ئامېرىكا« شنجاڭدىكى» دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن(2018)

ئامېرىكا« شنجاڭدىكى» دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن(2018)

ئامېرىكا شنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىك سەۋەبىدىن جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى مۇمكىن

گەررى شەيخ.بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى

(مەزكۇر خەۋەر ماقالىسى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقىنىڭ رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنپ ئىلان قىلىندى،تەرجىمە ماقالە ھوقۇقى ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ،تورلاردا تارقىتىشقا بولىدۇ )

تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇرىئان

بېجىڭ،بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ دېيشىچە،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى شنجاڭ رايونىدا يۈز بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك باستۇرۇشىغا ئالاقىدار جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنى ئ‍نسانى ھوقۇققا دەخلى قىلغۇچىلارنى نشانلىغان قانۇنغا مۇۋاپىق دەپ قارالغاندا جازالىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى كومتىتى مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىۋى لاۋرا ستون چارشەنبە كۈنى بىلدۇرىشچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جۇڭگونىڭ ئاز بولغاندىمۇ ئون مىڭلىغان ئېتنىك ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قامىغانلىقىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا <<2016-يىللىق ماگېنتسكى قانۇنى>>ئاستىدا ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن.

بېجىڭ ئۆزىنىڭ باستۇرۇشلىرىنى <<تىرورغا قارشى خەلق ئۇرۇشى>>شنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنى ئاشقۇنلۇق ئامىللىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئىلىنغان زۆرۈر بولغان قەدەم دەپ ئاقلىدى،شنجاڭ 10 مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بىر كەڭرى زېىمىن بولۇپ،قانۇننىڭ سرتىدا قاماش پىروگىراممىسى  ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆز ئىچىگە نۇرغۇن كېشلەرنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغان ،ئاشكارا ھەددىدىن ئاشقان تۈزۈملەر ئىچىدە، چەتئەل تور بېكەتلىرىگە كىرەلمەسلىكتىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈش قاتارلىقلار بار.

بېجىڭدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان لاۋرا ستون مۇنداق دىدى:بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالتە ژۇرنالستنىڭ قامالغان ئائىلە ئەزالىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ،بۇ ژۇرنالستلاردىن  تۆت كىشى ئامېرىكا پۇقراسى،ئىككىسى ئامېرىكىدا ئولتۇرۇش سالاھىيتىگە ئىگە ئاھالە بولۇپ،ئۇلار ۋاشنگىتوندىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدا ،شنجاڭ ۋەزىيتى ھەققىدە خەۋەر بىرىدۇ.

ستون مۇنداق دىدى:<<بىز قاماش مەركەزلىرى ھەققىدە  ئېرىشكەن ئۇچۇرلار كىشنى بىئارام قىلىدىغان بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ >>.<<بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتىدىكى ئەندىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ھەر قانداق بىر پۇقرانى قاماشتا قانۇنى تەرتىپ ئۇسۇللارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز >>.

شنجاڭ دائىرلىرى قارىماققا  ھىچقانداق قانۇنى ئاساسسز ھالدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان <<تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى>>نى قۇرغان .ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ يەرلەرگە ھىچقانداق ۋاقىت چېكى بولماستىن ئاتالمىش سياسى تەربىيە ئۈچۈن قامالغان كىشلەرنىڭ ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشدۇ.

بۇ پەقەت ئىلگىرى تىبەت رايونىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىنغان چىن چۇۋەنگو ئىلىپ بارغان ناھايتى زور كۆلەمدىكى باشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قسمىدىن ئىبارەت.بۇ ھەرىكەتنىڭ باشقا تەرەپلىرى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نازارەت سستىمىسى ،زور ساندا ساقچىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش،دىنى يوسۇنلار ۋە كىيم-كىچەكلەرگە قارشى قاتتىق تۈزۈملەشتۈرۈش قاتارلىقلار بار.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قانۇن تۈزگۈچىلىرى مۇشۇ ئايدا  <<ماگېنتسكى يەرشارى قانۇنى>>ھەققىدە توختىلىپ، شنجاڭدىكى ئنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ۋاشنگىتوندىكى كۈنسايىن ئ‍شۋاتقان ئەندىشلەر توغىرسدا سگنال بەرگەن ئىدى.

