Like