دۆلەت مەجلىسنىڭ جۇڭگو ئ‍شلىرى مەمۇرى كومىتىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسدىن بولغان رەھبەرلىرىدىن فىلوىدا شتاتىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو ۋە يېڭى جىرسى شتاتىدىن كىرىستوفىر سىمىس ئامېرىكىنىڭ بيېجىڭدىكى باش ئەلچىسى تەررى بىرانستاند دىن رايوننى زىيارەت قىلىپ ،زور كۆلەمدىكى قاماققا ئىلىش سياسىتىگە مەسئۇل شنجاڭ ئەمەلدارلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشنى سورىغان .

<<يەرشارى ماگېنتسكى قانۇنى>> ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى ئ‍نسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى چېرىكلىك مەسلىسدە رول ئالغانلىقى ئ‍شەنچلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئ‍سپاتلانغان شەخسلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە مالىيە جەھەتتە جازالاشنى يولغا قويالايدۇ.

2017-دىكابىردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ،52 نەپەر شەخسنى بۇ قانۇن بويىچە جازالاش تېزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ،بۇلارروھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن  مىيەنمار گىنرالى ۋە تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئ‍نسانى ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنى قامىغان بىيجىڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن جۇڭگولۇق ساقچى ئەمەلدارىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا مالىيە منستىرلىكىگە  ئ‍نسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە چىرىكلىككە ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى نشانلاش ھوقۇقىنى بىرىدىغان مەزكۇر جازا قانۇنى ئاستىدا ،تېزىملىككە چۈشكەن شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بايلىقى توڭلىتىلىدۇ ۋە ئامېرىكا بانكىلىرىغا كىرىپ ئش بىجىرىشى چەكلىنىدۇ.

جۇڭگو تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى باياناتچىسى خۇۋاچۇنيى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى <<جۇڭگونىڭ ئىچكى ئ‍شلىرىغا ئارىلاشتى  ۋە ئاساسسز ئەيىپلىدى  >>دەپ ئاگاھلاندۇردى.خۇۋا يەنە :<<شنجاڭدىكى بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار تىچلىق ئىچىدە ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ، تەرەققييات ۋە خۇشال تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ>>دىدى.

<<ئەسكەرتىش <<ئۇيغۇر راست سۆزلەش ھەرىكىتى >>باشلاندى،نەتىجىسمۇ كۆرۈلۇۋاتىدۇ،ئەركىن ئاسيا مۇخبىرلىرىنىڭ تۇققانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە ئۆتتى .

سزنىڭ بۇنى ئوقۇغانلىقىڭىز سزنىڭ چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ،ۋەتەندە سزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز ،دوسلىرىڭىز ،خوشنىلىرىڭىز ئىغىر خەۋپ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ،ئۇلار ئۈچۈن سزنىڭ ۋە مىنىڭ مەسئۇلىيتىم ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەر يەنى ئاشكارا ئاسسلماتسيە ۋە مەخپى قىرغىنچىلىق ھەققىدە  پەقەت راست سۆزلەشتۇر،ھەق سۆزلەشتۇر،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز سزنىڭ ھىچبولمىسا ھەق گەپنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىلدا دۇنياغا،تاراتقۇغا،ھۆكۈمەتلەرگە،چەتئەل پۇقرالىرىغا،تەشكىلاتلارغا راسچىللىق بىلەن پاكىتلىق ھالدا ئاڭلىتىشڭىزنى ئۇمىد قىلىدۇ،سز چوڭ ئ‍ش قىلالماي،كىچىك ئ‍شنى ياراتماي يۈرگىچە،ھىچبولمىسا مەخپى نامدا بولسمۇ ،راست گەپنى قىلىڭ،بۇنداق قىلىشڭىز سزنىڭ ئالاھىدە ئىنقىلاپچى ئىكەنلىكىڭىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ ،ئۇيغۇرنى ئازات قىلىشىمۇ ناتايىن،ئەمما سزنىڭ يەنىلا ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنىڭ بىردىنبىر ئ‍سپاتىدۇر.>>

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئامېرىكا تاشقى ئشلار منېستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

جۈ ئاپرېل 20 , 2018
ئامېرىكا تاشقى ئشلار منېستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالستلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى باياناتى

You May Like